نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تەرمىلەر | ئاساسىي مەزمۇن
خۇداغا شۈكۈر
2014-يىلى04-ئاينىڭ28-كۈنى | تەرمىلەر |جەمئى 1446خەت بار | 794 قېتىم كۆرۈلدى | 6پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىرەيلەن قۇملۇقتا ئېزىپ قاپتۇ-دە ، ئىككى ھەپتىدەك يول يۈرۈپ يەتكۈچە جاپا تارتىپتۇ .
ئۇسسۇزلۇق ، ئاچلىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىژ-پىژ ئاپتاپ ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزەي دېگەن بىر كۈنى ، ئۇ يىقىن ئەتراپتىكى مويسىپىتنىڭ چىدىرىنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە ، مىڭبىر مۇشەققەتتە چىدىرنىڭ يېنىغا كەپتۇ .مويسىپىت بىر مەزگىل ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالغاچقا ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى تىزلا ئەسلىگە كەپتۇ .
ئۇ كىشى مويسىپىتتىن يېقىن ئەتراپتىكى كەنىتكە قانداق بارىدىغانلىقىنى سوراپتۇ . ئۇ مويسىپىتنىڭ بىر ئېتى بارلىقىنى بىلگەچكە ، مويسىپىتقا :
- ئېتىڭىزنى مىنىپ تۇرسام بولامدۇ ؟ - دەپ يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ تۇرۋاپتۇ . مويسىپىت ئامالسىز قوشۇلۇپتۇ ھەمدە بەزى ئىشلارنى ئالاھىدە جېكىلەپتۇ :
- بۇ ئات بىر ئاز ئالاھىدىرەك ، سىز «خۇداغا شۈكۈر» دېسىڭىز ماڭىدۇ ، «ئامىن » دېسىڭىز توختايدۇ . شۇڭا ، بەك ئېھتىيات قىلىڭ .
بۇ كىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەنغۇ دەپ ئويلاپ ، خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بوپتۇ . ئۇ ئاتقا مىنىپ «خۇداغا شۈكۈر» دېگەنىكەن ، ئات مېڭىشقا باشلاپتۇ . بۇ ئىش ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىق تۇيۇلۇپتۇ-دە ، كەينى-كەينىدىن «خۇداغا شۈكۈر ، خۇداغا شۈكۈر » دەپتۇ . ئات ئاستا چېپىشقا باشلاپتۇ . ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ باتۇر چاغلاپ ، «خۇداغا شۈكۈر ، خۇداغا شۈكۈر ، خۇداغا شۈكۈر ......»دەۋېرىپتۇ . ئات ئۇچقاندەك چېپىشقا باشلاپتۇ .
ئۇ تۇيۇقسىز ئالدىدا بىر تىك ھاڭنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە ، ئاتنى توختىتىش ئۈچۈن : «توختا ، تىز توختا ، ۋو-ۋو .....» دەپتۇ .
بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كارغا كەلمەپتۇ . قىيا تاشقا ئازلا قالغاندا ، ئۇ ئاندىن ئاتنى توختىتىدىغان سۆزنى يادىغا ئاپتۇ : «ئامىن !» ئات ئاخىر توختاپتۇ . بۇ چاغدا ئۇ يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان ئىكەن . نېمىدېگەن خەتەرلىك-ھە ! ئۇ ئىختىيارسىز چوڭقۇر تىنىپ : «ئۇف ، خۇداغا شۈكۈر » دەپتۇ .....
ئەلۋەتتە ، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى سىزگە ئايان .

QR:  خۇداغا شۈكۈر

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 6 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. noqut 2014-يىلى04-ئاينىڭ30-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      ما يۇمۇرنى خا خا خا

      Firefox 29.0Windows 7
    2. بىلىكئال 2014-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: :lol بىچارە ئات :sad:

      Google Chrome 34.0.1847.116Windows 8
    3. بىركىم 2014-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      ئىنكاس يېزىش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق… :lol:

      Firefox 28.0Windows 7
    4. pakzemin 2014-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنى |  4-رەت جاۋاب

      بۇ تىمىدا نىمە باردۇ ؟

      Internet Explorer 6.0Windows XP
    5. تەشنايى 2014-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنى |  5-رەت جاۋاب

      يا ئاللاھ، ئەمدى بلوگدىمۇ تىما ساتىدىغان بولۇپ كەتتۇقما؟ لېكىن بۇمۇ كاتتا ھۆنەركەنيا :lol:

      Google Chrome 34.0.1847.116Windows 8.1
      • مۇئەللىم 2014-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        مۇنبەردە باركەن بۇ ھۈنەر ، بىلوگدىمۇ ئىشلەمدۇ-يوق ، دەپ سىناپ باقتىم . ئىشخانىدىكى كومپىيۇتىردا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ قارىسام ، ئىشلەپتۇ . رەھمەت ، سىناقتىن ئۆتتى ….. :mrgreen:

        Google Chrome 34.0.1847.116Windows 7

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !