مەرھابا ، ئەزىز دوستلار ! قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
پەرۋىشكارنىڭ ھىممىتىدە 40يېشىمدا بۇ ئۇلۇغ ئايەمنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن . تور دۇنياسىدىكى بۇ ئاددىي كەپەمدە مەۋھۇم دۇنيادىكى جانجىگەرلەرگە ھېيىتلىق داستىخان سېلىش نىيىتىدە بىلجىرلاۋاتىمەن ، بۇ ئىغىزىمنىڭ ئۇچىدىن ئەمەس ، بەلكى يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان چىن تۇيغۇلىرىم . تور دۇنياسىدا "مۇئەللىم" نامىدا مەلۇم نوپۇزغا ئېرىشكەن مۇشۇ دەقىقىلەردە ، بۇندىن بۇرۇنقى كەچمىشلىرىمنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزدۈم . بەزىلەرنى ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلار بىلەن خۇشاللىققا چۆمدۈرگەن بولسام ، يەنە بەزىلەرنىڭ دىلىنى قاتتىق رەنجىتتىم ، بۇلار كۆڭلۈمگە ئايان . كونىلار ھېيىتنى "كونا ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ تاشلاپ ، ئىناقلىقنى كۆچەيتىدىغان"قۇتلۇق بايرام دەپ ئاتىشىدۇ . مەنمۇ شۇنداق قارايمەن ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادا مەيلى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك بولسۇن ، مەن دىلىڭلارنى رەنجىتكەن ھەر بىرىڭلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن . بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىدىن بولسىمۇ مېنى كەچۈرۋىتىڭلار . بۇ ئۇلۇغ كۆنلەردە دوستلارغا نەمۇنە سۈپىتىدە بىر تال ئاددىي ئۇسلۇب ئېلىپ كەلدىم . ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەيسىلەر ....
ئۇسلۇب ئالاھىلىكى
ئۇسلۇب نامى : Lipop
ئۇسلۇب تاق ئىستۇنلۇق ، تار ئىكرانلىق ئۇسلۇب بولۇپ ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان ، ئەسلى ئۇسلۇبقا ئۆز قىزىقىشىم تۈپەيلى ئاز بولمىغان ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن . سىيرىلما ھالەتتىكى تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان . يېنىك بولغان بىلوگ ئۇسلۇبىدىن ئىبارەت . ئەسلى ھەقلىق تارقاتقان بۇ ئۇسلۇبنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ ، ھېيىتلىق سوۋغا سۈپىتىدە سىلەرگە سۇندۇم ...
ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈزى
ئۇسلۇبنى كۆرمەكچى بولسىڭىز : بۇ يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ
ئۇسلۇبنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز :
2016-يىلى 03-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:42 چۈشتىن كېيىن تەخىت
بۇ ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام قاچىلاندى ،ئەمما قوزغاتسام قوزغالمىدى سەۋەبى دەپ بىرەلىمۇ ؟
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 7:09 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
مىنىڭ بىلوگىمدا خەتلەر نىمە ئۈچۈن ،بۇ يەردىكې روسىملەردىكىدەك چىرايلىق چىقمايدۇ ؟ ئارقا بەت خەت نۇسخىسىنى ئورناتقان ، ئۇ يەردە مەسىلە يوق بولمىسا ، نىمە سەۋوپتۇر بىلەلمەي قالدىم
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 08-كۈنى 12:03 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
بەت ئېچىلىۋاتىدۇ دەپلام تۇرىدۇ…..ساقلاۋاتىمەن…بۇ قۇربان ھېيتمۇ ئۆتۈپ كەتتى مانا ھېچ ئېچىلمايدۇ
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:37 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
مۇشۇ سومكامدىن بىر نەرسە چۈشۈرەلىسەم نىم بۇلاپ كىتە دەيمەن.
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 01-كۈنى 1:19 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@سەھرايىم سىلە نەرسە چۈشۈرەلەيدىغان ، بىزنى يەكلىمەيدىغان تور دېسكىسىدىن بىرنى دەپ بېرىڭلا ، مەن بۇندىن كېيىن شۇنىڭغىلا يوللاي ، ئەمدى سومكامدىن چۈشۈرەلمىدىم دېسەڭلا ، بۇنىڭغا نېمىمۇ دەرمەن …..!
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:29 چۈشتىن بۇرۇن 5-قەۋەت
قۇربان ھىيتڭلىغا مۇبارەك بولسۇن
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 01-كۈنى 1:21 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@سەھرايىم كۆپ رەھمەت ، بىرگە بولسۇن !
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 29-كۈنى 7:47 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
ئۇستاز بۇ ئۇسلۇبمۇ شۇنداق ئۇز چىقىپتۇ راس سورىسام قانداق بولار ئاۋۇ ناخشا قويغۇچنىڭ مەخپىيتىنى بىر ئاشكارلاپ بەرگەن بولسىلىرى ئوبدان بولىتى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 02-كۈنى 11:20 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@چىم چىم بۇ بولسا بىر html5 مۇزىكا قويغۇچى ، بۇ قۇيغۇچنىڭ يوشۇرغۇدەك ئۇنداق مەخپى يېرى يوق …
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 1:48 چۈشتىن كېيىن 7-قەۋەت
قۇربان ھييتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 9:18 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@تۈركزاد رەھمەت ، بىرگە بولسۇن !
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:09 چۈشتىن كېيىن 8-قەۋەت
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم قۇربان ئىيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن !
مەن بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلىسام بىر ئۇچۇر چىقىۋىلىپ تۇرۋالدىيا …؟
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:43 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئالۋۇن ئوڭشاپ قويدۇم ، قايتا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ …
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:44 چۈشتىن كېيىن 9-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، رەھمەت، بىرگە بولسۇن!
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:00 چۈشتىن بۇرۇن 10-قەۋەت
قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
بىز تەرەپلەرگىمۇ ھېيتلاپ كىتەرسىز
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:10 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@بىلىمنۇر سىزنىڭ باھا رامىكىڭىزغا ئۇيغۇرچە باھا يوللىغىلى بولمىغۇدەك ، سەۋەبى : ئۇنى چەكلەيدىغان كودنى ئېلىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز ، شۇڭا مۇشۇ يەردىلا ئەھۋال سوراي ؛ سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:38 چۈشتىن بۇرۇن 11-قەۋەت
قۇربان ھىيتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:03 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@بىلرام بىرگە بولسۇن !
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:17 چۈشتىن بۇرۇن 12-قەۋەت
كۆركەم چىقىپتۇ ؛
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 02-كۈنى 11:21 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@مۆتىۋەر رەھمەت ….