ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسىلىكى خىلى بۇرۇنلا پىلاندا بار ئىدى ، ئەمما ، تا ھازىرغىچە بۇ دەرسلىككە تۇتۇش قىلمىغان ئىدىم ، گەرچە دوغاپ بىلوگىدا ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش توغۇرلۇق ئىككى قىسىم دەرسلىك ئىشلەنگەن بولسىمۇ ، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا ئېشقى چۈشكەنلەر يەنە ئارامىمىدا قويمىدى ، دوغاپ بىلوگىدىكى دەرسلىك ئادرىسىنى يوللاپ بېرىپمۇ باقتىم ، لېكىن ..............
شۇڭا ، ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلىدا دەرسلىك تۈزۈپ باقاي ، مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەل قىلغىلى بولار ، دەپ ئويلاپ ، بۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇردۇم ، گەپنى قىسقارتاي ......
بىلوگ ئۈچۈن ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسى ياساش
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ IE تور كۆرگۈچىسى ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ، بىلوگىمىز ئىشلىتىدىغان ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسىنى ياساش ئەڭ مۇھىم ، تۆۋەندە ئۇيغۇرچە بىلوگلار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەلپىدا ۋە ئويغان (UKIJ) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسى ۋە ئىئوت تەھرىرلەش قورالى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى ، بەت ئاستىدىن چۈشۈرۈپ ، تۆۋەندە دېيىلگەن رەسىملىك چۈشەندۈرۈش بويىچە بىلوگىڭىزغا ماس كېلىدىغان ئىئوت (EOT)شەكىللىك خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقىشنى ئۆگىنىڭ . ۋە ياكى «ئۇيغۇرچە خەتنى ھەرقايسى توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرسىتىش» بۇ يازمىدا دېيىلگەن تور بىكەتكە كېرىپ ، بىلوگىمىز ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقساقمۇ بولىدۇ .
ئىئوت تەھرىرلەش قورالىنى ئىشلىتىپ ئىئوت ياساش
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئىئوت تەھرىرلەش قورالىنى ئىجرا قىلىمىز (رەسىمگە قاراڭ)؛
ئىئوت تەھرىرلەش قورالىنىڭ ئىجرا بولغاندىكى كۆزنەك ھالىتى :
بۇ رەسىمدىكى ئىستىرلكا كۆرسەتكەن كونۇپكىنى بېسىپ ، تەھرىرلىمەكچى بولغان ئىئوت ھۆججىتىنى ئاچىمىز (رەسىمدىكدەك )؛
ئاندىن رەسىم ئىچىدىكى قىزىل سىزىقلىق رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويۇلغان «مۇئەللىم بىلوگى»نىڭ ئۆلگە ئادرسى بويىچە ئۆز بىلوگ ئادرىسىمىزنى 1 ئورۇنغا يېزىپ ، ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن «قوشۇش» نى بېسىپ ، رەسىمدىكى ئۈچ ئادرسنى تولۇق كىرگۈزۈپ ، ساقلاشنى باسىمىز ، ئەسلىدە بار بولغان ئادرسنى چىكىپ ، «ئۆچۈرۈش»نى تاللاپ ئۆچۈرۋەتسەكمۇ بولىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئىئوت شەكىللىك خەت نۇسخىسىنى ياساپ بولغان بولىمىز .
گوگىلى تور كۆرگۈسى ۋە ئوت تۈلكە قاتارلىق تور كۆرگۈچلەر ئاساسى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ، ئىشلەتمەكچى بولغان ttf نۇسخىسىدىكى خەت شەكلىدىن بىرنى ۋە بايام ياسىغان ئىئوت ھۆججىتىنى بوشلۇق غول مۇندەرىجىسىگە يوللاپ قويىمىز . يەنى رەسىمدىكى مۇندەرىجىگە :
شۇنىڭ بىلەن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان بولىمىز .
يىڭىلانغان ۋاقتى:2013-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
تەييارلىق خىزمەتلەر
ئىئوت ياساشنى بىلسەك ياكى ئۆگىنىپ بولغان بولساق ، تۆۋەندىكى يازمىلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ باشقا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئۆگىنىپ ، ئەمەلىيەتتە سىناق قىلغاچ تۇرساق ، بۇ يازمىنىڭ ئاخرىمۇ چىقىپ بولىدۇ .
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار :
- wordpess يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرى
- ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە
- يەرلىك مۇلازىمىتىر قۇرۇش توغرىسىدا
- بارماق دېسكىدا مۇلازىمىتىر قۇرۇش
- ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە…
- ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش (1)
- ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش (2)
ئەمدىكى مەسىلە : ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىق مەسىلىسى ، يەنى بۇ يازمىغا چۈشكەن باھا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا بولغان قىزىقىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئەگەر قىزغىنلىق بولمىسا ، بۇ يازما داۋاملاشتۇرۇلمايدۇ .
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ۋە بىلوگچىلىقتىن ياردەم
1. ئۈزلىكسىز يىڭىلىنىۋاتقان WORDPRESSسىستېمىسى ، قىستۇرمىلار تۈپەيلى كېلىپ چىقىۋاتقان كاشىلىلارغا قارىتا تېخنىكىلىك يېتەكچىلىك قىلىش ، يەنىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ WORDPRESS تە بىلوگ قۇرۇش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن ، WORDPRESS بىلوگگىرلىرى توپى قۇرۇلدى .
2. ئىلگىرىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ، مەدەنىيەتلىك ئەدەپلىك ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ، شۇنداقلا بىلوگگىرلارنىڭ تەجرىبە ئۆگىنىدىغان مەكتىپى بولۇپ ، ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كۆزلەپ ، بۇ توپقا ئۆزۈمدىن باشقا توپ باشلىقى تۇرغۇزۇلمايدۇ .
3. WORDPRESS تە بىلوگ قۇرغان بىلوگگىرلارنىڭ ئۆز بىلوگىنى تەشۋىق قىلىۋىلىشىنى مەقسەت قىلىپ ، بىلوگى بار ئەزالارنىڭ ئەزالىق نامىغا بىلوگ نامىنى قوللىنىشى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ . بىلوگى يوق ئەزالارنىڭ ئۇيغۇرچە(يىڭى يېزىق ھەرپلىرى بويىچە بولسىمۇ بولىدۇ) ھەقىقى نامدا تىزىملىنشىمۇ كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ ، مەنىسىنى ئۇققىلى بولمايدىغان ناملاردا تىزىملانغانلارغا قارىتا بىر قىتىم ئەزالىق نامىنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇرى بېرىلىدۇ ، ئۇچۇر بېرىلىپ ، ھەپتىگىچە ئەزالىق نامىنى دېيىلگەن تەلەپ بويىچە ئۆزگەرتىمىگەن ئەزالار توپتىن چىكىندۈرلىدۇ .
4.توپتا خالىغانچە ئېلان-تەشۋىقات قىلىشقا ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە قانۇنغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ، سۈرەتلەرنى خالىغانچە يوللاشقا بولمايدۇ . ئەگەر بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى بايقالسا ، شەرتسىز توپتىن چىكىندۈرلىدۇ . ۋە ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل ....
5. بۇ توپنى تەشۋىق قىلغۇچى دوسىتلارنىڭ مەزكۈر يازما ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشنى توپقا تەۋسىيە قىلغان دوسىت -بۇرادەرلىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ....
توپ نۇمۇرى : 156447719
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇئەللىم ئاغا قانداق ئەھۋاللىرى ؟!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئۇزۇن بولدى ، يوقىلىپلا كەتتىڭىز ، بىلوگىڭىزمۇ ۋاقتى توشۇپ ، ئېچىلماسلا بوپتۇ ، تاشلىۋەتسەك بولماس …………
ماۋۇ دەرسلىك پېچەت بوپتۇغۇ… ئەمدى پۈرۈپ ئولتۇرساق بىزمۇ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلالايدىغان بوپتۇقتە…. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.. ئەلۋەتتە قىزىقىمىز.. داۋامىغا تەشنا بولۋاتىمىز جۇمۇ
ئەمەلىي نەپ بېرەلىگەنلا بولسا بولدى ، داۋامى پات پۇرسەتتە چىقىدۇ ….
ئادەتتە ttf سىز ئەلپىدانى ۋە ئوكىج نى ئۆلگە قىلىپسىز. ۋىندوۋىس8 تەمىنلىگەن سىگوۋى دەمدۇ ئەيتاۋۇر شۇ ttf نى ئورناتماقچى بولسا ئايرىم كود يازامدوق؟ ياكى ئەلپىدانىڭ ttf كودى ھىساپ بولىۋېرەمدۇ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئادەتتە سىز قايسى خىل خەت نۇسخىسىنى كۆرسىتىشنى نىشانلىغان بولسىڭىز ، بىلوگ بوشلۇقىڭىز غول مۇندەرىجىسىگە شۇ خەت نۇسخا ھۆججىتىنى يوللايسىز ، ئاندىن ھۆججەت ئادرىسى بىلەن ئىسمىنى پاسۇن ھۆججتىگە ئۇلايسىز ، بولمىسا ، سىز دېگەندەك بولمايدۇ .
ئوڭدىن سولغا توغۇرلايدىغان ئىشنىزە پەقەت قىلالمىدىم. بولمىسا بىر قانچە ئۇسلۇب بار ،
ئۆزۈمچە «تەرجىمە» قىلىپ باققان
ئۇنىمۇ سۆزلەيمىز ، بىر كۈندىلا ھەممىنى ئۆگىنىپ بولغىلى بولمايدۇ ، ئەڭ مۇھىمى تور كۆرگۈنىڭ كود ئورنىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن ئوبدان پايدىلانسىڭىزلا ، سىزنىڭ ئىزىقىپ ، قايمۇقۇپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ، گوگىلى تور كۆرگۈسى بىلەن ئوت تۈلكە كۆرگۈسىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئوبدان پايدىلىنىڭ .