ئوغرىنىڭ باشچىسى (ئانا)
مەن مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى . دادام بىلەن ئېتىزغا سۇ قويۇپ، قايتىپ كېلەر يولدا مەن بىرتۈپ ياڭاقنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۈنۈپ نۆتا چىقىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، دادامغا :" دادا ما ۋۇ ياڭاقنى باشقىلار تېرىغان ياڭاقمۇ؟ " دەپ سورىسام ، دادام : ياق بالام ، مېنىڭچە بۇ قاغا كۆمۈپ قويغان ياڭاق ، ئۆزى ئۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ دېدى. مەن : دادا ئەمىسە بىز ئالغاچ كېتىپ باغقا تىكىپ قويايلىمۇ دىسەم ، دادام : بولمايدۇ بالام ، ئۇ باشقىلارنىڭ يىرىگە ئۈنۈپتۇ، دېمەك باشقىلارنىڭ ، ئالما دېدى. ئاندىن يەنە يولدا مىڭىپ بولغۇچە مۇنداق بىر ھىكايىنى ئىيتىپ بەردى.
بىر ئانا بار ئىكەن ، ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بارئىكەن. ئۇنىڭ يولدىشى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ، ئانا - بالا ئىككىسى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. بالا 7 ياشقا كىرگەن ۋاقىتلاردا سىرىتتىن بىر تۈپ سەينى ئىلىپ كەپتۇ. ئانا : ئوبدان قىپسەن بالام ، مەن ساڭا ئوخشىتىپ لەڭمەن قىلىپ بېرەي دەپتۇ . كېيىن بىرنەچچە تال چامغۇر ئىلىپ كەپتۇ، ئانا خوش بوپ يەنە : ئوبدان قىپسەن بالام دەپتۇ . كۈنلەر ئۆتۈپ بالا چوڭ بوپتۇ ، بارا - بارا توخۇ ، قوي ، كالا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەكەپتۇ ، ئانا ئۇنىڭغا ھېچىنىمە دېمەپتۇ .
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بالا چوڭ بوپتۇ ، بىرنەرسىلەرنى ئوغىرلاپ كۆنۈپ قالغان قولى ھىچ ئىشقا خوش ياقماي ، كۆڭلى نېمە تارتسا شۇنى ئوغىرلاپ ، يامان ئوغرىلاردىن يېتىشىپ چىقىپتۇ. ئۇ ئوغرىلىق قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈش ، يارىلاندۇرۇش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ، باشقىلارنىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچىراپتۇ . ساقچىلار ئۇنى تۇتىۋىلىپ ، سوت ئىچىپ ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇپتۇ . ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان كۈنى ساقچى تەرەپ ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ . ساقچى : سىنىڭ باشقا تەلىپىڭ بارمۇ ؟ دەپ سورىغاندا ، بالا : مەن كىچىگىمدىن ئانامنى ئېمىپ چوڭ بوپتىكەنمەن ، شۇڭا ئاخىرقى قېتىم ئانامنى ئېمىۋالسام دېگەنىكەن ، ئانا ماقۇل بوپتۇ . ئانا كۆكسىنى تەڭلىگەندە ، ئۇ بالا ئانىنىڭ كۆكسىنى قاتتىق چىشلەپ ئانىنى ئۆلتۈرۋىتىپتۇ ، ساقچى : سەن نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن دەپ سورىسا ، ئوغرى : مەن كىچىك ۋاقتىمدا ، ئانام مەن باشقىلارنىڭ نەرسىنى ئوغرىلىغان ۋاقتىمدا مىنى توسىغان بولسا ، بۈگۈنكى ئاقىۋەت كىلىپ چىقمايتتى دەپتۇ.
دېمەك بالام : پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەش كېرەك . باشتا تۇرۇپ ئالسا ، كېيىن ئۇنىڭدىن چوڭىنى ئالغۇسى كېلىدۇ . ئاتا - ئانا بولغۇچى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىشى كېرەك . تەربىيە قىلىغاندا بايقى ھېكايىدەك ئاشۇنداق كىشىلەردىن بوپ قىلىشى مۇمكىن دېدى .
مەن بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دادامنىڭ بىزنى نېمىشقا خەقنىڭ نەرسىلىرىنى ئالغىلى قويمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم .
ئاپتور : تەلەي365
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى 6:04 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئېسىلكەن
2014-يىلى 03-ئاينىڭ 07-كۈنى 9:35 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
دوستلار مىھمان تاماقنى يەپ بولسا بىرە كەرىمە دۇئا قىلىدىغان ، يازمىنى ئوقۇپ بىرە پارچە تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى ئايمىساڭلار مەن بولمىسا ئۆزۈمنىڭ يازما يازغاندىكى كەمچىلىكىمنى ئۇقالماي تەمتىرەپ قالدىكەنمەن ئىنكاسلىرىڭلار تەشنا قىلىۋەتتى مىنى