قاغىلار سايلىغان پادىشاھ

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
تۈركچىدىن خەدىچە ئاۋۇت تەرجىمىسى

بارئىكەن، يوق ئىكەن، قەدىمكى زاماندا يۇرتلارنىڭ بىرىدە بىچارە بىر كىشى ئۆتكەنىكەن، كۈندىلىك قورسىقىغا يېگۈدەك ئوزۇق-تۈلۈك، ئۇچىسىغا كىيگۈدەك كېيىم-كىچىكىمۇ يوق ئىكەن،ئەمما يامان نىيەتلىك ئەمەس ئىكەن،پۈتۈن ئەس-يادى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئىكەن،ياخشىلىق قىلىشنىغۇ ئويلايدىكەن، ئەمما شۇ ياخشىلىقنى قانداق قىلىشنى بىلمەيدىكەن.
پات-پات :
-ئاھ بىر قولۇمدىن كەلسە شۇ ئىنسانلارغا بىر ياخشىلىق قىلسام دەيدىكەن.
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغانلار سورايدىكەن:
-خوش،قانداق ياخشىلىق قىلىسەن؟
-ياخشلىق شۇ ،ھەممە ئادەمگە ياخشىلىق قىلاتتىم، قېنى شۇ كۈن بىر كەلسۇنچۇ،قانداق ياخشىلىق قىلىشىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ كىشى تاغ باغرىدا :«يا رەببىم ماڭا ياردەم قىلساڭ،مەن شۇ ئادەملەرگە بىر ياخشىلىق قىلىۋالسام » دەپ مىشىلداپتۇ.دەل شۇ چاغدا ئارقىدىن كېلىۋاتقان بىر يولۇچى يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ:
-ياخشىمۇسەن يىگىت دەپتۇ.
ياخشىلىق قىلىشنى خالايدىغان ئۇ كىشى قايرىلىپ قارىسا ئاق ساقاللىرى كىندىكىگىچە چۈشكەن،بىر بوۋاي تۇرغانىكەن.
-ياخشىمۇسىز بوۋا دەپتۇ.
-نېمە بولدۇڭ،نىچۈن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گەپ قىلىپ كەتتىڭ،ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلەۋاتامسەن يا؟
ئۇ كىشى دەردىنى،كىشلەرگە ياخشىلىق قىلالمايۋاتقىنى ئۈچۈن ئىچ-باغرىنىڭ قانداق كۆيۈپ ئازابلىنىۋاتقان لىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
ئاق ساقاللىق ئۇ كىشى دەپتۇكى:
-ساڭا ئوخشاش ياخشىلىق قىلىشنى ئويلايدىغانلار كۇرمىڭ،بۇ ياخشىلىقنى قانداق قىلىدىغانلىقىڭنى بىلسەڭتىڭ،ياخشىلىق قىلىمەن دەپ بۇنچە ئاھ چەكمەس ئىدىڭ،كىشلەرگە ياخشىلىق قىلىش، يامانلىق قىلىشتىن تەستۇر.دۇنيا قۇرۇلدى،ئەمما ئۇنى قانداق قۇرۇش قانداق تەرەققى قىلدۇرۇشنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.
ساقاللىق كىشى ئەنە شۇنداق كۆپ چۈشەندۈرۈپتۇ ئەمما ئۇ ئادەم قۇلاق سالماستىن:
-ئەمما مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن،شۇنداق بىر يەر نېسىپ بولسا ئىدى،جاھاندىكى جىمى يامانلىقلارنى سۈپۈرۈپ يوق قىلغان بولاتتىم، ئاچ-يالىڭاچلار، يېتىم- يىسىرلەر مەۋجۇت بولمىغان،ئۇرۇش-جىدەللەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى،ھەممە ئىشنى يول-يولىغا سالغان بولاتتىم.
ئاق ساقاللىق كىشى:
-ياخشىلىق قىلىشنى بەك خالايدىكەنسەن،ئەمما شۇ
ياخشىلىقنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدىكەن سەن، ساڭا ئوخشاشلار كۆپ ئۇچرىدى ،كەتتى.
-ياخشىلىق قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئاسان ئىش يوق بوۋا.
ساقاللىق كىشى :
-ھەي،دېمەك ياخشىلىق قىلىشنى شۇنچىلىك خالايسەن ،ئۇنداقتا بۇ يەردە تۇرما،ھەممە يەرنى كەز،كۆر، شۇنداق بىر يەر ئۇچرايدۇ،شۇنداق بىر ۋاقتى كىلىدۇ سەنمۇ كۆزلىگىنىڭگە يېتىپ مۇرادىڭنى ئىشقا ئاشۇرالايسەن.
ياخشىلىق قىلىشنى ئويلايدىغان كىشى ،ساقاللىق كىشىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇ ھامان يولغا چىقىپتۇ،مېڭىپتۇ مىڭىپتۇ،تاغ-داۋانلار ئېشىپتۇ، ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپتۇ،قەدىمى يەتكەنلىكى يەردە كىشلەرگە ياخشىلىق قىلغۇسى بارلىقىنى،ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن قەلبىنىڭ بەكمۇ تەقەززا بولىۋاتقانلىقىنى كىشلەرگە جاكارلاپتۇ.
بىر كۈنى مېڭىپ-مېڭىپ يىراقتىن بىر كەنتنى كۆرۈپتۇ،بۇ كەنتنىڭ چۆرىسى ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغانىكەن،ئۇ كىشى مىڭبىر جاپادا كەنتكە كىرىدىغان ئىشىكنى تېپىتۇ،ئىشىكتىن ئاتلاپتۇيۇ ھەيرانۇ-ھەس قاپتۇ،قانداقمۇ ھەيران بولماي تۇرالىسۇن.
مەيدان مىغ-مىغ ئادەم بىلەن تولغان، ئۇ ئادەملەر
يۈزمىڭ ۋە ياكى ئۈچ يۈز مىڭدىن ئارتۇق كېلەتتى،ھەر بىر كىشىنىڭ ئاغزىدىن ۋارقىراپ توۋلىغان گەپلەر تۆكۈلەتتى،ئۇ ئادەم گەپ قىلىۋاتقانلارغا قۇلاق ساپتۇ:
-يۇرتداشلار مەن ھەممىڭلارغا ياخشىلىق قىلىمەن،
مېنى پادىشاھلىققا سايلاڭلار،مېنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن قاغىلارغا دەڭلار،قاغىلار مېنى پادىشاھ قىلسۇن ،قاراپ تۇرۇڭلار،سىلەرگە قانداق ياخشىلىقلارنى قىلىمەنكىن قېنى،بۇ كەنتنىڭ ئېرىقلىرىدىن شەربەت ئاققۇزىمەن، يوللارغا ئالتۇن ياتقۇزىمەن،يامغۇر ئورنىغا ئاسماندىن شاراپ ياغدۇرىمەن،بىر قولۇڭلار مايدا،بىر قولۇڭلار ھەسەلدە بولىدۇ،ئاللاھنىڭ ھەربىر كۈنى تاتلىق-تۈرۈم،پىچىنە-پىرەنىك يېيىشتىن زىرىكىپ زارلىنىسىلەر،شۇنداق راھەت كۈن كۆردۈرىمەنكى شۇ راھەت سىزنى راھەتسىز قىلىشقا باشلايدۇ،ھۆرمەتلىك يۇرتداشلىرىم! قاغىلارغا دەڭلار مېنى پادىشاھ قىلسۇن.
بارچە ئېغىزدىن مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقان ھېلىقى كىشى ھەيران بوپتۇ،ھەيران بولۇپ ئالدى كەينىگە قاراپتۇ،قاراپتۇيۇ تېخىمۇ ھەيران بوپتۇ چۈنكى يېنىدا بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۆزىگە تاغ باغرىدا ئۇچرىغان ھېلىقى ئاق ساقاللىق بوۋاي تۇراتتى.
-ياخشىمۇسىز بوۋا!دەپتۇ.
ساقاللىق كىشىمۇ:
-ياخشىمۇسىز ئوغلۇم،دەپتۇ.
-قاراڭ،بۇ يۇرتتا ھەممە ئادەم ئوخشاشلا گەپ قىلىشىۋاتىدۇ،ئۇنداقتا نېمىگە بۇنچە كۈچەپ
ۋارقىرايدۇ؟ دەپ ئاق ساقاللىق كىشىدىن سوراپتۇ.
ئاق ساقاللىق كىشى جاۋابەن :
-ھەممە ئادەم ئۆزىنى ياخشىلىق قىلالايدىغان چاغلايدۇ، ئەمما بۇ ياخشىلىقنى قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ،شۇڭا شۇنداق توۋلايدۇ دەپتۇ.
-بۇ ئادەملەر دائىم مۇشۇنداق ۋارقىرىشامدۇ؟
-ياق،سايلام بولغاندا مۇشۇنداق ۋارقىرىشىدۇ،بۇ يەردە يىلدا بىر قېتىم سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ،سايلام بولغاندا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ تاللىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
-نېمە ئۈچۈن؟
-چۈنكى ھەممە ئادەم مەن ياخشىلىق قىلالايمەن دەيدۇ،ھەم شۇنى خالايدۇ،يامانلىق قىلىشنى ئويلايدىغان ھېچكىم يوق.
بۇ نېمە سايلام،كىم نېمە ۋەزىپىگە سايلىنىلىدۇ؟
-پادىشاھ تاللايدۇ،بۇ دۆلەت باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ،باشقا دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاش پادىشاھ لىق ھوقۇقى ئاتىسىدىن بالىسىغا مىراس قېلىپ داۋاملاشمايدۇ، ھەر يىلى خەلق ئارىسىدىن يېڭى بىر پادىشاھ سايلىنىدۇ،سايلانغان پادىشاھ ۋەدىسى بويىچە خەلققە ياخشىلىق قىلىپ قۇدرەت تاپقۇزالىسا ھوقۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ،ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا كېلەركى يىلى سايلام ئېلىپ بېرىلىپ قايتا سايلىنىدۇ،ھازىرغىچە بىر يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھ چىقىپ باقمىدى.
-ھە،ئۇنداقتا نېمىشقا قاغا قاغا دەپ توۋلىشىدۇ؟
-بۇ دۆلەتتە پادىشاھلارنى قاغىلار تاللايدۇ شۇڭا كىشلەر شۇنداق ۋارقىرىشىۋاتىدۇ .ساقاللىق كىشى شۇ گەپنى قىلىپ تۇرشىغا ھاۋا بىردىن قارىيىپ ئاسماننى قاپقارا قاغىلار قاپلاپتۇ،قاغىلار شەكىللەندۈرگەن ئۇ قاپقارا بۇلۇتنىڭ دەستىدىن ھەتتا قۇياشمۇ كۆرۈنمەي قاپتۇ،قاغىلار كىشلەرنىڭ ئۈستىدىن قاق قاق قاق! دەپ قاقىلدىغىنىچە ئۇچۇپ ئۆتۈپتۇ.
كىشلەرمۇ تەڭلا :
قاغا دوستۇم،ئەي قاغا دوستۇم ماڭا قارا،مېنى تاللىغىن ، مېنى كۆرىۋال دەپ ئۇ قاغىلارغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
قاغىلار ئۇچۇشنى،ئادەملەر ۋارقىراشنى داۋام قىپتۇ،بىر يوغان قاغا پەسكە قاراپ شۇڭغۇپ ياخشىلىق قىلىمەن دەپ تاغۇ-تاش،يۇرت-باغلار ئارا كېزىپ يۈرگەن ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشى ئۈستىدە ئەگىپ ئۇچۇپتۇ، ئەگىپتۇ،ئەگىپتۇ ئاخىرىدا قاق! دەپلا ئۇنىڭ بېشىغا چىچىپ قويۇپلا يۇقىرغا كۆتۈرلۈپتۇ.
-ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ،ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ دېگىنىچە كىشلەر ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.
نېمە ئىشلار بولىۋاتقىنى بىلەلمەي قالغان ئۇ ئادەم يېنىدىكى ساقاللىق كىشىگە:
-نېمە بولىۋاتىدۇ؟ دەپتۇ.
-بۇ يەردە پادىشاھ مانا مۇشۇنداق سايلىنىدۇ،بىر قاغا بىرسىنىڭ بېشىغا ئۈچ قېتىم چىچسا ئۇ كىشى بۇ
دۆلەتكە پادىشاھ بولىدۇ،سەن ھازىر ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ،دۇئا قىل،قاغا يەنە سېنىڭ بېشىڭغا چىچسۇن.
دېگەندەك قاغا بىر ئەگىپ يەنە شۇ ئادەمنىڭ بىشىغا چىچىپتۇ.
مەيداندىكى كىشلەر يەنە : ئۈچتە ئىككى پادىشاھ بولدۇڭ دەپ توۋلاشقا باشلاپتۇ.قاغىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم يەنە ئۇ ئادەمنىڭ بېشىغا چىچماسلىقى ئۈچۈن ھەممەيلەن بەس-بەستە باشلىرىنى چىقىرىپ :
-قاغا دوستەك،مېنىڭكىگە چىچ،مېنىڭكىگە ،قارا بۇ
يەرگە ! دەپ قاغىغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
-قاغا بۇ سۆزلەرگە پىسەنت قىلماستىن ئۈچىنچى قېتىم يەنە شۇ ئادەمنىڭ بېشىغا چىچىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇ ئادەمنى:«پادىشاھ بولدۇڭ!» دەپ مۈرىسىگە ئېلىپ سارايغا ئېلىپ مىڭىشىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەم پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى پادىشاھ قىلغان قاغىلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.پۈتۈن گۈلزارلىق ۋە ئېتىزلىقلارنىڭ چۆرىسىدىكى رىشاتكىلارنى قومۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پەرمان چىقىرىپتۇ،قاغىلارغا تاش ئاتقان،قوغلىۋەتكەنلەر سوتقا تارتىلىپ جازالىنىپتۇ،بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي ھەر ئائىلىنى قاغىلارغا بىر چاڭگالدىن يەم بىرىشكە بۇيرۇپتۇ.
خەلق غودوڭشىشقا باشلاپتۇ،ئەمما پادىشاھنىڭ كۆزى قاغىلاردىن باشقىنى كۆرمەپتۇ،مۇشۇنداق قىلىپ بىر يىل ئۆتۈپتۇ،يېڭى سايلام باشلىنىپتۇ.
كەنتتىكى كىشلەر يەنە مەيدانغا توپلىنىپتۇ،يەنە ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىنىشى ئۈچۈن قاغىلارغا يالۋۇرۇشقا ،خەلققە قانداق ياخشىلىقلارنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ.قاغىلار توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇپ كىلىشكە باشلاپتۇ ،كۆك يۈزىنى يەنە قارا بولۇت قاپلاپتۇ.قاغىلارنىڭ قاقىلداشلىرى قۇلاق-مېڭىنى يەپتۇ.ھەر يىلى پادىشاھنى پەقەت بىر قاغا تاللىغان بولسا بۇ يىل، پادىشاھنىڭ ئىلتىپانىنى كۆپ كۆرگەن قاغىلار ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىش ئۈچۈن ئون قاغا بىر گورۇپ
بولۇپ كېلىپ پادىشاھنىڭ بېشىغا ئۈچ قېتىمدىن چىچىشىپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئادەم يەنە بىر نۆۋەت پادىشاھ بوپتۇ،قاغىلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا تېخىمۇ ئوبدان جاۋاب قايتۇرۇش نىيىتىگە كەپتۇ.ھەر بىر ئائىلىگە يىگىرمە قاغىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى بېرىپتۇ، قاغىلارنىڭ سوغۇقتىن،شامالدىن قوغدىنىشلىرى ئۈچۈن ئۇۋىلارنى ياسىتىپتۇ.قاغىلار بېقىلغانچە سەمىرىپ يوغىناپ توخۇدەك بوپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ يەنە بىر يىل ئۆتۈپ يەنە بىر سايلام يېتىپ كەپتۇ،پادىشاھنىڭ بۇ قىلىقلىرى كۆزىگە سىغمىغان خەلق غودۇراپتۇ،غودۇراپتۇ،ئەمما ئۇلار نېمىمۇ قىلالىسۇن؟بۇ قېتىم توخۇ چوڭلۇقتىكى يۈز قاغا ئۈچ قېتىمدىن كونا پادىشاھنىڭ بېشىغا چىچىپتۇ. ئۈچىنچى قېتىم پادىشاھ بولغان ئۇ ئادەم بۇ قېتىم قاغىلارنىڭ ئۈستىدە بىر تالمۇ پىت بولۇشقا يول
قويماسلىق،قاغىلارنى يۇيۇپ تازىلاش،ئۇلارنىڭ پۇتلىرى پارقىراپ تۇرۇش،تىرناقلىرىنى ياغلاش بۇيرۇقىنى بېرىپتۇ.بۇ ئېسىل كۈتۈشلەر ئارقىسىدا قاغىلار قوي چوڭلۇقىدا يوغىناپ،كۈندىن كۈنگە تىز سۈرەتتە كۆپىيىپ كەنتكە پاتمىغىدەك ھالغا كەپتۇ.يەنە سايلام ۋاقتى كەپتۇ.بۇ قېتىم پادىشاھقا بولغان ۋاپادارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن بەش يۈز قاغا ئۈچ قېتىمدىن كونا پادىشاھنىڭ بېشىغا ھەدىيەلىرىنى تۆكۈپتۇ.
پادىشاھمۇ ئۇلارغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بوپتۇكى، قاغىلاردىن ئۆزىلىرىگە يەر ئاشمىغان خەلق ئۆيىنى،يۇرتىنى قاغىلارغا كەڭرىچە تاشلاپ بېرىپ تاغ-باياۋانلارغا ماكانلىشىپتۇ.كۆڭۈل قويۇپ بېقىلغان قاغىلار يوغىناپ كالا بىلەن تەڭلىشىپتۇ.يەنە بىر سايلام ۋاقتى كەپتۇ،ھاۋادا كالا چوڭلۇقىدىكى يوغان قاغىلار قاقىلداپ ئۇچۇشقا باشلاپتۇ،ئۇلارنىڭ چۇقان- سۈرەنلىرىدىن يەر –زېمىن تىترەپ قۇلاقلار پاڭ بوپتۇ.قاغىلار پادىشاھقا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ قېتىم ھەممىسى بىراقلا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئۈستىگە رەھمىتىنى تۆكۈپتۇ.
كىشلەر پادىشاھنى سارايغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېقىنلاشقىنىدا كۆرۈپتۇكى قاغا پوقلىرى ئېگىز بىر تاغنى ھاسىل قىلغان،پادىشاھ بولسا بۇ تاغنىڭ ئاستىدا تۇنجۇقۇپ،مىجىلىپ ياتقان.
كىشلەر خۇشاللىقتىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ :
-قاغا دوستەك مېنى تاللا،مېنى ! دەپ تالىشىپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.

مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :1   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   1   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   0 پارچە

  1. ئىسيانكار 4

    ئەزىز نەسىننىڭ ھىكايىلىرى بەكلا يۇمۇر ئىلگىرىمۇ بىر بالىلار كىتابىنى ئوقۇغاندەك ئىسىمدە
    لىكىن يەنىلام چوڭقۇر مەنە مەسخىرە بار

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: