گۈل
-ئاپتۇر(تەلەي)
گۈل شىخىنى ئىگەر مۇلايىم ،
لېكىن بۇلبۇل يۈرەر بىپەرۋا .
گۈللەر سانسىز ، ئۆتەر تاللاپمۇ ،
گۈل قەدرىنى بىلمىگەن چاغدا .
كۈنلەر ئۆتۈپ توزىسا بىر كۈن ،
گۈل ئىشقىدا چىكەر ھەم ھەسرەت .
قىلىمىشىغا يارىشا تاڭلا ،
بۇلبۇلغىمۇ كېلەر شۇ قىسمەت .
بۇلبۇل شاخلار ئارىلاپ يۈرۈپ،
تاپار يەنە باشقا بىرىنى،
باشقا گۈللەر باقسىمۇ كۈلۈپ،
ئەسلەپ قالار توزىغان گۈلنى .
(2014-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى)..............-پوسكام
ئاپتور : تەلەي365
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى 4:02 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
كىيىن مەن قاتتىق دېسكىنى يەكەنگە سىلىۋەتكەن ئىكەنمەن ، تۈنۈگۈن ئەكىلىۋالغان ، بۈگۈن سىزگە يوللاپ بىرەي ئەمدى . كىچىككەن بولساممۇ لازىم بوپ قالار
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۈنى 12:22 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
يەنە بىي يىل بوپتۇ قايسى كۇنىدىكى تور ئىشىدىن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن لاھىيە پۈتكەنتى بىراق يوللاي دەپ قارىسام تور ئۈزۈلۈپ قىلىپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 22-كۈنى 11:38 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@تەلەي365 @تەلەي365 تور ئۈزۈك ھالىتىنى تاللاپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز ، تاپشۇرۋالاتتىم ئەمەسمۇ ؟…
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى 6:03 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
گۈزەل شېئىرلەر…
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى 6:26 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@دوغاپ شۇنداق ، بۇ تەلەيگە «گۈل كېسىلى» چاپلاشقان ئوخشايدۇ . تىلى بەكمۇ يېقىملىق چىقىپتۇ . كۆپ تەشەككۈر !
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى 7:32 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم ئاللاھ ئۆزى شىپاسىنى بەرسۇن ئۇنداق گۈل كېسىلىگە!
2014-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى 1:38 چۈشتىن بۇرۇن 3-قاتار
@دوغاپ ئادەمدىكى تۇيغۇ ھامان ئۆزگىرىپ تۇردۇ ئەمەسمۇ، مىنىڭ ئەتىراپىمدىكى مۇھىتقا باققىنىمدا ئانچە مۇنچە شىئىر قوشاقلارنى توقۇپ قويدىغان يامان ئادىتىم بولغاچقا ئۇدۇللا نەقمەيداندا يېزىپلا يوللىۋەتتىم، دوستۇمغا دەپ قويماڭلا جۇمۇ ئۇ ئۇقۇپ قالسا مەندىن رەنجىپ يۈرمىسۇن يەنە