بىلوگداش مۇنبىرىدە بۇرادىرىمىز بۇلاقنىڭ "wordpressتە پىكىر دەپتىرى قۇرۇشتىن ياردەم" تېمىسىدىكى يازمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئىزدىنىپ يۈرۈپ ، بۇنىڭمۇ ئامالىنى تېپىپ چىقتىم ، ھەمدە سىناق مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ، بۇلاق قاتارلىق بۇرادەرلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، بۇ يازمىنى تەييارلاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .
wordpressتە پىكىر دەپتىرى قۇرۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە :
1.پىكىر دەپتىرىنىڭ قىلىپ ھۆججىتىنى تەييارلاش
ئۇسلۇب ھۆججەت قسىقۇچى ئىچىدىن single.php ھۆججىتىنى ئىزدەپ تاپىمىز (بۇ ھۆججەت ئادەتتە / themes/wp-content/ ئۇسلۇب نامى/ نىڭ ئىچىدە ) ، ئاندىن بۇ ھۆججەتنى بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ ، ھۆججەت نامىنى guestbook.php دەپ ئۆزگەرتىمىز . single.php نى ئۆزگەرتىشىمىزدىكى مەقسەت – قۇرۇلغان پىكىر دەپتىرى بىلەن ئۇسلۇبنىڭ بەت قۇرۇلمىسىنىڭ بىردەكلىكىنى(يەنى بەت بېشى ، بەت ئاستى ، يان رامكا قاتارلىقلارنىڭ) ساقلاش . رەسىمدىكىدەك ؛
2.مەخسۇس ئىشلىتىدىغان تەھرىرلىگۈچ (editplus,ultraedit,notepad2) تە guestbook.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ، ھۆججەت بېشىدىن تۆۋەندىكى كودلارنى ئىزدەپ تاپىمىز
ئاندىن بۇ جۇملىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چۈشەندۈرۈش سۆزى بېرىلگەن بۇ جۈملىنى قوشىمىز ۋە ھۆججەتنى ساقلاپ چىكىنىمىز :
- /*
- Template Name: Guestbook
- */
- ?>
تامام ، پىكىر دەپتىرى قۇرۇلۇپ بولدى .
3. ئۆزگەرتىلگەن guestbook.php ھۆججىتىنى / themes/wp-content/ ئۇسلۇب نامى/ نىڭ ئىچىگە يۈكلەيمىز .
4.بىلوگنىڭ ئارقا باشقۇرۇش بېتىگە كېرىپ ، بەتلەر/يىڭىدىن قوشۇشتىن "پىكىرخانا" نامىدا بىر بەت قۇرۇپ ، كۆرۈنۈش/تىزىملىكلەردىن يىڭىدىن قۇرۇلغان "پىكىرخانا" بېتىنى تىزىملىككە قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ .
ئىچىڭلاردا ؛ نىمانداق ئاسان ئىشتۇ بۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالدىڭلار ھەقىچان ؟
ئىش تىخى تۈگىمىدى ......
ئەمدىكى گەپ پىكىر دەپتىرىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش .
يۇقىرىدىكى تۆت باسقۇچ ئارقىلىق گەرچە بىز بىر پىكىر دەپتىرىگە ئىگە بولغان بولساقمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇسلۇب يازما بىتدىن ھىچقانداق پەرقى يوق بولۇپ قالىدۇ ، بۇ يەردىكى گەپ ، قۇرۇلغان پىكىر دەپتىرىنى يەنىمۇ مۇستەقىل بەت خاراكتىرىگە ئىگە قىلىش . بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى ئورۇنداڭ ؛
1. ئېلان قىلغان ۋاقىتنى چىقىرۋىتىش :
guestbook.phpھۆججىتىدىن تۆۋەندىكى كود جۈملىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆچۈرۋىتىمىز . رەسىمدىكىدەك :
2 . قۇرۇلغان پىكىر دەپتىرىدىكى ئەسكەرتمىلەرنى ئۆزگەرتىش .
ئۇسلۇبنىڭ يازما بېتىدە "ئىنكاس" دەپ چىقىدۇ ، بىز ئۇنى "پىكىر" دەپ چىقىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز ؟ .....
نېمانداق تۈگىمەيدىغان چۈشەندۈرۈش بۇ ؟ دەۋاتقانسېلەر ھە ؟
شۇنداق ، يازمىنى شۇنداق تەپسىلى يازسىمۇ ، بىرەر پارچە ئىنكاس قالدۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلىسىلەر ، تەپسىلى يازمىسا ، ئىنكاسقا باي بولغان بىلەن ، سورالغان سۇئاللىرىڭلار جاۋابسىز قالسا ، ئادەمنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئەمىن تاپمايدىكەن . شۇڭا تۈگىمىدى بۇ يازما .
داۋاملىق ............
ئەمدى بىز "ئىنكاس" نى "پىكىر" گە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ، يەنە شۇ ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى comments.php ھۆججىتىنى بىر نۇسخا كۆچۈرۋىلىپ ، ھۆججەت نامىنى guestcomments.php گە ئۆزگەرتىپ ساقلاپ ، بۇ ھۆججەتنى تەھرىرلەپ ، ھۆججەت ئىچىدىكى "ئىنكاس" دېگەن سۆزلەرنى "پىكىر" دەپ ئۆزگەرتىمىز .
3 . ئەڭ يىڭى پىكىرلەرنى پىكىر دەپتىرىنىڭ ئۈستى قىسمىدا چىقىدىغان قىلىش ئۈچۈن ، guestcomments.php ھۆججىتى ئىچىدىكى ؛
- [foreach ($comments as $comment)
بۇ كود جۈملىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ، بۇنى ؛
- oreach (array_reverse($comments) as $comment)
بۇ كود جۈملىسىگە ئالماشتۇرىمىز .
4 . guestbook.phpھۆججىتىنى ئېچىپ ؛ بۇ ھۆججەتتىكى تۆۋەندىكى كود جۈملىسىنى ؛
بۇ كود جۈملىسىگە ئالماشتۇرۋىتىمىز . يەنى رەسىمدىكىدەك ؛
ئاندىن كېيىن تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىككى ھۆججەتنى ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە قايتا يوللىۋەتسەكلا بولىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن يازما تامام ، قۇرماقچى بولغان پىكىر دەپتىرىڭلار ئۈچۈن كارامەت غەلبە تىلەيمەن ......
مۇئەللىم بىلوگى ئۈچۈن قۇرۇلغان پىكىرخانا : بۇ يەردىن كۆرۈڭ
2016-يىلى 01-ئاينىڭ 15-كۈنى 1:13 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
مەنمۇ بىر سىناپ باقايچۇ مۇئەللىم
2015-يىلى 07-ئاينىڭ 08-كۈنى 8:49 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ياخشى تېمىكەن
2015-يىلى 06-ئاينىڭ 02-كۈنى 2:23 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ياخشى تېمىكەن، چۈشىنىشلىك سۆزلەپسىز مۇئەللىم،
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:03 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
يىڭى ئۇسلۇبنىڭ ئىنكاس رايۇنىغا ئۇيغۇر تۇنۇتالمىدىم لاتىچە يېزىلىپ يۈرۈيدۇ ،يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز www.alsoy.cn
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:44 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@يامغۇر ئۇيغۇرچە خەت نامىنى قوشۇڭ …..
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى 1:22 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم,wordpress دە ئۇنۋىرسال بېكەت قۇرۇشقا بولامدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە ،ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز!
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى 2:10 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@پاك ۋىسال مۇئەللىم بىلوگىنى تەپسىلى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئۇنۋىرسال بىكەتكە ئوخشامدىكەن ؟
مۇئەللىم بىلوگىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ ، كۆڭلىڭىزدىكى ئۇنۋىرسال بىكەتكە مۇئەللىم بىلوگى ماس كېلەمدىكەن ؟ ئەگەر ماس كەلسە قۇرغىلى بولىدۇ ، ماس كەلمىسە ، ئامال يوق .
مەنغۇ مۇئەللىم بىلوگىنى ئۇنۋىرسال بىكەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ بولدۇم ، دەپ ئويلايمەن …….
2013-يىلى 05-ئاينىڭ 07-كۈنى 3:12 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
ئىسىل تىما بوپتۇ، بەك چۈشىنىشلىك يوللاپسىز، لازىم بوپتى مانا بۇمۇ تىپىلدى، رەھمەت
2013-يىلى 01-ئاينىڭ 17-كۈنى 3:10 چۈشتىن بۇرۇن 7-قەۋەت
نەخ جاۋاپ شۇ ،
ئىسىل تىخنىكىلار بولسا يوشۇرۋالماڭ ، ھى ھى ھى
2013-يىلى 01-ئاينىڭ 16-كۈنى 9:44 چۈشتىن كېيىن 8-قەۋەت
ناھايىتى ئېسىل تېما بوپتۇ.. قۇرۇلغان ھۆججەتتىكى Guestbook دېگەننى ئۇيغۇرچە قىلىپ پىكىر دەپتىرى دەپ يازسىمۇ بولىدۇ..ھەم ئارقا بەتتىن تېپىشمۇ ئاسان بولىدۇ….