ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ، ئالتۇن بويۇڭلار ئامان بولسۇن !
ئۇلىنىش بېتى كۆپ بولسىمۇ ، ئۇيغۇر بىلوگلىرىنى ئۆز بېكىتىگە سىغدۇرغان ئۇلىنىش بېكەتلىرى ساناقلا . سەۋەب نېمە ؟ كۆپلىگەن زىيارەتچىلەر بىلوگنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ ياكى چۈشەنچىسى كەم ، مەيلى ئۆز بىلوگىغا ئېلان قويۇپ كىرىم قىلىش جەھەتتىن بولمىسۇن ياكى ئۇلىنىش بەتلىرىدە ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش جەھەتتىن بولمىسۇن زىيارەت مىقدارى ئاز بولغان ئۇيغۇر بىلوگلىرى بۇ يەكلىنىشتىن ئەسلا قۇتۇلالمىدى .
بىلوگلار ئۇلىنىشلىرى كەڭ ئۇيغۇر بىلوگلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ، كەڭ زىيارەتچىلەرنىڭ بىلوگنى زىيارەت قىلىشغا قولايلىق يارىتىش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە مۇئەللىم بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى مەن (مۇئەللىم) ، دوغاپ ، تەشنا ، بىلىكئال قاتارلىق بىلوگگىرلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا wordpress سۇپىسىدا ياساپ چىقىلدى .
ئۇلىنىش قوشۇشتا ھىچقانداق چەكلىمە يوق ، پەقەت بىلوگىڭىزلا بولىدىكەن بىلوگلار ئۇلىنىشلىرى قاتارىدىن ئۆز ئورنىڭىزنى تاپالايسىز .
بەت كۆرۈنۈشلىرى
بەت سەھىپىلىرى
ھازىرچە ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش ، بىلوگلار يېڭى يازمىلىرىدىن ئىبارەت سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، باشقا سەھىپە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلار كىيىنچە قوشۇلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرلىدۇ .
ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى
1. يانبالداق ئەڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش» ئۇلانمىسىنى چېكىپ ، ئېچىلغان بەتتە ئۇلانما ئىلتىماسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ ، ئۇلانما ئىلىتماس قىلىشتىكى مۇناسىۋەتلىك تەلەپنى يانبالداق ئۇقتۇرۇشىدىن كۆرۋىلىڭ .
2. ھەر قايسى بىلوگلاردىكى «ئەڭ يېڭى بەش يازما»نى بىلوگ ئارىلاپ يۈرمەيلا بەت ئۈستى تىزىملىكىدىكى «بىلوگ يازمىلىرى» سەھىپىسىدىن كۆرۈڭ .
3. ئوزىڭىز ياقتۇرىدىغان بېكەتلەرنى بەت ئۇستىدىكى «دائىملىق مەنزىلىم» تۈرىنىڭ «بېكەت قوشۇش» نەمىلىق تىزىملىكنى چېكىش ئارقىلىق قوشۇۋىلىڭ ، يەنى چەكسىز بەت ئۇلانمىسىنى قوشالايسىز . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ ؛
سىز قوشقان بۇ ئۇلانما ، سىز تور كۆرگۈچىڭىزدە قالدۇق تازلىمىغان ۋە ياكى كومپىيۇتىر ئالماشتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر يىل ساقلىنىدۇ . باشقا كومپىيۇتىردا كۆرۈنمەيدۇ . ئادرېسىنى ساقلىۋىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان قانچىلىغان تور بېكەتلەرنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا قوشىۋىلىپ ، قولاي بولغان ھالەتتە زىيارەت قىلىڭ .....
بىلوگلار ئۇلىنىشلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز ، بۇ يەردىن كىرىڭ :
2016-يىلى 05-ئاينىڭ 06-كۈنى 10:26 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئۇسلۇبنى ساتامسىز؟ قانچە پۇل؟ سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتلەرمۇ بارمۇ؟
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 4:49 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
مۇئەللىم ئاغا ماۋۇ ئۇسلۇب ھەقلىقمۇ ياكى ھەقسىزمۇ مەن بىر مۇشۇ بىلوگگىرلارغا مەخسۇس مۇشۇ ئۇلىنىش بىتىدىن بىرنى ئاچاي دىگەن ئىسىم بوشلوق ھەممىسى تەييار ماۋۇ ئۇسلۇب قانداق بولسا باھاسىنى چ چ دا قالدۇرسىڭىزمۇ بولدۇ
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:42 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@چىم چىم بۇ بەت بار :http://www.blogzar.net/
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 10-كۈنى 5:58 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلدىم، قوشۇپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت.
يېڭى بلوگىمنىڭ ئۇلىنىشىنى باشقا بەتلەردە كۆرسەم بەك خۇشال بولۇپ كېتىدىكەنمەن.
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 11-كۈنى 11:26 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئالماس @ئالماس مەنمۇ شۇنداق …………
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى 4:22 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
چىرايلىق ئۇسلۇپكەن رەھمەت!