ئۇچۇر ئىلمى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، كومپىيۇتىر خىزمىتىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان قورالغا شۇنداقلا تۇرمۇشىمىزدىكى يېقىن دوستىمىزغا ئايلاندى .
ئۇنداق بولسا بىزنىڭ بۇ« دوستىمىز »قانداق خىزمەت قىلىدۇ ؟ كومپىيۇتىرنىڭ «چوڭ مېڭىسى»بىلەن بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز ئوخشامدۇ ؟ ئۇلار قايسى بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن ، ھەر قايسى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەر ئارىسىدا خىزمەتلەر قانداق تەقسىم قىلىنغان ؟ ئۇلار قانداق تىلدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ؟
بۇ بۆلەكتە مۇشۇ سۇئاللار ئاساسىدا كومپىيۇتىرنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى سىرلار بىلەن تونۇشىمىز .
دەرسلەر مۇندەرىجىسى
1 . بۆلەك : كومپىيۇتىر سىستېمىسى ھەققىدە ئاساسىي بىلىملەر
- بىرىنچى دەرس كومپىيۇتىرنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىش-كومپىيۇتىر سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمەت پىرىنسىپى
- ئىككىنچى دەرس ئۇچۇر بەلگىسى بىلەن تونۇشۇش - كومپىيۇتىردىكى سان
2 . بۆلەك : VisualBasic تا پىرۇگىرامما لايىھەلەش
- ئۈچىنچى دەرس پىرۇگىرامما لايىھەلەش - پىرۇگىرامما تۈزۈش يۇمشاق دېتالى VB بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش
- تۆتىنچى دەرس ئېلىكتىرۇنلۇق سائەت - تەرتىپ قۇرۇلمىسىدا پىرۇگىرامما لايىھەلەش (1)
- بەشىنچى دەرس ھايۋانات رەسىمىنى تاللاش - تەرتىپ قۇرۇلمىسىدا پىرۇگىرامما لايىھەلەش (2)
- ئالتىنچى دەرس «چاشقان تۇتۇش» - تاللاش قۇرۇلمىسىدا پىرۇگىرامما لايىھەلەش (1)
- يەتتىنچى دەرس شىفىر بەلگىلەش - تاللاش قۇرۇلمىسىدا پىرۇگىرامما لايىھەلەش (2)
- سەككىزىنچى دەرس قۇلۇلىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى - دەۋرىي قۇرۇلمىدا پىرۇگىرامما لايىھەلەش
- توققۇزىنچى دەرس شارچىنى قاڭقىتىش - VB ئۇنۋېرسال مەشىقى
3 . بۆلەك : تەقلىدىي روبوت تەتقىقاتى
- ئونىنچى دەرس تەقلىدىي روبوتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش - تەقلىدىي يۇمشاق دېتال بىلەن تونۇشۇش
- ئون بىرىنچى دەرس روبوتنى قانۇنىيەتلىك شەكىلدە ماڭغۇزۇشنى ئۆگىنىش - پىرۇگىراممىنىڭ قۇرۇلما تەھلىلى
- ئون ئىككىنچى دەرس توسالغۇدىن ئەگىپ ئۆتۈش - تارماق قۇرۇلمىسىنى قوللىنىش
- ئون ئۈچىنچى دەرس روبوتقا تام بويلاپ مېڭشنى ئۆگىتىش - ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق توسالغۇدىن ساقلنىش مودۇلىنى قوللىنىش
- ئون تۆتىنچى دەرس روبوتقا يورۇقلۇق سەزدۈرۈش - يورۇقلۇققا سەزگۈر سېنزورنى قوللىنىش
- ئون بەشىنچى دەرس ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىسى - روبوتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلىيتى (1)
- ئون ئالتىنچى دەرس ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىسى - روبوتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلىيتى (2)
- ئون يەتتىنچى دەرس رەڭ تونۇش - يەر يۈزى كۈل رەڭلىك دەرىجىسىگە سەزگۈر سېنزورنى قوللىنىش
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 5:46 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
بۇ دەرسلىك تىزراق پۈتسىكەن دەيمەن
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 04-كۈنى 11:38 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
مۇئەللىمكا ،تىزراق يوللانسا بوپتىكەن مۇشۇ دەرسلىك ،
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:28 چۈشتىن بۇرۇن پەگاھ
بۇلارنىڭ ھەممىسى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىنەمدا؟
2013-يىلى 02-ئاينىڭ 24-كۈنى 9:54 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ياسىنجان شۇنداق ، مەشغۇلات جەريانى رەسىملىك ھالەتتە يوللىنىدۇ ، تىلى ئۇيغۇرچە .