ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، ئۇلۇغ روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
ئۇلۇغ كۈن ، ئۇلۇغ ئايەمنىڭ ھەققى ھۆرمىتىدىن تىلىگەن تىلەكلىرىڭىز مەقبۇل بولسۇن ، تېىنىڭىزغا سالامەتلىك ، تۇرمۇشىڭىزغا ئاسايىشلىق تىلەش بىلەن بىرگە بۇ ئاددى ھېيىتلىق سوۋغامنى سىزگە سۇندۇم . ياقتۇرۇشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
ئۇسلۇب ھەققىدە
ئۇسلۇب نامى : xiu
ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى : نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبىغا تەۋە .
1. ئالدى بەت كۆرۈنمە يۈزىنى تەڭشەك بېتىدىن ئۆزىڭىز خالىغان رەڭدە تەڭشىيەلەيسىز . سىز پەقەت رەڭنى مۇقىملاشتۇرسىڭىزلا ئالدى بەت سىز مۇقىملاشتۇرغان رەك كۆرۈنۈشىگە ئالمىشىدۇ .
2. ئالدى بەت بەت كەڭلىكىنى تەڭشەك بېتىدىنلا كەڭلىك ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كونتىرۇل قىلايسىز ، ەكڭ ياكى تار ھالەتتە كۆرۈنۈشنى يەنىلا ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز .
3. ئالدى بەت ئالمىشىدىغان رەسىم شەكلى ۋە تەۋسىيە يازمىلارنى يەنىلا كەينى بەتتىن كۆنتىرول قىلىسىز ۋە بەلگىلەپ بېرىسىز .
4.كىچىك قوراللىرىنى خالىغانچە كونتىرول قىلالايسىز ۋە رەسىملىك رەسىمىسز كۆرسىتىشنىمۇ يەنىلا ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز .
5. كومپىيۇتىردە زىيارەت قىلىۋىتىپ ، تېلېفۇن ھالىتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ، تور كۆرگۈنى ئۆزىڭىز قانائەت ھاسىل قىلغۇچە تەڭشەپ كۆرۈڭ ، ئۇسلۇب ئاپتوماتىك تەڭشىلىشچانلىققا ئىگە .
بەت يۈزىدىن كۆرۈنۈشلەر
ئۇسلۇبنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش
ئەسكەرتىش
1.ئۇسلۇب تەڭشىكى ۋاقىت زىچلىقى سەۋەبىدىن تەرجىمە قىلىنمىدى ، شۇ بىر تاللا ھۆججەت ، ئەگەر تەرجىمە قىلغانلار ئەۋەتىپ بەرسە ئۆزگەرتىلگندىن كېيىنكى ھۆججەت چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ .
2. ئۇسلۇب ئەسلى ئۇسلۇب كۆرۈنۈشىنى ئاساس قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلدى ، بىر قىسىم سىزىق رەڭلىرى مۇئەللىمنىڭ گۈزەللىك قارىشى بويىچە ئۆزگەرتىلگەندىن باشقا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى .
3.ئۇسلۇب كۆرۈنۈشىنى (بەت ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى) ئۆزگەرتىش ۋە ئايرىم بەت قوشۇش توغۇرلۇق ئىھتىياج بولسا ، ھەقلىق مۇلازىمەت دائىرىسىدە ھەل قىلىپ بېرىلىدۇ . توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئۇسلۇبقا قارىتا ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسلىلەر بولسا ، يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، نۇرقۇت تورىدا سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلار كۆپتكەن بىراق مەن چۈشۈرەلمىدىم . مۇنكىن بولسا ماڭا مۇشۇ ئۇسلۇپنى تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ ؟
@ئەقىليار مەن ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرەي دېسەم ، ھەممە ئادەم بىرلا ۋاقىتتا سورىمايدىكەن ،شۇڭا QQتوپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، لازىملىقلار ئەزا بولۇپ چۈشۈرۋىلىپ ، كېيىن ئىھتىياج تۈگىگەندە توپتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىمۇ بولىدىكەن . شۇڭا توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، ئەزا بولۇپ ئىشلەتكەنلەر بىرەر مەسىلىگە ئۇچرىسا ، جاۋابقا ئېرىشمىكىمۇ قولاي بولىدىكەن . توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، شۇ يەردىن چۈشۈرۋالسىڭىز …
ئۈچۈپ كىتتۇ چۈشۈش ئۇسلۇب
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ماۋۇ ئۇسلۇبمۇ چىرايلىقكەن بىراق كود ئىجرا قىلىش بىتى يوقاپ كەتتىمۇ قانداق شۇنداق كۆنۇپ قالغان ئۇ جايغا
ئۇ يەرنى پەيدا قىلىشقا تامامەن مۇمكىن ، بۇ ئۇسلۇب ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ …..
ماۋۇ ئۇسلۇب پەك ياخشى چىقىپتۇ .بىزمۇ پەچەت قىلۋەتتۇق .ھى ھى
يوقىلىپ كەتكەنلەر بىر-بىرلەپ قايتىپ كېلىشكە باشلىدىمۇ نېمە؟
بۇ بىلىكئال قارى نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى ئادەمگە ماغدۇر قوشۇپ …….
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاغا، ئۇسلۇبىڭىزنى ئۆزگەرتىپسىز ھە، مۇبارەك بولسۇن. چىرايلىقكەن.
شۇنداق ، رەھمەت ، بىرگە بولسۇن !
ئەسسالام ئەلەيكۇم
سىزدە يانفۇن ئۇسلۇبى بارمۇ؟
مەن بىر ئۇسلۇپنى تاپقان ئىدىم،ياردەم قىلىپ تەڭشەپ بېرەسىزمۇ؟
مەندە مۇئەللىم بىلوگىنىڭ بار, ئەمما ئۇنى پەقەت ئۈچ بىلوگقىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . يەنە ئىشلىتىمىز دېسەك قايتا سېتىۋالىدىغان گەپ……
كومپيۇتېردا php مۇھىتى قۇرۇپ بلوگنى قاچىلاپ تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ يازمىلارنى يېزىپ قىلغاندىن كىيىن ھە ئەمدى كۆڭلۈمدىكىدەك بوپتۇ دىگەندە بوشلۇق سېتىۋېلىپ بارلىق تەڭشەكلەر ۋە يازمابىلەن بوشلۇققا كۆچۈرۈپ بلوگنى نورمال ماڭدۇرغىلى بولامدۇ
ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئەگەر خالىسڭىز يەرلىكتە بلوگ قۇرۇپ جىق يازما بولغاندا ئادىن بىراقلا رەسمى قىلسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ
ياردەم كېرەم بولسا 11 1209223804
بۇ تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش ، ياردەمگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز تارتىنماڭ !
بۇ ئۇسلۇب پاكىزە سۈرۈزۈك چىقىپتۇ ياقتۇردۇم
ياقتۇرغان بولسىڭىزلا بولدى ، ئۇسلۇب ھەققىدە ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا تارتىنماڭ .
بىر-بىرىدىن سەرخىل ئۇسلۇبلار چىكەتتىغۇ
ئۇسلۇبلار ئۇچراۋاتىدىغۇ ، ئىشقىلىپ كۆپىنچىسى ماسلىشىشچان ئۇسلۇبلار …..