گۈلۈم
ياز كېلىپ ئېچىلغان گۈللەر ئىچىدىن ،
تاللىدىم ھۆسنى گۈل ، چىرايلىق بىرنى .
ۋەلېكىن ئۈزۈشكە قولۇم بارمىدى،
ئويلىدىم ھاياتنىڭ غەمكىن سىرىنى.
«گۈللا گۈل بولامدۇ پۇراقى بولسا» ،
ئويلىدىم ئالىمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى .
ئادەمدەك ئادەملەر يەنە بارمىدى ،
قورىقتىم تاللاشقا ئەمدى بىرىنى .
مەن تولۇقسىزدا ئانچە-مۇنچە شىئېر يېزىپ قوياتتىم، بۈگۈن شىئېر دەپتىرىمنى ئاقتۇرۇپ ، ماۋۇ شىئېر ماڭا باشقىچە تۇيۇلۇپ كىتىپ سىلەرگە يوللاپ قويدۇم ، بۇ شىئېرنىڭ قىززىق يىرى مەزمۇنى ئەمەس ، شىئىرنىڭ ئاخرىدىكى قاپىيەلىرى ، قېنى بۇ قىزىقارلىق يىرىنى كىم تاپالايدىكىن ؟
ئاپتور : تەلەي365
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ