نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يازمىلىرىم | ئاساسىي مەزمۇن
مەن تۆۋە قىلدىم
2014-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى | يازمىلىرىم |جەمئى 1684خەت بار | 720 قېتىم كۆرۈلدى | 6پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك جامائەت كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا !
مەن «چالا بولسىمۇ »دېگەن شېئىرنى يېزىشتا ، بۇ بىلوگنى خۇددى مەشرەپ بولغاندەك قىزىتىش مەقسىتىدە يازغانىدىم . ئەمما ھەقىقەتەن چالا قالدى، مىنىڭ كۇنۇپكا تاختامنىڭ ھەرىپلىرى تونۇغۇسىز بوپكىتىپتۇ-يۇ ، بىرەر پارچە ئىنكاس يازىدىغانلار ئىنتايىن ئاز، سىلەر بىر كىشىنىڭ يازمىلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا ، مائۇس كۇنۇپكىسىنىڭ سۈرۈلۈپ ئۆچۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ نەچچىنى ئالماشتۇرسىلە-يۇ ، شۇ يازما يازغۇچىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ھەرىپلىرىنىڭمۇ ئۆچۈپ خەت ئۇرغىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلمايسىلەر، باغقا كىرىپ ئالمىلارنى ئۈزۈپ يەپ ، ئۇنىڭ تەمىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىسىلەر- يۇ ، شۇ كۆچەتنى تىككەن باغۋەنگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بىرە ئىغىز تېنىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالىسىلەر، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟
ئۇنداقتا ، تۆۋەندە بۇ سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى ؛
مەن تور ساھەسىدە تور ئارلاپ يۈرگىلى 4 يىل بولدى ، مەن ئەزەلدىن ئىنكاس يېزىشنى ياقتۇرمايمەن( يازسام پەقەت تېما، ئەسەرلەرنى يوللاشنى بىلىمەن). مانا بۇ مەندىكى كەمچىلىك دېيىشكە بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئىنكاس يازمايسەن دەمسىلەر؟ چۈنكى مەن ئادەتتە خەنزۇچە بېكەتلەردىن دېتال چۈشۈرىدىغان بولغاچقا ، ئۇلارنى بىرە ئىككى خو بەلگىسى بىلەنلا ماختاپ قويىمەن. ئىنكاس يازسام خەنزۇچە يازغاندىكىن ماڭا سەل قولايسىز. ئۇيغۇرچە بېكەتلەرگە كىرگەن ۋاقىتلىرىمدا بولسا كۈندە 30 مىنۇت ۋاقتىمنى چىقىرىپ ھەرخىل يازمىلارنى ئوقۇپ ھوزۇر ئالىمەن-يۇ بىرە تال خو بەلگىسىمۇ ئەۋەتمەيدىكەنمەن، بۇ ھەقتە جىق ئويلانماڭلار ، لېكىن مەن بۇندىن كېيىن بۇ كەمچىلىكىمنى تۈگەتمەكچى،

ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، سەن قانداقسىگە بۇ ئويغا كېلىپ قالدىڭ دىسەڭلار ، سەۋەبى مۇنداق:
مەن تور ئارلاپ يۈرۈپ تور بېكەتنىڭ ipسىنى كۆرسەم خىلى يامان ئەمەس يۈرۈپتۇ بولمىسا ، ئەمما ئىنكاس يازىدىغانلار ئاز ئىكەن، مەنمۇ بىرنەچچە يازما يوللىدىم ، لېكىن ئىنكاس يازغانلار ئاز بولغاچقا ، كۆرگەنلەر ئازمىدۇ دېگەندەك ھېس قىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن تۆۋە قىلىپ بۇ يامان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ ، كۆرگەنلا يېرىمگە جىجىپ مېڭىشقا ئادەتلەنمەكچى ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭمۇ مەندىن ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئاپتور : تەلەي365

QR:  مەن تۆۋە قىلدىم

ئاپتور « تەلەي365» ھەققىدە

  • تەلەي365، مەن سىزنىڭ 365 كۈن تەلەيگە يولۇقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ تەلەي365 دىگەن نام بىلەن بۇ بىلوگدا سىزگە ئەسەر يوللاۋاتىمەن، مەن ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى ئۈگنىشكە بەك ئامراق، ئارام ئالماي توردىن دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىپ قويىمەن، مەن لاھىيە ساھەسىدە mx سىتۇدىيىسى نامىدا، سەنئەت ساھاسىدە بولسا، شەپەق نامىدا، ئەدەبىيات ساھەسىدە بولسا تەلەي 365 تەخەللۇسى بىلەن سىز بىلەن ئۇچرىشىمەن

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 6 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. مىھمان 2014-يىلى03-ئاينىڭ09-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      :arrow: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سىزنىڭ تۇۋبە قىلڭشىڭىز بىلەن،ھەممەيلەن جىجىشنى ئۈگەندۇق مانا . ياخشى تىمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

      Internet Explorer 8.0Windows XP
    2. تەلەي365 2014-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      خاتېرجەم بولۇڭە مۇئەللىمكا دادام ئۇرىمە دەپ قالسا، ئاپامنىڭ يىنىغا بىرىۋالىمەن ئاپام ماڭا يان باسقىلى بەك ئامراق دەڭە شۇڭا ئەنسىرەپ كەتمىدىم. :mrgreen:

      Google Chrome 28.0.1500.71Windows XP
    3. تەلەي365 2014-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      ئادەمدە كەمچلىكنىڭ بولۇشى مۇقەررەر لىكىن شۇ كەمچىلىكنى بايقىغانداتۈزىتىش كىرەك ئەلۋەتتە سۇغا قولىنى سالمىسا سۇنىڭ سىزىمىنى ھىس قىللامىغانغا ئوخشاش مەنمۇشۇ يازما يېزىپ ئاندىن ئۆزۈمدىكى كەمچىلىكنى ھىس قىلدىم.

      Google Chrome 28.0.1500.71Windows XP
    4. قىساسكار 2014-يىلى01-ئاينىڭ02-كۈنى |  4-رەت جاۋاب

      ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرگىلى قەدەم بېسىپسىز، بۇمۇ بىر ياخشى ئادەت، دېمىسىمۇ بۇ خىل يامان ئادەت بىزدە بەك كۆپ. مەن يازمىڭىزنىڭ ماۋزۇسى « مەن تۆۋە قىلدىم » نى كۆرۈپلا ئاپلا بۇ چوڭ گۇناھتىن بىرنى قىلىپ سالغان بولسا، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھقا تۆۋبە قىلغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن ئىش ئۇنداق ئەمەسكەن. جانابى ئاللاھ ھەرقانداق بەندىسىنى خاتالىق سادىر قىلىشىدىن ساقلىسۇن، ئامىن.

      Firefox 26.0Windows 7
    5. بەگمۇراد 2014-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى |  5-رەت جاۋاب

      بۇ يازمىنىڭ ئۇسلۇبى باشقىچىلىغۇ?、 خىيالىزىم ۋە بالىلىزىم、 :roll: ئىزىم….

      Firefox 26.0unknow
    6. مۇئەللىم 2014-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى |  6-رەت جاۋاب

      كۆرگەنلا يەرگە جىجىسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما ئۆيىڭىزنىڭ تاملىرىغا قالايمىقان جىجىماڭ ، بولمىسا دادىڭىزدىن تاياق يەيسىز …… :mrgreen:

      Google Chrome 31.0.1650.63Windows 8.1

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !