ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئىككى يىرىم ئايلىق ئايرىلىش سەۋەبىدىن بىلوگقا يازمىمىۇ يوللانمىدى . گەرچە تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ ، بىلوگدا يېڭلىنىش بولمىدى . بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم دوستلىرىمىزغا ئايان بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم دوستلىرىمىزغا ئايان ئەمەس ....
سەۋەب ؛
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى مەكتەپتە خىزمەت ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە يىقىلدىم ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلدۇم ، دەسلەپكى دىئاگنۇز «يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسى» دەپ قويۇلدى ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە شىپاسى ، ئارقىدىن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكى غوللۇق دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن كېسەللىك كونتىرۇل قىلىندى ھەمدە دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىغا يۆتكۈلۈپ ، كۈچ ئۇلاپ داۋالاشنى قوبۇل قىلدىم .
يۈرەكنى سايىلەندۈرۈپ تەكشۈرۈش «造影»نەتىجىسىدە كېسەللىك دىئاگنۇزى «يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسى + يۈرەك ئىقتىدارى 2-دەرىجە» دەپ ئېنىق بىكىتىلدى .
مۇشۇ خىل تەقدىر-قىسمەتلەر تۈپەيلى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان دوستلىرىمىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرى جاۋابىسىز قېلىش بىلەن بىرگە ، كەڭ بىلوگگىر دوستلارغا روھىي ئوزۇق بولىۋاتقان مۇئەللىم بىلوگىمۇ بىر مەھەل چۆلدەرىدى .
نۆۋەتتە سالامەتلىكىم ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلماسلىق ۋە چارچاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت قىلىنغاچقا ، يەنىلا ئارام ئېلىش ئاساسىدا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىۋاتىمەن . يەنە دىققەت قىلمىسام يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش بىلەن ھەر ۋاقىت ھاياتىمغا خەۋپ يېتىشى تۇرغانلا گەپ .....
بۇندىن كېيىن بىلوگ ئاستا بولسىمۇ ھەر ھالدا يېڭىلىنىڭ بارىدۇ ، بۇرۇنقىدەك تىز بولماسلىقىمۇ مۇمكىن .
بىلوگ مېنىڭ ئىشتىن سىرىتقى قىزىقىشىم ، ئەمما تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى ئەمەس . بىلوگمۇ بۇرۇنقى يېزىش ئۇسۇلىدىن چەتنەپ كەتمىگەن ئاساستا ، ئۆز يۆنىلىشىنى ساقلاپ داۋاملاشتۇرلىدۇ .
مۇلازىمەتكە ئىھتىياجىلىق دوستلار بولسا ، ئۆزى ئىھتىياجلىق بولغان مۇلازىمەتنى ئەستايىدىل ۋە ئەتراپلىق خاتىرلىگەندىن كېيىن ، بىلوگدىكى ئالاقە قوراللىرىنىڭ ياردىمىدە ئەۋەتىپ بەرسە ، ۋاقىتنى ئۆزئارا كېلىشىپ ، پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ياردەمنى تاماملاپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن . ئەمما پۈتۈشكەن مۆھلەتتىن بۇرۇن ئالدىراتقانلار ۋە ياكى لايىھەنى تەكرار ئۆزگەرتكۈچىلەر كۆرۈلسە ، ياردەم بېرشنى ھەر ۋاقىت رەت قىلىمەن . شۇڭا ئەتراپلىق ۋە ئەستايىل ئويلىنىپ لايىھە تۈزۈپ ئەۋەتىڭ ....
مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى كەڭ دوستلارغا كەلتۈرگەن ئارۋارىچىلىقلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن !!!
نۆۋەتتە :12 باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى 7 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى 5 پارچە
باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......
2015-يىلى 07-ئاينىڭ 04-كۈنى 12:47 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
ئاللاھ تىنىڭىزغا سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن ، ئۆزىڭىزنى ئاسرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن …. ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن …
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 12-كۈنى 1:22 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللا ئاسانلىقنى بەرسۇن قېرىندىشىم. ھىلىمۇ ياخشى ۋاختىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ. ياخشى ئارام ئېلىڭ.
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 12-كۈنى 8:34 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئەلسىھەت @ئەلسىھەت ئىنشا ئاللاھ ، تىلىگەنلىرى كەلگەي ، چوقۇم دىققەت قىلىمەن .
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 07-كۈنى 8:41 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ماۋۇ يازمىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن، نىمىشقا يوقاپ كەتكەنكى دېسەم ئەسلى مۇنداقكەندە…. ئوبدان داۋالىنىپ كۆرەپ دەم ئېلىڭ سالامەتلىڭىزنى ئاسراڭ.، ھەرگىز بىھۇدە ئېغىر چارچىۋالماڭ ،
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 12-كۈنى 8:35 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@قاسىمجان @قاسىمجان رەھمەت ، چوقۇم دىققەت قىلىمەن .
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 27-كۈنى 2:56 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.
ھەممىدىن مۇھىمى سالامەتلىك مۇئەللىم ئاغا، باشقا ئىشلارنى ئالدىرىماي قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقتىڭىزنى كۆپرەك ئۆزىڭىزگە ئاجرىتىڭ..
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 9:56 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئۇيغۇربەگ @ئۇيغۇربەگ رەھمەت بەگ ، جەزمەن شۇنداق قىلىمەن !
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 07-كۈنى 12:46 چۈشتىن بۇرۇن 5-قەۋەت
ھە شۇ تۇنجى قىتىم كورۇشكەن جايىمىز باشلانعۇچ مەكتەپ
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 07-كۈنى 12:36 چۈشتىن بۇرۇن 6-قەۋەت
ئاللا شىىپالىق بەرسۇن جىنىم ئاكىىجان ئوزىڭىزنى كوپ ئاسىراڭ
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 07-كۈنى 12:41 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@شادىمان مېنى باشلانغۇچتا كۆردىڭىز ؟
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى 7:58 چۈشتىن كېيىن 7-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، ئۇزۇن بوپتۇ پاراڭلاشمىغىلى. مەنمۇ تەتىلدە قايىتماي كۈنلىرىم بەكلا ئالدىراش ئۆتىۋاتىدۇ. سالامەتلىكىڭىزنى كۆپرەك ئاسراڭ، ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 9:58 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ھاجى @ھاجى ئىنشا ئاللاھ ، دېگىنىڭىز كەلسۇن !