ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت ، بۈگۈن يەنە كىچىككىنە ۋاقتىمنى ئاجرىتىپ ، سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن .
ھەممەيلەن بىلىمىز ، بىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى تۇنجى مۇئەللىملىرىمىز ھىساپلىنىدۇ. مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپ دادام ماڭا نۇرغۇنلىغان ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن ياكى بىرەر ئىشنى خاتا قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا ، دادام ئۆزىنىڭ ھېكايىلىرى ئارقىلىق بىزگە تەربىيە بىرەتتى . مەن شۇ ھېكايىلەرنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ئاڭلاش ئارقىلىق ، بىزنىڭ دادىلىرىمىزنىڭ ئۈمىد ئارزۇلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
ئاچ قالساڭمۇ ئوغۇرلۇق قىلما
بىز ئۈچ ئوغۇل ، قىز يوق ، بىز بەك كەپسىز ھەم بەك ياۋاش، بىز بەك گەپتان ھەم بەك جىمىغۇر، بىز پەقەت سىرتلاردا ئويۇن ئويناشنى خالىمايمىز، لېكىن ئۆينى سىرتلاردىنمۇ بەشبەتەر قالايمىقان قىلىۋېتىمىز، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئوينايدىغان بولساق ، يا بىرەر يېرىمىز يىغىر كىرىمىز ياكى باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ ، ئاتا ئانىسى پەرزەنتلىرىنى باشلاپ دادامنىڭ ئالدىغا ئەرىزگە كىرىدۇ ، دادام بولسا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۇلاردىن ئەپۇ سوراپ، چاي قۇيۇپ يولغا سېلىۋىتىدۇ. بىزنىڭ كەپسىزلىكىمىزگە گەپ توغرا كەلمەيدۇكى، مېنىڭمۇ پۇتلۇرۇم نەچچە قېتىم سۇنۇپ ، بەدەنلىرىمدە نەچچە يەردە تاتۇق(شۇڭا مەن ئەسكەرلىك سىنقىدىن ئۆتەلمىگەن) . مېنىڭ ئىككى ئاكام بار ، بىرى مەندىن بىر ياش ، يەنە بىرى مەندىن 4 ياش چوڭ ، چوڭ ئاكام ئادەتتە بىز بىلەن بىللە ئوينىمايتتى . مەن ئەقلىمگە كەلسەم ئۇ تۆمۈر ، ماشىنا دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن بەك ئېتىشاتتى، ئۇنىڭ شۇ قىزىقىشى تۈپەيلىدىنمۇ ، ئۇ ھازىر بىر رېمونتچى ئۇستام بولۇپ يېتىشىپ چىقتى . رېمونتچى دەپ كۆزگە ئىلمىغان بىلەن ، ئۇنىڭ ياسىغان نەرسىلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردىغان رېمونتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى ، بىزنىڭ ئۆي دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا ، ئاكام دېھقانچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇشتا خىلى نەرسىلەرنى ياساپ ۋۇجۇتقا كەلتۈردى ، ھازېرقى مەمۇرلارنىڭ ئارسىدىمۇ ئېيىغا 6000 مائاش ئالدىغانلار ئاز ، لېكىن ئۇ ئېيىغا 6000 يۈەن مائاش ئالىدۇ ، تېخى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر توقاي سايمانلىرى بار ، بىكار قالسا ئىشتىن سىرىت بىرنېمىلەرنى ياساپ قويىدۇ. ئىككىنچى ئاكام بولسا كىچىكىدىن ياغاچتا بىرنىمىلەرنى ياساپ ئوينىغىلى ئامراق بولغاچقا ، سىتانوك باشقۇرۇشنى ئۈگۈنۈپ ، تۆمۈردىن ھەرخىل نەرسىلەرنى ياساشنى ئۆگەندى . ئۇمۇ ياخشى كەسىپنى ئۆگىنىۋالدى ، ئۆزىنىڭ باللىرىنى بېقىپ ، خىزمىتىنى قىلىدۇ . ئىشلىرى ياخشى . گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك دادام- ئاپاملار بىز ئۈچ ئوغۇلنى بېقىپ ، چوڭ قىلىپ ، ئوقۇتۇپ ، كەسىپ ئۆگىتىپ ، ھازېرقى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپالارنى تاتتى ، ئۇ تارتقان جاپالارنى ھېس قىلالمىغان بولساقمۇ ، ئۇنىڭ تېخى 50 كە كىرمەي تۇرۇپلا ، بىشىغا چۈشكەن ئاقلاردىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز . ئۇ بىزنى بەك ئۇرۇپ تىللىغىنى ئىسىمدە يوق ، چۈنكى بىزنى ئۇرۇپ تىللىمايتتى. لېكىن بىرقېتىم بىز ئۈچىمىزنى ئۆينىڭ ئىچىگە سولاپ ، كەمەر بىلەن تازا قويغانلىقى ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ . ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق :
ئۇ چاغلاردا بىز كىچىك ، كېۋەز تېرىغانىدۇق ، كېۋەز ئېچىلىپ ، ئاپام كېۋەزنى تىرىپ ، ئۆيگە چىپتا بىلەن قويۇپ قويۇپ ، تويغا كەتكەنتى ، ئۆيدە ئۈچىمىز قالدۇق . تېخى ئىككىنچى ئاكام بىلەن مەن مەكتەپتە ئوقۇمايتتۇق ، چۈشلۈكى مەھەللىگە كېۋەز ئالىدىغان ئادەم كەپتۇ ، ئۆيدە كېۋەز جىق بولغاندىكىن ، ئاكاملا ئۆيدىكىلەر ئۇقمايدىغۇ دەپ ، بىر تاغار كېۋەزنى شۇ ۋاقىتتا 60 يۈەنگە ساتتۇق . شۇنىڭ بىلەن ئاكام دۇكاندىن بىزگە جىق ئويۇنلارنى ئەكەپ بەردى ، ئۆيدىكىلەر كەلگەندە بىز ئۇ ئويۇنلارنى تىقىپ قويدۇق . ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئاخشىمى دادام ئاپامنى سىرىتقا ئىشقا بۇيرۇدى ، بىرنەرسە ئەكىلىڭلا دەپ ، ئاندىن ئۆيدە تۆتىمىز قالدۇق . بىزنى ئىچكىردىكى ئۆيگە كىرىڭلار ، دەيدىغان گەپ بار دېدى ، ھەممىز ئىچكىردىكى ئۆيگە كىردۇق ، ئاندىن دادام بىزدىن : ئۆيدىن كېۋەز ئاچىقىپ ساتتىڭلىما دەپتى ، چوڭ ئاكام ياق دېدى ، دادام بىلىدىكى تاسمىسىنى چىقىرىپ تاسما بىلەن بىرنى سالدى ، ئاكام يىغلاپ كەتتى ، ئاندىن ئىككىنچى ئاكامدىن سورىدى ، مەن كۆرمىدىم دېدى ، تاسما بىلەن بىرنى سالدى. مەندىن سورىدى ، مەن گەپ قىلماي جىم تۇردۇم يەنە سوراپتى ، ئاچىقىپ ساتتۇق دىدىم ، تاسما بىلەن بىرنى سالدى . ئانىدىن ھەممەيلەننى تاسما بىلەن يەنە بىر نەچچىدىن ساۋىدى . ھەممىز چىقىرىشىپ كەتتۇق . ئاپامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدى . داداممۇ سىرتتىكى ئۆيگە چىقتى ، ھەممەيلەننى چاقىردى . سىرىتقا چىقتۇق. ئاندىن ئاپام يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كەپتىكەن ، ئۇ نەرسىلەرنى يىگەچ ئولتۇرۇپ ، مەن سىلەرگە مۇنۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بېرەي دەپ ، ھىكايىسىنى باشلىدى :
ئاچ قالساڭمۇ ئوغرىلىق قىلما
بالىلىرىم بوۋاڭلار ئىنتايىن تەمبەل ئادەم ئىدى . ئۇنىڭ ئاچچىقى ئىنتايىن يامان ، ئاۋازىمۇ ناھايىتى جاراڭلىق ئادەم ئىدى . مەن ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتىم ، كىچىك ۋاقتىمدا ئەمما ئۇ مىنى بىر ئوغۇل دەپ ، ئاشۇنداق قىلامدىكىن تاڭ ، مىنى ئۇرۇپ تىللايدىغان ئىشلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى . ئۇ كىشىلەرنىڭ نەرسىنى ئوغۇرلىغاننى ئىنتايىن يامان كۆرەتتى . يولدا بىرە نەرسە ئۇچرىسىمۇ ئالمايتتى .
مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمنىڭ بىرىدە ، بىز مەھەللىنىڭ ئالمىلىق بېغىدىن ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئالمىنى يەپ ، قالغىنى تۆكۈپ دېگەندەك ، باغنى ۋەيرانە قىلىۋەتتۇق . باغۋەن بىزنى سىزىپ قىلىپ ئارقىمىزدىن قوغلىدى ، قالغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشتى ، مەن بولسام ئۆيگە كىرىشتىن قوروقتۇم . چۈنكى بوۋاڭلار ئۇقۇپ قالسا ، مېنىڭ پۇت قولۇمنى چىقىۋىتىشتىن يانمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن قىچىپ ، مەھەللىنىڭ ئۈرۈكلىك بېغىغا كىرىۋالدىم . كېچە چۈشتى . ئۆيگە بارسام بوۋاڭلارنىڭ تايىقىدىن قوروقتۇم . تاغاڭلانىڭ ئۆيىگە باراي دېسەم ، بوۋاڭلارغا دەپ قويسا ، تېخىمۇ تاياق يەيمەن . شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق ، شۇ يەردە ئۈرۈكنىڭ ئاچىمىقىغا چىقىپ تۈنىدىم . ئىككى كۈن باغدىنمۇ چىقمىدىم . قورسىقىم ئېچىپ بولالماي تۇرغان ۋاقىتتا ، ئۈچىنچى كۈنى قاراڭغۇ چۈشكىلى تۇرغاندا ، بوۋاڭلار مېنى شۇ باغدىن تۇتىۋالدى . مەن ئۇنى مېنى قاتتىق ئۇرىدۇ دەپ ئويلىغان ، ئەمما ئۇرمىدى . ئۆيگە كىردۇق، موماڭلار تاماق قىپتىكەن تاماق يىدۇق .
ئاندىن ياتاي دەپ كىيىملىرىمنى سېلىپ ياتسام ، بوۋاڭلار ئۇزۇن شىۋاقتىن بىرنى تېپىپ كىرىپتىكەن ، تۇرە ئورنۇڭدىن دېۋىدى ، تىتىرەپ كەتتىم . بوۋاڭلار يالىڭاچ بەدەنلىرىمگە شىۋىق بىلەن تازا سىلىپ ، بەدەنلىرىمگە قارىغۇسىز قىلىۋەتتى . موماڭلار تۇتىۋالغاندىن كېيىن توختىدى. كېچىچە بەك قىينالدىم ، يىغلاشقىمۇ پىتىنالمىدىم .
شۇ ئىشتىن كېيىن مەن قەتئىي باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئالمايدىغان بولغان .
بالىلىرىم مەندىن سىلەرگە نەسىھەت بوپ قالسۇن ، سىلەر باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلاشتىن ئاۋۋال ، باشقىلارنىڭ قانچىلىك قان تەر بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئويلاپ ، ئاندىن بىر ئىش قىلىڭلار . ھەرگىز ئوغىرىلىق قىلماڭلار دېدى .
مەيلى ئاتا بولغۇچىنىڭ تەربىيسى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ تەربىيىسى بولسۇن ، ھەممىسى ئوخشاش بىر مەقسەتنى ئىپادىلىگەن ، ھەرگىز ئاچ قالساڭمۇ ئوغرىلىق قىلما !
بۈگۈن مۇشۇنى يېزىپ تۇراي ، كۆپچىلىكنىڭ ئىبرەتلىك ھىكايىلەردىن ساۋاق ئىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئاپتور : تەلەي365
پۇل تۆلەش شەكلى
ئۈندىدار ھەمىيانى ئىككىلىك كودى ئارقىلىق قوللاش