ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىلوگ بىخەتەرلىكى -توردىكى بۇ كىچىك ئائىلىنىڭ بىخەتەرلىكىدۇر . نېمىشقىكىن بۇ ئائىلىگە كېرىشنى ئىستەيدىغانلار بەك كۆپ ، ئالدى ھويلا ئىشكنى سىرتقا ئىچىۋىتىش دولقۇنىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، ھەر خىل تىلدىكى ئوقۇرمەن دوستلارغا ئەركىن-ئازادە ، بەھۇزۇر ئىچىۋىتىلگەن بولسىمۇ ، بۇنىڭغا قانائەت قىلماستىن ، ئارقا ھويلىغا كېرىپ ، مەن چۈشۈنمەيدىغان تىللاردا ، ئارقا ھويلامنىڭ تاملىرىغا ئېلان سۆزلىرىنى يېزىشتىن زىرىكىپ ، ئۇيغۇرچە يېزىشنى ئۆگەنسۇن ، دېگەن مەقسەتتە ، تىزىملىتىش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە تەستىق سۆزى قىستۇرۇپ قويۇشنى توغرا تاپتىم .
ئىزتىل بىلوگىدىمۇ 20دىن ئاشىدىغان چەتئەللىك دوسىت ئارقا ھويلىدا بەداشقان قۇرۇپ ، ئۆز تىلىدا مۇنازىرىگە چۈشۈپتۇ ، مۇئەللىم بىلوگىغىمۇ پات-پات پەيدا بولۇپ قالىدۇ ، ئۇزىتىپ ، ئىزىنى تازىلاپ تۇرىمەن ، يەنە ئۇزىتىمەن ، ئەمما ، ئىزتىل ئۇزاتسا كەتكىلى ئۇنىمىغان گەپ ، ئاخىرى ئالداپ-شىلاپ ئىزتىلنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكىلەرنىمۇ ئۆز شەھرىگە يولغا سالغاچ ، بۇ ھويلىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە ئىزدەندىم ۋە بىخەتەر قۇلۇپتىن بىرنى ياساپ چىقتىم . ئەگەر سىزگىمۇ ھويلىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى زۈرۈر بولسا ، بۇ بىخەتەر قۇلۇپتىن سىزمۇ مەن بىلەن بىرگە ھەقسىز پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق ، چۈنكى ، سىز مېنىڭ تىلىمنى ، دېلىمنى چۈشىنىسىز .....
گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تونۇمىسا نېمە پايدا ؟
تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ (functions.php) ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :
- // بىلوگقا تىزىملىنىش جەدىۋىلىگە تەستىق سۇئالى قېتىش
- add_action( 'register_form', 'add_security_question' );
- function add_security_question() { ?>
-
- "text" name="user_proof" id="user_proof" class="input" size="25" tabindex="20" />
- add_action( 'register_post', 'add_security_question_validate', 10, 3 );
- function add_security_question_validate( $sanitized_user_login, $user_email, $errors) {
- // ئەگەر جاۋاب بەرمىگەن بولسا
- if (!isset($_POST[ 'user_proof' ]) || emptyempty($_POST[ 'user_proof' ])) {
- return $errors->add( 'proofempty', 'ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : سۇئالغا جاۋاب بەرمىدىڭىز !' );
- // جاۋاب خاتا بولسا
- } elseif ( strtolower( $_POST[ 'user_proof' ] ) != 'مۇئەللىم بىلوگى' ) {
- return $errors->add( 'prooffail', ' ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : جاۋابىڭىز توغرا ئەمەس !' );
- }
- }
ئەسكەرتىش
بۇ كۆد ئىچىدىكى «بۇ بىلوگنىڭ نامى نېمە ؟» ۋە جاۋابى بولغان «مۇئەللىم بىلوگى »دېگەن ئۇچۇرنى خالىغانچە ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ . بۇ كودنى قويغاندىن كېيىنكى تىزىملىنىش بېتىدىكى تىزىملىنىش رامكىسىدىكى ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىچە :
شۇنىڭ بىلەن ئارقا ھويلىڭىزغا كىرىشنى ئېستەيدىغانلار ئۇيغۇر تىلىدا خەت يېزىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ، ئاۋۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىۋىتىپ ، ئاندىن كىرسە بولاۋىرىدۇ ....
بۇ ھۈنەر يارىغان بولسا ، يەنىمۇ ئېسىل تېخنىكىلارنىڭ كۆمۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، ئىنكاسقا دەھشەت مەرھەممەت .....!!!
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 8:19 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ماۋۇ بولىدىكەنتۇق،لىكىن مەن ئۇسلۇپنىڭ ،‹‹ئۇسلۇپ فونكىسىيەلىرى››دىگەن ھۆججىتىگە كود يېزىپ ساقلىساملا بەت ئاق رەڭگە ئۆزگىرەپ كىتىدىكەن.خاتالىق يۈز بىرىپ ۋورد پىرېسس نى قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىدىكەن،باشقا ئۇسلۇپقا يازسام بولىدىكەن.مىنىڭ ئىشلەتكىنىم مۇئەللىم بىلوگىدا تارقاتقان‹‹zanblog3.0››دىگەن ئۇسلۇپ ئىدى،مەن مۇشۇ ئۇسلۇپنى بەك ياقتۇرۇپ قالغانىدىم.ئۇنىڭدىكى كود شەكلى ساپلا// 加载类文件
require_once( CLASSESPATH . ‘classes.php’ );
// 自定义登录
require_once( ADMINPATH . ‘custom-login.php’ );
// 自定义用户资料
require_once( ADMINPATH . ‘custom-user.php’ );
// 自定义仪表盘
require_once( ADMINPATH . ‘custom-dashboard.php’ );
مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلىپتىكەن،مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىكى كودنىمۇ قوشۇپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش ئاق ئېكران بولۋالدىكەن ،بۇنىڭغا باشقا ئامال يوقمىدۇ،مۇئەللىمنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۇمىد قىلمەن
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 04-كۈنى 10:54 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ozhan8 @ozhan8 ئەڭ ئاخىرقى قۇردىكى «سوراق»نىڭ ئۈستىگىلا قويسىڭىز بولاتتى ، تەھرىرلىگەندە مەخسۇس تەھرىرلىگۈچ ئىشلىتىڭ ، خاتىرە دەپتەر بولمايدۇ …..
2014-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى 4:10 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ،بولسا ئارقا بەتكە كىرىشكىمۇمۇشۇنداق قۇلۇپتىن بىرنى ياسىغان بولسىڭىز . مېنىڭ بلوگىمدا پەقەت بىرلا ئەزا _مەن ئۆزۈملا بار ،تىزىملىتىش ئىقتىدارى ئىتىۋىلگەن .ئەمما يېقىننىڭ ياقى ناتۇنۇش يەرلەردىكى ناتۇنۇش كىشىلەر ئارقا بەتكە كىرىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرىيدۇ .(گەرچە ئۇلار بىرەر قېتىممۇ كىرەلمىگەن بولسىمۇ )مەن پات-پات پارول يەڭگۈشلەپ يېڭى پارول تېپىشمۇ تەس بولدى ھازىر بولسا شۇڭا تىزىملىتىشقا ئەمەس كىرىشكە مۇشۇنداق قۇلۇپ ياسىغان بولسىڭىز .رەھمەت
2014-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى 9:32 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@بىركىم Login LockDown ماۋۇ قىستۇرما ئارقا بەتكە كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىدىغان قىستۇرمىكەن .مۇشۇنى ئىشلەتتىم
2014-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى 9:08 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
رەھمەت . بەك ياخشى ئۇسۇلكەن . ئاۋۇ سۇئالغا ئۆزىمىزدىن باشقىلار بىلمەيدىغان جاۋابنى بېكىتىۋالساق بولغۇدەك
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 5:19 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
مەن تېخى تىزىملىتىشقا بولىدىغان ئۇسلۇپ ئىشلەتمىدىم.ناۋا كېيىنچە ئىشلىتىپ قالسام ئەسقاتىدىغان تېما مۇشۇ ئىكەن.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 9:56 چۈشتىن بۇرۇن 5-قەۋەت
مۇئەللىمنىڭ تەپەككۇر قۇۋۋىتى تېخىمۇ ئېشىپ يىڭىلىقلار كۆپرەك ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . رەھمەت سىزگە مەنمۇ پايدىلىنىپ كەتتىم ئەمىسە
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 3:41 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
باشقىلارنىڭ چىشىغا تەگمىسەڭلارلا بىلوگىڭلىغا چېقىلىپ يۈرمەيدۇ بىراق يەنىلا بىخەتەرلىك ئۈچۈن قىلىشقا ئەرزىيدۇ ياخشى تېما
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 4:20 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@uyblog.cn سىلىدىن سورىماي ، بىلوگ ئارقا بېتىدە ئەخلەت ئىنكاس يېزىشلىرىنى قانداق چۈشىنىسلە ؟ باشقىلارنىڭ چىشىغا تەگكۈدەك سىلىدە جۈرئەتمۇ بارمۇ ؟
ئۆزۈڭلار يازمايسىلە ، شۇ كۆچۈرۈپ-چاپلاپ جان باقىسلە شۇ . بۇنى نېمە دېسەك بولاركىن ، ئەمدى ؟؟؟
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى 11:33 چۈشتىن كېيىن 7-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ مۇئەللىم تورنى بۇزۇدىغانلار ئۈچۈن بۇ يەرگە مۇئەللىم بىلوگى دېگەننى يېزىش ئاسانمىكىن دەيمەن.. چۈنكى ئاۋۇ يەردىكى مۇئەللىم بىلوگى دېگەن خەتنى كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ چاپلاپ قويسىلا بولار…
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى 11:42 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ياسىنجان ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇپ چۈشىنەلىسە ، مەيلى ، چاپلاپ كىرىۋالسا . ئۇيغۇر دوستلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ كېرىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئەمەس ، بەلكى چەتئەللىك دوستلارنىڭ تىزىملىنىپ كېرىپ ، پايدىسى يوق ئەخلەت ئىنكاسلار بىلەن ئارقا ھويلىنى توشقۇزۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتدە مۇشۇنداق قىلىندى…..
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى 11:25 چۈشتىن كېيىن 8-قەۋەت
سۇئال جاۋاپنى خالىغانچە قوياۋەسەك بولدىكەندە . بۇمۇ بولدىغان ھۇنەركەن .
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى 10:28 چۈشتىن كېيىن 9-قەۋەت
بۇنى ھۈنەرنى قوللانساق ئاكام سەمەت قىستۇرمىسىنىڭ رولىنى ئوينىيالامدۇ؟
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 12:09 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@تورسودا بۇ تىزىملىنىپ كېرشنى چەكلەيدۇ ، يەنى رامكا ئىچىدىكى سۇئالغا توغرا بولغان ئۇيغۇرچە جاۋابنى يازسا ، تىزىملىنالايدۇ ، بولمىسا ، تىزىملىنالمايدۇ . ئەمما ئىنكاس يېزىش باشقا گەپ …….
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 12:13 چۈشتىن بۇرۇن 2-قاتار
@مۇئەللىم تىزىملىنىپ كېرشنى چەكلىسىمۇ بولىدىكەن، مەنمۇ قوللىنىپ قوياي قىنى….