نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تەۋسىيەلەر | ئاساسىي مەزمۇن
بىلوگنىڭ 700 كۈنلۈكىگە سوۋغات
2014-يىلى02-ئاينىڭ07-كۈنى | تەۋسىيەلەر |جەمئى 1168خەت بار | 803 قېتىم كۆرۈلدى | 10پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك ئەھلى جامائەت ! بۇ بىلوگنى دائىم يوقلاپ تۇردىغانلار بەلكىم بىلگەندۇ ، ئەسلى مۇشۇ قىتىم بىلوگ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 700 كۈنلۈكىنى تەبرىكلەپ بىرە پارچە يازما يازاي دەپ ، بىلوگنى شۇنداق ئېچىشىمغا . مۇئەللىمكامنىڭ تەمكىنلىك بىلەن قالدۇرغان مۇنۇ سۆزلىرى مىنى كۈتىۋالدى ؛ « ياخشى نىيەتلىك دوسىتلارنىڭ بوشلۇقتىكى ھۆججەتلەرنى پاك - پاكىزە تازلىۋىتىش بىلەن ، بىلوگ چاغانلىق دەم ئىلىش قىلىۋاتىدۇ، چاغاندىن كېيىن يەنە سىلەر بىلەن داۋاملىق يۈز كۆرۈشىدۇ.» دېگەندەك . ۋاي ئاللا ، بىلوگ چاغانغا كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئەمما گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسەم گەپ باردەك قىلىدۇ، بىلوگقا باشقىلار سۈيقەسىت ئىشلىتىپتىكەن ئەمەسمۇ، ئامال يوق ، «يازمام ھاۋادا ، كۆڭلۈم تالادا قالدى، » يازالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇللا مۇئەللىمكامنىڭ كود كودىغا خەت يازدىم، مۇئەللىمكام سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى ، ئاندىن ئۆزىنىڭ بىلوگنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى دېگەنتى كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى، قاراپ تۇرۇپ ۋەيران قىلىۋەتكەن قانداق نا ئەھلىدۇ ئۇ ؟ شۇنى بىلەلمىدىم، مۇئەللىمكامنىڭمۇ دېگۈسى كەلمىدى بولغاي دېمىدى، مەنمۇ ئۇقمىدىم، لېكىن بۇمۇ بولغىنى ئەمدى، مۇئەللىمكامنىڭ بىلوگى 700 كۈندىن بىرى بىزگە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى تەمىنلەپ چارچاپمۇ قالغاندۇ، بىرە 3 كۈن دەپ ئالغانغا نىمە بوپتۇ. كۆپچىلىكمۇ دەم ئىلىشقا روخسەت قىلدى ھەقىچان.....

مۇئەللىمكا بىلوگنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى قۇتلۇقلايمەن، كۆز تەگمىسۇن تۇمار ئېسىپ قويايلى ئەمدى بىلوگقا، قانداق دېدىم.
ئاپتور : تەلەي365

QR:  بىلوگنىڭ 700 كۈنلۈكىگە سوۋغات

ئاپتور « تەلەي365» ھەققىدە

  • تەلەي365، مەن سىزنىڭ 365 كۈن تەلەيگە يولۇقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ تەلەي365 دىگەن نام بىلەن بۇ بىلوگدا سىزگە ئەسەر يوللاۋاتىمەن، مەن ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى ئۈگنىشكە بەك ئامراق، ئارام ئالماي توردىن دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىپ قويىمەن، مەن لاھىيە ساھەسىدە mx سىتۇدىيىسى نامىدا، سەنئەت ساھاسىدە بولسا، شەپەق نامىدا، ئەدەبىيات ساھەسىدە بولسا تەلەي 365 تەخەللۇسى بىلەن سىز بىلەن ئۇچرىشىمەن

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 10 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :9 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. سارايۋەن 2014-يىلى05-ئاينىڭ14-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      توۋا دەيمەن جۇمۇ ئاجايىپ ئالامەت ئادەملىرىمىز باردە لىكىن شۇ …….. دەكلام ،بىلوگنى باشقىلار يىزىپ ماڭدۇرسا بىر نەرسىنى بىر نىمە قىلغاندەك كۆزى كىچىك ئۆزۇمنى بىسىۋالاي مۇئەللىمكامنىڭ بىلوگىكەن بولمىسا نەچچە ئىغىز گىپىم بارتى مۇئەللىم بىلوگىنى پۇتۇن كۇچىمىز بىلەن قوللايمىز

      Google Chrome 33.0.1750.154Windows 7
    2. ھاجى 2014-يىلى03-ئاينىڭ02-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ بىلوگنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا، ھەممىمىزگە ئورتاق نەپ يەتكۈزىشىگە تىلەكداشمەن. :grin:

      Google Chrome 31.0.1650.63Windows 8.1
    3. بەگمۇراد 2014-يىلى02-ئاينىڭ10-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      مۇبارەك بولسۇن700 كۈن نورمال ماڭدۇرۇش ئاسان بولمىسا كېرەك.

      Firefox 27.0unknow
    4. سالىھ بىگ 2014-يىلى02-ئاينىڭ10-كۈنى |  4-رەت جاۋاب

      700 كۈنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن . مۇشۇ كۈنگىچە بىزدەك بلوگ ئىشتىياقچىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ كىلىۋاتىسىز مۇئەللىمكا . ئاللاھ قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن . ھىلىمۇ خوتۇن بىلەن بلوگنى تەڭ باشقۇرۇپ كىلىۋاتىسىز ئاپرىن . :mrgreen:

      Google Chrome 31.0.1650.63Windows XP
    5. قاسىمجان 2014-يىلى02-ئاينىڭ09-كۈنى |  5-رەت جاۋاب

      مۇبارەك بولسۇن، مۇئەللىم بلوگىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن.

      Safari 9537.53Iphone 7_0_4 like Mac OS X) AppleWebKit
      • مۇئەللىم 2014-يىلى02-ئاينىڭ09-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        بۇرادەرلەرنىڭ ئىلھام – مەدەتلىرىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ، مۇئەللىم بىلوگىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىنى سىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىڭلاردىن ھەرگىزمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بوشلۇق ھۆججەتلەرنىڭ يۈيۈلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىگىشلىك ھۆججەت ۋە تەڭشەكلەر تۈپەيلىدىن ، تەتىلدىمۇ يىڭى يازما يوللاشقا ۋاقىت يەتمەيۋاتىدۇ ، كۆپچىلىكنىڭ قايسى تۈردىكى يازمىلارغا ئىشتىھايى باركىن ……… :smile:

        Google Chrome 32.0.1700.107Windows 8.1
    6. ئىرشاد 2014-يىلى02-ئاينىڭ09-كۈنى |  6-رەت جاۋاب

      مۇبارەك بولسۇن . ئالغا مۇئەللىم بىلوگى . :smile:

      Google Chrome 32.0.1700.107Windows 8
    7. مەن 2014-يىلى02-ئاينىڭ08-كۈنى |  7-رەت جاۋاب

      مۇبارەك بولسۇن ! 700 كۇنمۇ ئاز ئەمەس :razz: يازمىلار تىخمۇ ساز ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق ،تىنىڭلار سالامەت بولسۇن .(ئاللاھۇ ئەكبەر) :grin: نى بىلوگ بولغاندىن دىمىسەممۇ بولار

      Google Chrome 32.0.1700.107Windows 7
    8. ئۇيغۇرجان 2014-يىلى02-ئاينىڭ07-كۈنى |  8-رەت جاۋاب

      700 كۈن قانچە ئاي بولىدۇ؟ :roll: :roll:

      Google Chrome 28.0.1500.72Windows 7
    9. دوغاپ 2014-يىلى02-ئاينىڭ07-كۈنى |  9-رەت جاۋاب

      توۋۋا، مۇنداق ئىشلارمۇ بولغان دەڭە، مۇبارەك بولسۇن 700- كۈن !

      Google Chrome 33.0.1750.27Windows 7

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !