ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
مۇئەللىم بىلوگىنى كۆرۈپ تۇرىمەنيۇ بىلوگ يوللاش ئىقتىدارىغا تازا دىققەت قىلماپتىمەن، بۈگۈن بىر يوللاپ باقاي. سىلەرگە ئۇبۇنتۇ-ئۇيغۇرئىكىس تۇغرىسىدىكى مەزمونلارنى سۆزلىسەم بەك كۆپ. ئالدى بىلەن ئەڭ ئاسان ئەڭ قۇلايلىق بىر خىل ئۇسۇلنى ئورتاقلىشىپ باقاي.
بۇ مەشغۇلات پۈتۈنلەي ۋىندوۋس (windows ) شارائىتىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ پەقەت بىر نەچچە مىنوتلا يىتەرلىك. ئالاھىدىكى تىز قولغا چىقىدۇ. مەشغۇلاتىڭىز كومنى ئەتكەندىن كىيىن ساقلانمايدۇ. بىر دانە 2G دىن چوڭ بارماق دىسكا بولسىلا بولدى. بارماق دىسكىدىن قوزغالغاندىكى مەشغۇلات سۈرئىتى تىز ھەم بىر خىل يىنىك.
ئالدى بىلەن Ultraiso دىتالىنى چۈشۈرۈپ ئورنىتمىز
ئاندىن ئازادە-ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرىنى چۈشۈرىمىز
بارماق دىسكىنى فورماتلايمىز( 格式化) ئاندىن ultraiso نى ئىچىپ مۇنۇ تەرتىپ بۇيىچە مەشغۇلات قىلىمىز.
继续使用--文件--打开--iso文件--启动--写入硬盘映像--写入
ئۇيۇشنى باشلايمىز. تەخمىنەن 5 مىنوتلاردا ئۇيۇش تاماملىنىدۇ. بىز دىتالدىن چىكىنىپ كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىپ بارماق ئۇيغۇرئىكىس نى ئىشلەتسەكلا بۇلىدۇ. قايتا قوزغاتقاندا bois تىن usb genric دىگەندەكنى بىرىنچى قوزغىلىش قىلىمىز.
ئەڭ يڭى نەشىرىدە دەسلەپتە كۈيىۋاتقان توپنىڭ رەسىمى چىقىدۇ تىزراق كىرەي دسىڭىز Enter نى بىسىۋىتىڭ. مىللىيچە ئىمارەت چىققاندا ئىشلىتىشىنى باشلىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە بارماق دىسكىڭىزنىڭ سۈپىتى سىستېمىنىڭ سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسلىدىكى يازما ئادرىسى : http://auyghurix.com/?p=595
ياكى بۇ يەردىن كۆرۈڭ http://alip.biz/thread-21656-1-1.html
مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى قانداق قىستۇرۇشنى بىلەلمىدىم.
ئاپتور : بەگمۇراد
ئاپتورنىڭ بىلوگى : بۇ يەردىن كىرىڭ
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:33 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
مەن ئۇيغۇر ئكىس سىستمىسىنى قاچىلاپ باقمىدىم ئەمما ئۇبۇنتۇنى ۋە دېپىن لىنۇكىس نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان ئىككىلىسى ياخشى سىستىما ئۆزى، ئۇبۇنتۇ ۋە دېپىن لىنۇكىس سىتىمىسى ئاساسەن ھۆججەت باشقۇرۇشقا بەكمۇ ماس كىلىدۇ مەسىلەن ھەرخىل ۋىئروسلارنىڭ ھۆججەتلىرىڭىزنى قالايمىقان قىلىشىدىن ئەنسىرمەيسىز بۇنى ئەڭ ياخشىسى كۆچمە دىسكىدا ئىشلەتسە بەك قولاي بولىدۇ، مۇئەللىمكاممۇ بۇ يازمىنى ناھايتى ياخشى يوللاپتۇ ، لىكىن بۇ سىستىمىنى بىزگە ئوخشاش قالايمىقان دىتاللار بىلەن ئىتىشىپلا يۈرىيدىغانلا ئىشلەتسە بەزى سىستىمىلار نورمال قوللىماي سىزنى بىزار قىپ قويىدۇ، تەۋسىيەرىم مىللىي كارخانىچىلىرىمىز يەنىلا ئۇيغۇر ئىكىسكە كۆچسە ناھايتى ياخىشى چۈنكى ئۇمۇ بىر لىنۇكىس سىستىمىسى ئۇبۇنتۇنىڭ ئۆزى ساپ 99 پىرسەنىت ئۇيغۇرچە پىرىنتىر ۋا سىكانىرلارنى ناھايتى نورمال قوللايدۇ. ھۆججەتلەرنى ناھايتى تەرتىپلىك ئۈنۈملۈك باشقۇرغىلى بولىدۇ بىخەتەرلىك دەرىجىسى 99 پىرسەنىتكە يەتكەن دىسەكمۇ بولىدۇ 100 پىرسەنىت دەي دىسەم ئالتۇنمۇ 100 پىرسەنىت بولمايدۇ ئەمەسمۇ قالغىنى مەنمۇ كۆپ ماختاپ سىلىئەرنى گاڭگىرتىپ قويماي سىلەرمۇ سىناپ كۆرۈڭلار قىنى
2014-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:59 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىمكا قانداق ئەھۋالىڭىزلە ، مەن ئۇبۇنتۇ 14.04 نى بىر نەچچە كۈن ۋاقىت چىقرىپ قۇلايلىقلاشتۇرۇپ قويدۇم بۇ يەردىن http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=34520 چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.
2014-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى 8:54 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@بەگمۇراد @بەگمۇراد رەھمەت سىزگە …
2014-يىلى 03-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:15 چۈشتىن بۇرۇن پەگاھ
تولا ئاڭلايمەن مۇشۇ ئۇيغۇر ئىكىس ھەققىدىكى پاراڭلارنى،مەنمۇ بىر ئىشلىتىپ كۆرىمەن ئەمدى
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 11:17 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، مەن بلوگىمنى قايتا ئېچىۋالغانتىم. ئەمما ۋوردپرەسنىڭ 3.8 نەشرىنى قاچىلاپ، يازمىغا رەسىم قىستۇراي دېسەم « ۋاقىتلىق قىسقۇچ چۈشۈپ قالغان » دېگەن ئەسكەرتىش چىقىپ رەسىم قىستۇرغىلى بولمىدى… ئۇسلۇب، قىستۇرمىلارغىمۇ شۇنداق چىقىۋالدى. ۋوردپرەسنى قايتا قايتا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم، باشقىلارنىڭكىدە نورمالكە، مېنىڭكىدىلا شۇنداق ياردەملىرىنى ئايىمىغايلا
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى 12:52 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ئالپبەگ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەندىمۇ شۇنداق چىقىۋالغان ، قىستۇرمىلارنى ئارقا بەتتىن قاچىلاي دېسەممۇ خاتالىق ، يازمىغا رەسىم قىستۇراي دېسەممۇ خاتالىق ، بەكمۇ تولا خاتالىق چىقىپ ، ئاخىرى ھەل قىلىۋالدىم . 3.6 ۋە 3.7 دە شۇنداق خاتالىق كۆرۈلۈپ ، يەنىلا 3.4.1 گە قايتىۋالغان ئىدىم . ھازىر 3.8 بىلەن ئوبدانلا دوسىت بولۇپ قالدىم .
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى 1:08 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم قانداق ھەل قىلغانلىرىنى بىر تېما سوقۇپ قويغان بولسىلا
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 2:13 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
ئەمدى ئۇيغۇرىشنى بارماق دىسكىدا ئىشلىتىدىكەنمىزدە .
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 6:08 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@سالىھ بىگ شۇنداق بارماق ئۇيغۇرئىكىس ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشتىكى يامان ئەمەس ئۇسۇللارنىڭ بىرى.