ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، بۇ يازما ۋوردپرس ئۇسلۇبىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان يازما بولۇپ ، يازمىلىرىمنىڭ سىزگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشى مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم !!!
ئۇسلۇب نامى : murad 2.0
ئۇسلۇب تۈرى : ۋوردپرس بىلوگ ئۇسلۇبى
ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچى : مۇئەللىم بىلوگى
ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى :
1) تۇغ رەسىمىنى خالىغانچە بەلگىلىيەلەيسىز .
2) ئۇسلۇب بىر تىزىملىك قوللايدۇ ھەم سىيىرىلما تىزىملىك ئىقتىدارى بار .
3) ئۇسلۇبقا سىيرىلما رەسىم ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ ، بىلوگ ئارقا بېتىدىكى ئۇسلۇب
تەڭشىكى ئارقىلىق ، خالىغان سەھىپىڭىزنى بۇ ئورۇندا كۆرسىتەلەيسىز .
4) ئۇسلۇبنىڭ ئۇسلۇب تەڭشىكى بار ، بۇ يەردىن يان رامكا ئىلانلىرى ، يازما ئىچى
ئىلانلىرى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇپلا قالماي ، سىيرىلما رەسىم ئىقتىدارى ، بىلوگ بىلدۈرگۈسى
قاتارلىق ئىقتىدارلارنىمۇ بەلگىلىيەلەيسىز .......
5) ئۇسلۇبنىڭ يان رامكا قوللاشچانلىقى كۈچلۈك ، كىچىك قوراللارنى يان رامكا ۋە بەت
ئاستى قىسمىدا ئۆز ئارزۇيىڭىزغا ماس ھالدا كۆرسىتەلەيسىز .
6) ئۇسلۇبنىڭ ئارتۇقچە قىستۇرما تەلىپىمۇ يوق ، ھەم ئىشلىتىلگەن js ھۆججەتلەرمۇ ئاز
بولغاچقا ، قوزغىلىش سۈرئىتىمۇ باشقا ئۇسلۇبلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تىز ، ئۇنىڭ
ئۈستىگە ئۇسلۇبنىڭ رەڭ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى ۋە سىتۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشى مۇۋاپىق
بولغاچقا ، كىشىگە ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ ......
ئۇسلۇب باش بەت كۆرۈنۈشى :
ئۇسلۇب يازما بېتى كۆرۈنۈشى :
ئۇسلۇبنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش :
ئەسكەرتىش : ئۇسلۇب كۆرۈش ئادرىسى تەمىنلەنمىدى ، بۇ ئۇسلۇبنىڭ پەقەت ئۇستى قىسمىدىكى ئالمىشىدىغان رەسىم ئۈنۈمىلا murad 1.0ئۇسلۇبىدىن پەرقلىنىدۇ ، قالغان ئىقتىدارلار ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىدۇ . تەمىنلەنگەن رەسىمىگە ئاساسەن ، سېلىشتۇرۋىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 07-كۈنى 7:54 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئەمدى ئېسىل ئۇسلۇبتىن بىرسى ئۇچرىدى دېسەم ھەقلىق قىلۋاپتا مۇئەللىم.. ..
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 07-كۈنى 2:54 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ھەقلىق ئىكەندە بۇ ئۇسلۇب…. ئۇزۇن بوپ قاپتۇ مۇئەللىمنىڭ بىلوگىغا كىرمىگىلى…
2013-يىلى 09-ئاينىڭ 06-كۈنى 8:03 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئۆزتىل بىتىگە يوللاپ قويدۇم . سېتۋېلىش ئادرىسى بولمىغاچ مۇشۇ يازمنى ئۇلاپ قويدۇم www.oztil.biz
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 21-كۈنى 7:23 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
بەك چىرايلىق چىقىپتۇ بۇ ئۇسلۇب مۇشۇنداق ئىسىل يازمىغا ئىنكاسمۇ يازماپتۇ دىۋان ئوڭچە قاپتۇ بىزگە مانا ]20[
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى 2:56 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@سارايۋەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، شۇ تەتىل ئەمگەك قىلىپ چېنىقىپ، تورغا چىققۇدەك پۇرسەتمۇ بولمىدى. لېكىن ئۇسلۇب راستىنلا پىچەت چىقىپتۇ جۇما
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 13-كۈنى 12:21 چۈشتىن بۇرۇن 5-قەۋەت
بەكلا پىچەت بىلىندى ماڭا،چۈشۈرەي دېسەم ھەقلىقكەن،بۇمۇ بولغىنى بولمىسا پاخال بۇلۇپ كەتمىسۇن.ئېلكىتاپ چىقىردىغان بلوگقا بەكلا ماس كېلەمدۇ قانداق؟
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 23-كۈنى 4:12 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@دىلبىر شۇنداق ، شۇنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئۆزگەرتكەنكەن ، رەسىم كۆرگەزمىسى تىپىدىكى ياكى فېلىم تىپىدىكى بىلوگلارغىمۇ ماس كېلىدۇ ……