WordPress كە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم ، مۇئەللىم بىلوگىنى قۇرۇپ ، بىر يىلغا توشقان مۇشۇ پەيىتتە ، نۇرغۇن باشقا تىلدىكى ئۇسلۇبلارنى بىمالال ئۆزلەشتۈرۈش سەۋىيىسىگە يەتكۈزدى . ھازىرغا قەدەر 50كە يىقىن WordPressئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرۈپ ، كۆپ قسىملىرىنى تارقىتىپ بولدۇم ، يەنە بىر قىسىملىرى تەكرار سىناش ۋە تارقىتىلىش باسقۇچىدا . گەرچە WordPress ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئاساسىدا مۇستەقىل ھالدا بىر تال ئۇسلۇبنى ياساپ چىققۇدەك سەۋىيەگە يەتىمىگەن بولساممۇ ، تەكرار-تەكرار سىناش ، مەشىق قىلىش ئاساسىدا ، مۇستەقىل ئىشلىتىشكە بولىدىغان بۇ ئۇلىنىش بېتىنى ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇپ چىقتىم .
Wordpress نىڭ ئارقا بەتتىن باشقۇرۇشقا ، ئۇلانمىلارنى ئىختىيارى قوشۇشقا ۋە تەھرىرلەشكە ، شۇنداقلا باشقا بەتلەردىكى ئۇلانمىلارنى تارتىپ ئەكىرشكە تامامەن بولىدىغان بۇ بېتىنى ياساپ چىققاندىن كېيىن ، WordPress قا بولغان قىزىقىشىم يەنىمۇ ئاشتى .
تۆۋەندىكىسى مەن قوراشتۇرغان ئۇلىنىش بېتى :
بۇ ئۇلىنىش بېتىگە ئاساسلىقى ھازىرغا قەدەر نۇرمال ئېچىلىۋاتقان WordPress تە قۇرۇلغان بارلىق بىلوگلارنىڭ ئۇلىنىش قوشۇلدى . مەن بىلمەيدىغان WordPress بىلوگلىرى بولسا ، مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇلسا ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قوشۇپ قويۇشقا تىرشىمەن .
نۆۋەتتىكى سىنىقىم بولسا ، ئويغۇرچە WordPress بىلوگلىرى تارىخدىكى ئۇيغۇربەگ ۋە پىرىستان ئەپەندىملەر تەرىپىدىن تۈنجى قىتىم ياسالغان ، WordPress ئۇلىنىش بىكىتى بولغان ساز بىلوگقا ئۆزگىچە بىر ئۇلىنىش بېتى ياساس خۇسۇسىدا كېتىپ بارىدۇ . نېمىشقا دېگەندە ، ساز بىلوگنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇلىنىش بېتىگە ئۇلىنىش قوشۇش بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق ، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا بىلوگلاردىكى ئۇلىنىشلارنى تارتىپ ئەكىرىپ ، بىۋاستە قوشۇش ئىمكانىيتى يوق . شۇنداق بولغان ئىكەن ، ساز بىلوگنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، مۇكەممەل بىر ئۇسلۇب جەزمەن لازىم ، ھەم بۇ ئىشلامۇ پات پۇرسەتتە ئەمەلگە ئاشقۇسى .....
شۇڭا ، كەڭ بىلوگگىرلارنىڭ بۇ ئۇلىنىش بېتىگە قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپ بىرىشنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .
ئۇلىنىش بېتىنىڭ كۆرۈش ئادرىسى :
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
http://www.dosluk.biz
قۇشۇپ قويۇڭ.
http://www.dosluk.biz/logo.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ،سىزنىڭ تىخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئىششىڭىزگە تىلەكداشمەن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئۇلىنىش ئۇسلۇپدىن ماڭا بىر نۇسخاتەمىنلەپ بىرشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن. ئىسىڭىزدە بولشى مومكىن مەن ئىلگىرى بىلوگىڭىزدا مۇشۇنداق بىر ئۇلىنىش ئۇسلۇپىنى تەرجىمە قىلىغىلى بولسا بىر ئۇسلۇپ تەرجىمە قلىپ تارقىتىشىڭىزنى ئۆتۈنگەن ئىدىم .
مەن بۇنداق بىر ئۇسلۇقا تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىدىم ،چۈنكى مەن بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىر ئىسلامى ئۇلىنىش بىتى ياساپ چىقاي دىگەن ئىدىم .
تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ ؟
بۇ مەن ئىشلتىپ كىلۋاتقان ئۇلىنىش بەتلىرى
بىرلىك ئىسلام ئۇلىنىشى http://berlik.blogbus.com/
بىرلەش ئىسلام ئۇلىنىشى http://berlax.com.nu/
ئىلخەت ئادرىسىم :1595955007@qq.com
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىز باشقۇرۋاتىمەن ، دېگەن ئۇلىنىش بەتلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم . قارىسام سىزدە ئىزدىنىش روھى كەمچلىدەك ، دېمەكچى بولغىنىم ، بۇ ئۇلىنىش بېتىنى بەرمەسلىككە تاپقان باھانەم تۈپەيلىدىن بولماستىن ، بەلكى ، مەن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ، بەرگەن بۇ ئۇلىنىش بېتىمنىڭ ئاۋۇ ئىككى بەتتەك بىچارىلەرچە بويۇن قىسىپ ، ئۆز قىممىتىنى يوقىتىشى بولۇپ قالامدىكىن ، دېدىم . دېمىسىمۇ ، ئاۋۇ ئىككى بېتىڭىزنى بىر تۈزەشتۈرگەن بولسىڭىز ، كىرگەن ئادەممۇ سېزنىڭ بېتىڭىزگە قاراپ ، سىزگە قايىللىق نەزىرى بىلەن باش ئىگەتتى . ….
ىسز ئاشۇ ئىككى بېتىڭىزنى قاچان ئۇلىنىش بىتىغا ئوخشاش بىزەپ چىقالىسىڭىز ، ئاشۇ بەتلەر ئۆز قىممىتىنى تاپقان چاغدا ، مەن بۇ ئۇلىنىش بېتىنىڭ يىڭى نەشىرىنى سىزگە سوۋغا قىلىمەن …..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ،بەرگەن تەكلىپىڭىزگە كۆوپ رەھمەت ،تەكلىپىڭىزدىن دىلىم سۈيۈندى ،بۇنداق دىگەنلىكىم ھەرگىزمۇ سىزگە ياشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئەمەس.
ئەسىلى مەن بۇنىڭ ئالدىدا شۇنداق ياخشى ئۇلىنىش بىتىدىن بىرنى لاھىيلەپ نۇرمال ماڭغۇزغان ئىدىم ،نىمە بولدىكىن بىلمىدىم ،باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يوق بولۇپ كەتتى. بولىدۇ،مەن ھازىردىن باشلاپ شۇ ئۇلىنىش بىتىنى قايتا ؛اھىيەشكە كىرشەي ، يىتەرسىزلىكلىرىمنى تولۇقلاپ بولغاندىن كىيىن سىز بىلەن كۈرشەي ،ئەمسە گىپىمىز گەپ جۇمۇ مۇئەللىم ،
ئاخىرىدا مىنى ئىزدىنىش بوسۇغىسىغا ئاكىلىپ قۇيغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ،سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىزگە ئاساسەن بىلوگومنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى بىلمىمنىڭ تۆۋەنلىكى جەھەتتىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدە بىر قۇر رەتلەپ چىقتىپ ،كۈرۈپ باققان بولسىڭىز ! بۇ قىتىم قانداقراق بوپتۇ !
گەرچە ۋايىغا يەتكۈزەلمىسەممۇ ،ئازراق بولسىمۇ ئىماسىنى كەلتۈردىم دەپ ئولتۇردۇم.
تەڭشەشتىن كىيىنكى بىلوگ ئادرىسى :http://berlax.com.nu/
مۇئەللىم كۈرۈ پ باقتىڭىزمۇ ؟ مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزگەقاراپ قالدىم ،بۇ تۇغۇرلۇق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ! مومكىن بولسا يۇقۇرقى ئۇسلۇپنى بىرگەقۇشۇپ بەرگەن بولسىڭىز ،سىزدىن كۆپ مىنەتدار بولغان بولاتتىم .
ياخشى چىقىپتۇ
مۇئەللىم تېمىلار يېڭىلانمايدىغۇ؟ ۋاقىتىڭىز چىقمايۋاتامدۇ نېمە؟ wordpress ئۆگىتىش تېمىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ شۇ پېتى تۇرىدۇ.. كۈندە قارايمەن ئۇ تېمىغا..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مۇئەللىم ، مىنىڭ بېشىمنى توپ تارقىتىشنى توختاتماپسىز دە
ئەمدى بلوگىداشقا كىرىپ بەگ كە ئەرىزنامە يازماي بولمىدى….
ماڭا مۇشۇندىغاراق بىر ئۇسلۇب لازىم ئىدى .
ئەپسۇس ، بۇ ئۇلىنىش بېتىنى تارقىتىش ئويۇم يوق ….كەچۈرىسىز .
بۇنداق ئۇلىنىش ئۇسلۇبىنى نېمىگە ئىشلىتەتتىڭىز ؟ ئايرىم ئۇلىنىش بېتى ئاچاي دېگەنما؟
‹‹ ئالاقىلىشىڭ ›› دىن سىزگە بىر پارچە خەت يوللىغانىدىم .
………………………………………………………………………..
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مۇئەللىم ، wordpress سۇپىسىدا يازما ، ئۈن-سىن ( ھازىرچە بىرەر يۈز ئەتىراپىدىكى سۈرەتلىك ، سۈرەتسىز ناخشا-مۇزىكىلار يوللىنىدۇ ) دىن تەشكىل تاپقان بىر بىلوگ ئاچقىلى بولامدۇ ؟ ئەگەر بولسا مېنىڭ شۇنداق بىر بىلوگ ئېچىشىمغا ياردەم قىلالارسىزمۇ ؟ ‹‹ wordpress تە ياسالغان ئۇلىنىش بېتى ›› دېگەن تېمىڭىزنى كۆرۈپ ، كۆڭلۈمدىكى لايىھىگە نىسبەتەن ( ئىمكانىيەت ئېتىبارىدىن ھازىرچە ئۇلىنىش بېتى قېلىپىنى ئويلاشقانىدىم ) ئۈمىد تۇغۇلۇپ ، سىزگە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن . ئەگەر مۇمكىن بولسا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى يوللايمەن . يوللاشقا توغرا كەلگەندە ئاددىي تەسۋىرىي سىزمىسىنى قوشۇپ مۇشۇ كۆزنەكتىن يوللىغىلى بولامدىكىن ؟
خېتىڭىزنى ئوقۇغان ، سىز دېگەندەك قىلىش تامامەن مۇمكىن ، ۋوردپرېستە بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ . بۇنداق سۇئاللارنى «پىكىرخانا»دا قالدۇرسىڭىز ، شۇ يەردىن ئەڭ تىز جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز …..
ھەجەپ چىرايلىق،ئېسل چىقىپتۇ.خېلى كۇچەپسىز جۇمۇ! بۇ تېخنىكىنى ئاشكارلامسىز ياكى مەخپىمۇ؟
بۇ ھازىرچە مەخپى .
قالتىش چىقىپتۇ بۇ ئۇلىنىش بېتى. ئەمدى بارلىق بلوگلارنى موشۇيەرگە جەم قىلساق، ئاندىن پۈتكۈل بلوگگىرلار بۇ ئۇلىنىش بېتىنى كەڭ تەشۋېق قىلساق…. شۇندىلا تور ئەھلىنى بلوگلارغا كۆپرەك چىللىغىلى بولامدىكىن دەيمەن.
بارلىق ۋوردپرس بىلوگلىرىنى قوشۇۋەتتىم ، بىلوگباس بىلوگلىرى تىخى قوشۇلمىدى .
WordPress نىڭمۇ باشقا بەت سېستىمىلرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى،ئۇنۋىرسال ئىختىدارغا ئېگە ئېكەنلىكىنى ھېس قىلۋاتىمەن.مەنمۇ بىلوگىمىنى تىزرەك پۈتتۈرۈپ ئۇلىنىشىقا قۇشىۋالمىسام.
ئېسىل بىر ئىش پۈتۈپتۇ مانا!