ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئالدىنقى يازمىمىزدا ckplayer قويغۇچىسىنى WordPress بىلوگىلىرىغا قېتىش توغۇرلۇق يازما يوللىغاندىن كېيىن ، بىر قىسىم بىلوگگىر دوستلار قاتالمىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى ، بىر قىسىم بىلوگگىر دوستلار ckplayer قويغۇچىسىنى بىلوگقا ئۇتۇقلۇق قاتتى ۋە ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر قاتار قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى . بۇ مەسلىلەر تۆۋەندىكىچە :
1. «加载失败» دەپ چىقىۋالدى ۋە قوشقان فىلىم ھۆججىتى قويۇلمىدى .
جاۋابى : «加载失败» نىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، 2-باسقۇچتىكى ckplayer.xml ئىچىدىكى ئادرېسنىڭ توغرا قويۇلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدىكەن . ئىككىنچى باسقۇچنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقامسىز ؟
ئەسكەرتىش : ئالدىنقى يازمىنىڭ ئىككىنچى تۈرىگە قاراڭ :
ckplayer ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى ckplayer.xml ھۆججىتىنى تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ ، تۆۋەندىكى قۇرنى ئۆزگەرتىڭ :
{p->1}{b->1}{s->2}{l->}{r->}{t->}{f->http: //بىلوگ نامىڭىز/wp-content/themes/ئۇسلۇبىڭىز ھۆججەت قىسقۇچ نامى/ckplayer/video.php?url=[$pat]}
2. قويغۇچ ۋە فىلىم قېتىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى ، ئەمما ، فىلىم تېلېفۇندا قويۇلمىدى ؟
جاۋاب : مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندىم ، ئالدىنقى قېتىم «گۈلبۇلاق گىرافىگى» نىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ «نۇرقۇت مۇنبىرى» دىكى ckplayer توغرىسىدىكى ياردەم تېمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ، خەنزۇ يولداشلارنىڭ بىلوگىدىن ckplayer قويغۇچىسى ئاساسدىكى قىستۇرمىنى تاسادىپى بايقاپ قېلىپ ، قاچىلىغاندىن كېيىن ، قولايلىقىنى ۋە تېلېفۇندىمۇ قويۇلىدىغانلىقىنى سەزگەن ۋە «گۈلبۇلاق گىرافىگى» نىڭ قۇرغۇچىسىغا تەۋسىيە قىلغان ئىدىم . كېيىن قىستۇرما ئىشلەتمەي ، ckplayer قويغۇچىسىنى بىلوگقا قېتىش توغۇرلۇق ئىزدەنگەندىن كېيىن ، گەرچە بىلوگقا قېتىش ئۇتۇقلۇق بولغان بولسىمۇ ، ئەمما قوشقان فىلىم تېلېفۇندا قويۇلمىدى .(بەلكىم بۇ مەسلىلەر ckplayer قويغۇچىسىنىڭ كېيىنكى نەشىرلىرىدە ھەل بولۇشى مۇمكىن . بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش يەنىلا داۋاملىشىدۇ .)
كېيىن بىلوگ سىستېمىسىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن بۇ قىستۇرما نۇرمال ئىشلىمىدى . كەڭ دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە ، بىلوگ سىستېمىسىنىڭ نەشىرىنى 3.8.1 گە تۆۋەنلىتىپ سىنىغاندىن كېيىن ، بۇ قىستۇرما نۇرمال ئىشلىدى . ھەم قوشقان فىلىم تېلېفۇندىمۇ نۇرمال قويۇلدى .
فىلىم ئۈنۈمىنى بۇ ناخشىنى تېلېفۇندا ئېچىپ كۆرۈڭ :
[ckvideo auto="0" width="660" height="460" url="http://v.youku.com/v_show/id_XNjE5MzQ5Mjcy.html"]يۈرىكىڭىزنى تىترەتمىسە بىكا[/ckvideo]
قىستۇرما تەسىراتى
1. قىستۇرما ئارقىلىقمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز .
2. تېلېفۇندا قويۇش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كىشىنى خۈشال قىلىدۇ . بۇنىڭغا ئۈستىدىكى فىلىمنى تېلېفۇندا ئېچىپ كۆرگەندىن ، ئۆزىڭىز باھا بېرىڭ .
3. فىلىم قوشۇش ئۇسۇلى ناھايىتى قولايلىق . يەنى قىستۇرمىنى قاچىلىغانىدن كېيىن ، يازما تەھرىرلەش رامكىسىنىڭ كۆرۈنمىلىك ھالىتىدە ، قوراللار قاتارىدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بىر قورل سېن بەلگىسىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز :
شۇ سېن بەلگىنى چىكىش ئارقىلىق ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن فىلىم قوشۇش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز .
4. قىستۇرما سىناش باسقۇچىدا بولغاچقا ، ھازىرچە تەرجىمە قىلىنمىدى ، سىناش باسقۇچىدىن ۋە كەڭ دوستلارنىڭ سېنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ ، كەڭ بىلوگگىر دوستلارغا تەمىنلىنىدۇ .
قىستۇرما چۈشۈرۈش
كۆرۈلگەن مەسلىلەر بولسا ، يازما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار تىز سۈرئەتتە جاۋاب بېرىشكە تىرىشمەن .
2014-يىلى 05-ئاينىڭ 23-كۈنى 6:02 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، مەن بىر ئۇسلۇبنى قاچىلاپ بولۇپ قوزغاتقاندىن كىيىن نورمال قوزغالدى، كىيىن باشقۇرۇش بىتىگە كىرسەم ئىكران ئاق بولىۋىلىپ ھېچقانداق ئۇچۇر چىقمايۋاتىدۇ، باش بەت نورمال ئەمما باشقۇرۇش بىتى ۋە باشقا تەھرىرلەش رايونلىرىغا كىرسەم ئوخشاشلا ئاق بەت ئىچىلىپ ھىچقانداق ئۇچر چىقمايۋاتىدۇ . مەن يىڭى ئۈگەنچى بولغاچقا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم ، بىلىدىغان دوسلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار .
2014-يىلى 05-ئاينىڭ 05-كۈنى 2:06 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بۇ غۇ تازا ياخشى ئىشكەن بىراق مەن خاتا مەشغۇلات قىلدمۇ قانداق ئۈنۈمگە ئېرشەلمدىم شۇنداقتمۇ سىزگە رەھمەت ئېيتمەن
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 30-كۈنى 2:31 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
مۇشۇ قىستۇرمىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرغىلى بۇلارمۇ؟
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 30-كۈنى 2:59 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@بەھرام مېنىڭچە بولىدۇ . ئۇسلۇب ئالماشتۇرسام ، فىلىم قويۇلمىدى ، ساپ كود ھالىتىدىكى ئۇسلۇب ھۆججىتى بولسا ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ .
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 30-كۈنى 9:52 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، قىستۇرمىنىڭ ئىشلىمەسلىكى ۋوردپرەس تەھرىرلىگۈچىنىڭ نەشىر كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. يەنى قىستۇرمىدا ئىشلىتىلگەن بىر فۇنكىسيەنىڭ يېڭى تەھرىرلىگۈچتە چىقىرۋېتىلگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. ئەمما ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن بۇنى ھەل قىلىشقا ئۈلگۈرمىدىم.