ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress بىلوگلىرىدا WordPress نى دەسلەپ قاچىلىغاندا بىكىتكەن ئىشلەتكۈچى نامىنى ئادەتتە ساندان باشقۇرۇشتىن ئۆزگەرتمىسە ، بىلوگ ئارقا بېتىدىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ . بەزى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر WordPress نى يېڭى قاچىلغاندا ، ئىشلەتكۈچى نامىغا بىلىپ-بىلمەيلا admin نى ئىشلىتىپ قالىدۇ . admin دىن ئىبارەت ئىشلەتكۈچى نامى كۆپلىگەن بۇزغۇنچىلارنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان بىلوگقا ھۇجۇم قىلىشىدىكى نام بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، ئىمكان بار ئۆزگەرتىۋەتكەن ياخشى .
ئەگەر ئۆرگەرتىۋىتىش ئويىڭىز بولسا ، ساندان باشقۇرۇشقا كىرمەيمۇ تۆۋەندىكى قىستۇرما ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى نامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ .
قىستۇرما نامى : WPVN – Username Changer
ئارقا بەت - قىستۇرمىلار - يېڭىدىن قوشۇش ، مۇشۇ بويىچە كىرىپ ، قىستۇرما نامى ئارقىلىق ئارقا بەتتە ئىزدىتىپ قاچىلاپ ، ئىسىمنى ئۆزگەرتىپ بولغانىدن كېيىن ، قىستۇرمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ ......
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ