ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنى مۇبارەكلەيمەن ، قۇربان ھېيىتنى خوشال-خورام ئۆتكۈزگەيسىلەر !
يىلىدا بىر كېلىدىغان بۇ ئۇلۇغ كۈننىڭ ھۆرمىتىدە ، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ ، ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ ، پىقىر-مېسكىنلەرگە سىلە-رەھىمنى كۆپلەپ قىلىپ ، ۋە ئۇلارنى ئالدى بىلەن يوقلاپ ، قۇربان ھېيتىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە ھەمدە بولۇشۇڭلارنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن .
بىز ھېيىت خۇشاللىقىغا چۈمگەن ئاشۇ دەقىقىلەردە ، مۇھتاجلىق دەردىدىن يۈرىكى قىسىلىۋاتقان نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ، ئۇلارنىڭمۇ ھېيتىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئاتاپ قويغان ھېيىتلىق داستىخنىمىزنى يەتكۈزۈپ بىرشنى ئىنسانىۋىي پەزىىتىمىزنىڭ ، بولۇپمۇ مۇسۇلماندارچىلىقىمىزنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ بىلىشىمىز تولىمۇ زۈرۈر .....
مەن ئۇلۇغ قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن ، مەن بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەريانىدا ، دېلى مەندىن رەنجىگەن دوستلاردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمەن . مېنى ئەپۇ قىلىڭلار ، دوستلىرىم .
بۇ مەۋھۇم دونيادا مەن بىلەن تونۇشقان بارلىق دوستلارغا ھېيىتلىق سوۋغا سۈپىتىدە ، بىر دانە ئۇسلۇب ئېلىپ كەلدىم . ئىشلىتىدىغانلار ئىشلىتەرسلە ، ئىشلەتمەيدىغانلار ساقلاپ قويارسىلە .....
ئۇسلۇب نامى : تەبەسسۇم
تۈرى : بىلوگ ئۇسلۇبى
ئۇسلۇب رەڭگى : ئاق ۋە يېشىل رەڭدىن تۈزۈلگەن .
ئالاھىدىلىكى : كۆركەم ، ئازادە ، كىشىگە بىر خىل يىقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ ، بەزىبىر ئارىلاشما رەڭلەردىن خالىي ، نۆۋەتتە ئالىقىشقا ئېرىشىۋاتقان تار سىتۇن ھالىتىنى ئاساس قىلغان ، يان رامكا قوشۇشنى قوللايدۇ ، ئۆزى بەلگىلەيدىغان تىزىملىك قوللايدۇ . ئىچىلىش سۈرئىتى تىز .....
يىتەرسىزلىكى : تەڭشەك سۇپىسى يوق ، سەھىپە بويىچە بەت ئىچىپ بىرىشنى قوللىمايدۇ .
باش بەت كۆرۈنۈشى
يازما بېتى كۆرۈنۈشى
ھۆججەت سىغىمى :
يىڭىلانغان ۋاقتى :2013-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرىسى:1-چۈشۈرۈش ئادرىسى 2-چۈشۈرۈش ئادرىسى
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ئاغا ، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟-، بىلوگىم تۇلا قالايمىقان بۇلۇپ كىتىپ ماۋۇ ئۇسلۇبنى سىناپ باققانتىم خېلى ئوبدان ئۇسلۇپكەن بۇ . ھازىر تورلاردا ھەقسىز ئۇسلۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئەللىم ئۇسلۇبلېرى ئەڭ قۇلايلىقمكىن دەپ قالدىم ، ئۇيەردىن -بۇ يەردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخرىدا سىزنىڭ visky ۋىسكىي ئۇسلۇبىڭىزنى تاللىۋالدىم. ئارقا بەت تەڭشەكلېرىمۇ تۇلۇقكەن . ئۆزۈم يالغۇزلا ئوڭشىۋالدىم. تىلفۇندا تور كۆرگۈچىلەرگىمۇ خېلى ماس كىلىدىغاندەك تۇرىدۇ دۇپپام يوققۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ھاجى ، رەھمەت ، سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.ھارماڭ مۇئەللىم.
بىرگە بولسۇن مەدىكار !
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم، قەدىرلىك مۇئەللىم ئاغا: ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
تېنىڭىز سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بولغاي. شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتتا ئىللىق ئائىىڭىز تېخىمۇ كۆپ شاتلىققا مۇيەسسەر بولغاي…
ھېيىتنىڭ خاسىيىتى بىلەن،كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىپ قويغان يەرلىرىم بولسا ئەپۇ قىلارسىز.
قۇربان ھىيىتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم ئاغا زادى بىر ئۇسلۇب ھىيتلىق تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىمىزنى پەملىگەن ئىدىم
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت