ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، بۇ يازما ۋوردپرس ئۇسلۇبىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان يازما بولۇپ ، يازمىلىرىمنىڭ سىزگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشى مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم !!!
ئۇسلۇب نامى : murad 1.0
ئۇسلۇب تۈرى : ۋوردپرس بىلوگ ئۇسلۇبى
ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچى : مۇئەللىم بىلوگى
ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى :
1) تۇغ رەسىمىنى خالىغانچە بەلگىلىيەلەيسىز .
2) ئۇسلۇب بىر تىزىملىك قوللايدۇ ھەم سىيىرىلما تىزىملىك ئىقتىدارى بار .
3) ئۇسلۇبقا سىيرىلما رەسىم ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ ، بىلوگ ئارقا بېتىدىكى ئۇسلۇب
تەڭشىكى ئارقىلىق ، خالىغان سەھىپىڭىزنى بۇ ئورۇندا كۆرسىتەلەيسىز .
4) ئۇسلۇبنىڭ ئۇسلۇب تەڭشىكى بار ، بۇ يەردىن يان رامكا ئىلانلىرى ، يازما ئىچى
ئىلانلىرى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇپلا قالماي ، سىيرىلما رەسىم ئىقتىدارى ، بىلوگ بىلدۈرگۈسى
قاتارلىق ئىقتىدارلارنىمۇ بەلگىلىيەلەيسىز .......
5) ئۇسلۇبنىڭ يان رامكا قوللاشچانلىقى كۈچلۈك ، كىچىك قوراللارنى يان رامكا ۋە بەت
ئاستى قىسمىدا ئۆز ئارزۇيىڭىزغا ماس ھالدا كۆرسىتەلەيسىز .
6) ئۇسلۇبنىڭ ئارتۇقچە قىستۇرما تەلىپىمۇ يوق ، ھەم ئىشلىتىلگەن js ھۆججەتلەرمۇ ئاز
بولغاچقا ، قوزغىلىش سۈرئىتىمۇ باشقا ئۇسلۇبلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تىز ، ئۇنىڭ
ئۈستىگە ئۇسلۇبنىڭ رەڭ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى ۋە سىتۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشى مۇۋاپىق
بولغاچقا ، كىشىگە ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ ......
ئۇسلۇب باش بەت كۆرۈنۈشى :
ئۇسلۇب يازما بېتى كۆرۈنۈشى :
ئۇسلۇبنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش :
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ