ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
كونا-يىڭى بىلوگگىرلار ئۆز بىلوگىغا ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئاددى ھالىتىگە قاراپ ، بەلكىم ئىچى پۇشقاندۇر ياكى قىستۇرما ئارقىلىق ھەل قىلغان بولسىمۇ ، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەي ، بوپتىۇلا ، دەپ ئولتۇرغاندۇر .....
مەنمۇ ئىنكاس رامكىسىنى كۆركەمرەك قىلاي ، دەپ ئىزدىنىدىغانلارنىڭ بىرسى ، «kindeditor» يازما تەھرىرلىگۈچىسىنىڭ كۆركەم كۆرۈنۈپ ، قويۇپ بىقىۋىدىم ، ياراشتى ، ئەمما ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىشتا قېيىنچىلىق كۆرۈلدى ، يەنە ئىزدىنىپ ، ئاخرى WordPress نىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىسىنى ئىشلىتىپ بىقىۋىدىم ، قاملاشتى .
بۇ تەھرىرلىگۈچنى ئىنكاس رامكىسىدا ئىشلىتىشنى خالايدىغان دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قالدۈرۈشنى توغرا تاپتىم .
كود بوستانلىقى
ئۇسلۇبنىڭ «comments.php»ھۆججىتى ئىچىدىكى تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ :
ۋە بۇ كودنى تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرۇڭ :
- '', comment, $settings = array(
- 'quicktags'=>1,
- 'tinymce'=>0,
- 'media_buttons'=>0,
- 'textarea_rows'=>4,
- 'editor_class'=>"textareastyle"
- ) ); ?>
ئەسكەرتىش : كود قوشقاندا ، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ :
ئاۋۇ كود ئىچىدىكى ئاتالغۇ قىممىتى كودنى كۆرسەتكەندە يوشۇرۇن بولۇپ قالغان ياكى كۆرۈنمىگەن ، شۇڭا بۇ رەسىمگە سىلىشتۇرۇپ ، قىممىتىنى ئۆز ئورنىغا قويۇڭ .
كود ئىچىدىكى ئاتالغۇلار ھەققىدە
ئۇنۇمىنى كۆرۈش
مۇشۇ يازما ئاستىدىكى ئىنكاس رامكىسىدىن كۆرۈڭ .
ئىش مۇشۇنداق ئاددى ، سىناپ بېقىشنى خالايدىغان دوستلار يۇقىردىكى ئۇسۇل بويىچە كودنى ئالماشتۇرۇپ ، كود ئاتالغۇلىرى بەلگىلىگەن قىممەتنى ئۆزگەرتىپ ، سىناپ باقسا بولىدۇ .
چۈشەنمىگەن ياكى ھەل قىلالمىغان جايلار بولسا ، ئىنكاس ئارقىلىق ئورتاقلىشىپ ھەل قىلىمىز .
قېنى كىم بىرىنچى بولۇپ سىنىيالىدى ؟!
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
بەك نوچى ئىش بوپتۇ، رەھمەت سىزگە!
بىلوگ باش بېتىگە يازما يوللاش ئىقتىدارىنى قانداق قوشىمىز مۇئەللىم، مۇشۇ توغرىسىدا بىر ياردەم قىلسىڭىزكەن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئەلساھىب ئەپەندىم ، بۇ جەھەتتە ئاللىقاچان يازما يوللىنىپ بولغان ، سىز ئەستايىدىل ئىزدېسىڭىزلا تاپالايسىز ھەمدە يازما يوللاش بېتى قوشالايسىز …..
ئەسسىلاممۇ-ئەلەيكۇم مۇئەللىم مەن مۇنداق قىلاي دىگەن يەنى ھەر بىر يازمىغا ئىككى ماۋزو ئورناتقىلى بولارمۇ يەنى رەسىم ئۇسلۇبىدا پەقەت ماۋزوسىا چىقىدۇ ئەمەسمۇ شۇنىڭ تىگىگە يەنە بىر ماۋزونى ياكى بەلگىلەپ قويغان ئازراق خەتنى ماۋزوسىنىڭ تىگىگىلا چىقارغىلى بولامۇ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقماپتىمەن ، ئەگەر جاۋابىنى تاپالىسام مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قوياي .
بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم. مەنمۇ مۇشۇنداق ۋوردپرېسنىڭ ئارقا رايونىدىكى بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى بىۋاستە يۆتكەپ باشبەتتە ئىشلەتسەك قانداق بولا دەپ ئويلاپ يۈرگەن. بۇ بەك ياخشى تېما بوپتۇ، مېنىڭ ئويلىرىمغا ئىلھام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
شۇنداق بولغان بولسا ، مەنمۇ خۇرسەن بولدۇم ……
ئىنكاس رايونى قارام ھە مۇئەللىمكا ،بولىدىغان ھۈنەركەن .دەرھال سىناپ باقاي .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم,بۇ ھۈنەرمۇ بۇلىدىكەن.
ئىنكاس رايونىنىڭ تەھرىرلىگۈچىسى ئالاھىدىغۇ؟ … قالتىس قىلۋاپسىز جۇمۇ
ۋاھ ، ماۋۇ ئىنكاس رامكىسىغا كۆزۇم چۇشۇپ قالدى ، يەنە بىرگەپ مۇئەللىمكا .
سىزنى ئەجەپ تاپقىلى بولماس بولۇپكەتتى ھە ، مىنىڭ تورنامنىڭ ۋاختى توشۇپ قاپتىكەن ، بانكا كارتىسىنى ئەۋەتىپ بەرسە پۇل سىلۋەتسەم تورنامىنى ئۈزارتىپ بىرەمىكى دەپ ساقلاپ تۇرىۋەردىم . ياكى ھىلىقى توربىكەتنىڭ كىرىش پارولىنى تىخى ئەۋەتىپ بەرمىدىڭىزھە …
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت