ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
تۇمان باسقان كۆڭلۈمدە قايتىۋاتقىنى شۇ بىرلا ئەكىس سادا ئېدى . «كۆڭلۈمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ !!!»
چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ ، بۇ ئاخىرقى قېتىم دېدىڭ ، ھاياجاندىن تىپىرلاۋاتقان يۈرۈكۈڭنى زورمۇ-زور بېسىپ تۇرۇپ ، بۇ ئاخىرقى قېتىم دېدىڭ . قېنىپ-قېنىپ ھىدلاپ تۇرۇپ ، «بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم .....!!!» دېدىڭ . ئەمما قۇربان بېرىش دەققىلىرىدە دەقىقە ، سىكونتلاپ تۆلەۋاتقان ئازابلىق بەدەللىرىڭ ئۈچۈن ، بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىر ئۆزۈڭلا بىلەتتىڭ . بۇ دەقىقە ، سىكونت ۋە مىنۇتلاردىن ئاستا-ئاستا ئۆتمۈشكە ئايلانغان ئازابلىق بەش يىل ئىدى . كۈنلىرىڭ كەمسىتىلىش ، ھاقارەت ، تىل-دەشنامدا ، تاياق-توقماق ئاستىدا ئۆتكەندىمۇ ، رەھىمسىز رېئاللىق ، قاباھەتلىك چۈشلىرىڭ تېنىمسىز قىينىغاندىمۇ ، سەن يەنىلا شۇ كۆڭۈلنىڭ ئىلكىدە ئىدىڭ ......
ئاشۇ كۆڭۈل ساڭا شۇنداق ئۆگەتكەنمىدى ؟! ئېرىشكەنلىرىڭدىن يوقاتقانلىرىڭنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، يەنىلا شۇ يولنى تاللىدىڭ . ئۇنىڭ ھە بىر سۆزىنى رەت قىلىشقا كۆڭلۈڭ ئۇنىمايتتى ، ئۇنىڭ سېنى ئەركىلىتىشىنى ، ساڭا قاراپ كۈلۈمسىرىشىنى ، گەپ قىلىشىنى تولىمۇ خالايتتىڭ ، ئۇنىڭسىز ۋاقىت توختاپ قالاتتى ، ئۇنىڭسىز قوللىرىڭ ئىشقا بارمايتتى ، ئۇنىڭسىز ئۆز مەۋجۇتلۇقۇڭنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتىڭ . بۇ كۆڭۈل شۇنداق ئىسكەنجىگە ئېلىنغان ئىدىكى ، سەن پەقەت ئىرادەڭگە خىلاپ تۇرمۇشۇڭنى ئەنە شۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كېلەتتڭ .
- رەھمەت ، كۆڭلۈمنى قايتۇرۇپ بەرگىنڭىزگە !
گادىرماچ خىياللارغا تولغان كاللامنى قاماللىغىنىمچە ، كۆڭلۈڭنى قايتۇرۇپ بەرگەن - بېرەلمىگنلىكىم ئۈستدە ئىككىلىنىشكە باشلىدىم . يەنە بىر ئەكىس سادا كۆڭۈل ئاسمىنىمدا ئۇچۇپ يۈرەتتى ، «بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ....!!!» .
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ