ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىلوگگىرلارغا مەلۇمكى ، WORDPRESS بىلوگلىرىدا يازما ئارىسىغا كود قىستۇرۇش باشنى قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە ، كۆپىنچە ھاللاردا قىستۇرمىغا مۇراجەت قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز .
WORDPRESS سىستېمىسىنىڭ بوشلۇققا قويىدىغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچ ، قاچىلانغان ۋە دائىم ئىجرا ھالىتىدە تۇرىدىغان قىستۇرمىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بىلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاستىلاشقا باشلايدۇ . بىلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستىلىسا ، كىرگەن ئوقۇرمەننىمۇ بىزار قىلىپ قويىدۇ . ئەگەر قىستۇرمىدىن چاتاق چىقسا ، ئوخشاشلا يازما ئارىسىغا قىستۇرغان كودلارمۇ نۇرمال كۆرۈنمەي ، يازما بېتىنىڭ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ .
مۇئەللىممۇ قىستۇرمىنى ئاز ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرسى ، تورنىڭ ئالدىغا كەلسە ، قانداق يىڭى تېخنىكا باردۇ ؟ دەپ ، ئاز دېگەندىمۇ بىر سائەت ۋاقتىنى توردىكى ئۆزى قىزىقىدىغان تەرەپلەردىكى يىڭىلىقلارنى ئىزدەشكە ئاتىغاچ ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ ، ئاددى ۋە قولاي بولغان كود قوشۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى .
بۇ خىل ئۇسۇلدا ، يازما ئاستىدا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ، بىلوگىڭىز ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە يۇكلىگەندىن كېيىن ، بىلوگ ئارقا بېتىگە ئۆتۈپ ، بەتلەر--يىڭى بەت قۇرۇش.....تىن يىڭى بەتتىن بىرنى قۇرۇپ ، ئۇنى تىزىملىككە قوشۇپ قويسىڭىزلا ، ئىش تامام .
قۇرۇلغان بەتتىن كۆرۈنۈشلەر
سىناش ۋە چۈشۈرۈش
ھۆججەت سىغىمى :617KB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2014-07-25
چۈشۈرۈش ئادرېسى: كۆرۈش 丨 كۆچمە خەۋەرلىشىش تور دېسكىسى 丨 چىنەناۋ تور دېسكىسى
ئەسكەرتىش
1.قوشۇمچە ھۆججەتنى جەزمەن نۆۋەتتە بىلوگىڭىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە يۈكلىشىڭىز كېرەك ، يۈكلىگەندە ، سىز مەزكۈر بەتتىن چۈشۈرگەن بىر ھۆججەت قىسقۇچ (codeھۆججەت قىسقۇچى) ۋە بىر تال ھۆججەتنىلا يوللىسىڭىز بولىدۇ .
2.بىلوگ ئارقا بېتىگە ئۆتۈپ ، بەتلەر--يىڭى بەت قۇرۇش....تىن يىڭى بەتتىن بىرنى قۇرۇپ ، بەت خاسلىقىنى «مۇستەقىل» ، قېلىپىنى «كود قىستۇرۇش»دەپ تاللاپ قويۇڭ .
2014-يىلى 09-ئاينىڭ 09-كۈنى 8:30 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
مۇشۇنداق بەتلەرنى قانداق قوشىمىز؟
مەندىمۇ خىلى كۆپ قۇراللار بار ئىدى، پەقەت قوشالمىدىم، ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق؟
2014-يىلى 09-ئاينىڭ 10-كۈنى 12:24 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ئادىل @ئادىل .بىلوگ ئارقا بېتىگە ئۆتۈپ ، بەتلەر–يىڭى بەت قۇرۇش….تىن يىڭى بەتتىن بىرنى قۇرۇپ ، بەت خاسلىقىنى «مۇستەقىل» ، قېلىپىنى «كود قىستۇرۇش»دەپ تاللاپ قويۇڭ .
2014-يىلى 09-ئاينىڭ 10-كۈنى 1:43 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم @مۇئەللىم جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
ئۇنداق قىلسام يەنىلا كود قىستۇرۇش بىتى كۆرۇنۇپ تۇرىدىغۇ؟
بىرقانچە بەتنى قىستۇرساممۇ ئوخشاشلا شۇ كود قىستۇرۇش بىتى
2013-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى 5:23 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ياخشىمۇ سىز ؟
ئەڭ ئۈستى تەرەپتىكى ۋاقىتنى بۇ ئۇسلۇپقا قانداق قوشىمىز ؟ قايسى php ۋە css لار بىلەن ھەپلىشمىز ؟ رەخمەت .!
2013-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى 5:27 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@كارو ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ ئۇسلۇبقا ۋاقتىنى قوشۇش كەتمەيدۇ ، ئۆزى چىقىدۇ ، ئۆزۈم كۆرۈپ باقسام بولاتتى دېسىڭىز time.php بۇ ھۆججەتكە قارىسىڭىزلا بىلەلەيسىز …..
2013-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى 5:31 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم مەندىكى 2.4 نۇسخىسى، بەكلا كونا نۇسخىسى ، بۇنىڭدا time.php يوق ئىكەن.
2013-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى 5:39 چۈشتىن كېيىن 3-قاتار
@كارو سىزدىكى ئۇسلۇبتا بولمىسا ، نۆۋەتتىكى 2.7.2نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ، شۇنىڭ ئىچىدىكى time.php نى ئېلىۋىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە header.php ئىچىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىش كودىنى سىزدىكى 2.4نەشىردىكى ئۇسلۇبنىڭ header.php ئىچىدىكى ماس ئورنىغا قوشۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ …
2013-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى 5:40 چۈشتىن كېيىن 4-قاتار
@مۇئەللىم بولىدۇ، رەخمەت مەن سىناپ باقاي..