ھايات ئۇ ئىنسانغا بىر ئۆتكەل داۋان،
بار ئۇندا تىك قىيا ھەم يېرىتقۇچ قاۋان،
ئەقلىڭنى ئىشقا سال ۋىجدانغا تايان،
شۇندىلا سەپىرىڭ بولىدۇ راۋان.
ھايات ئۇ ئىنسانغا بىرگويا سىناق،
ئۇ بەلكىم سىزلەرگە بەرگەن ئىشتىياق،
ھاياتتەك قىممەتلىك ھەم بارمۇ سىياق،
ھايات چۈن قولغا ئال ئۆتكۈر بىر ساداق.
ھايات ئۇ ئاققان سۇ ئىقىپ تۈگەيدۇ،
ئۇلىكىن شىر ئەمەس ئادەم يىمەيدۇ،
ئۇ ئوقتۇر بىر گويا قايتا كەلمەيدۇ،
ئۈن تىنسىز كەتكىنىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.
ھايات ئۇ بىر گويا جەڭگاھتا جەڭچى،
ۋە ياكى گۈلىستان باغىدا گۈلچى،
بەزىدە بولار ئۇ كۆكتىكى كەزچى،
چۈشكەندە يەرگە ئۇ بىر تامچە زەرچى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت مەن خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەنلىىمدىن خىجىلمەن ، گەرچە ئالدىراش بولساممۇ يەنىلا سىلەرنى ياد ئىتىپ ، ھاياتىمدا ئۇچراتقان شۇ "ھايات" تىنىقلىرىمنى ئاددى قىلىپ يېزىپ قويدۇم، بۇ شىئىرىنىڭ بىرىنجى كۇپلىيىتىنى مەن2008- يىلى9-ئايدا يازغان ، ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ بولاماي تاشلىنىپ قالغانتى، بۈگۈن قوربان ھىيىت ھارپىسىدا شۇنداق بىر تۇيغۇ كىلىپ داۋام ئېتىشقا نىسىپ بوپتۇ . كۆپچىلىكنىڭ قۇربان ھىيتىنىغا مۇبارەك بولسۇن، قۇربان ھىيىتتا ماڭا جىق سوۋغات بەرمىسەڭلىمۇ بولىدۇ.
پەقەت ۋەھىمە باتۇر قورقىتىۋەتمىگەن قوينىڭ ئوڭ پۇتىنى بەرسەڭلا كۇپايە ھې ھې ھې
(قۇربان ھىيىتلىق چاقچاق)
ئاپتور : تەلەي365
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 5:22 چۈشتىن كېيىن تەخىت
يا ئاللا ما ئاداش قىپ يۈرگەن سۆزلىرى يىقىن ئاغىنەم دەپ گەپلىرىمنى دەپ بەرسەم چىتقا يايغىلى تۇرۇپتۇ مانا، ۋەھىمە قارى ئىنساپ دىگەن با يەردە با جۇما ئاداش جىن قوغلايمەن دەپ ئاۋارە بولماي خەۋەر يازىدىغان مۇخپىر بولساڭلا بوپتڭكەنسىلىتۇق، ئاددى ئادەمنى بىر كىچىدىلا چولپانغا ئايلاندۇرۋىتىغان
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:40 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بىرىنچى كۇبلىتى رەسمىي ياخشى چىققان شېئىركەن.2-كۇبلىتتىن باشلاپ ئىلھام سۇسلىشىپ، قاپىيە ئاجىزلاپ كېتىپتۇ. ئەسلى بۇ شېئىرنى 2008-يىلىلا پۈتكۈزۋىتىدىغان ئىشكەن جۇمۇ.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 6:02 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پىقىر ۋەھىمە بۇرۇنقى بىلوگىمدىكى جىنلىرىمنى ئىلىپ پەتىگە كەلدىم
، قۇربان ھىيېت تا گوشنى ئازارق يەپ بىز تەرەپ لەرگە ئۆتۇشنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز بولاتتى ،
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 11:46 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
مەزمۇنلۇق ياخشى شىئىركەن
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 2:34 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@تورسودا بۇرادىرىمىز تەلەي ، يوقىلىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان ، بۈگۈن شۇنداق ياخشى سوۋغاتتىن بىرنى ئېلىپ ، يوقلاپ كەپتۇ .
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 2:38 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم تەلەي قارى ھازىر پۇل تىپىش بىلەن ئالدىراش ، خوتۇن ئالمىسا بولمايدۇ ،