نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يۇمشاق دېتال | ئاساسىي مەزمۇن
Excel دا كىملىك نومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر
2013-يىلى01-ئاينىڭ18-كۈنى | يۇمشاق دېتال |جەمئى 2545خەت بار | 539 قىتىم كۆرۈلدى+ | 1پارچە ئىنكاس بار

1. كىملىك نومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر: ئىلگىرىكى كىملىك نومۇرلىرى 15 خانلىق بولۇپ، ھازىرقى كىملىك نومۇرلىرى 18 خانلىق. بىز بۇ كىملىك نومۇرلىرى ئارقىلىق شۇ بىر ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېگە بولالايمىز. يەنى:

15 خانىلىق كىملىك نومۇرى: 1-6 خانىگىچە بولغان نومۇرلار مەمۇرى رايون نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛7-8 خانلىرى تۇغۇلغان يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 9-10 خانىلىرى تۇغۇلغان ئاي ؛ 11-12 خانىلىرى تۇغۇلغان كۈنى؛ 13-15 خانلىرى رەت تەرتىۋى بولۇپ، تاق سان بولسا ئۇ كىشىنىڭ جىنسى ئەر، جۈپ سان بولسا ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

18 خانلىق كىملىك نومۇرى: 1-6 خانىگىچە بولغان نومۇرلار مەمۇرى رايون نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7-10 خانلىرى تۇغۇلغان يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 11-12 خانىلىرى تۇغۇلغان ئاي ؛ 13-14 خانىلىرى بولسا تۇغۇلغان كۈنى؛ 15-17 خانلىرى بولسا رەت تەرتىۋى بولۇپ، تاق سان بولسا ئەر، جۈپ سان بولسا ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 18- خانىسى تەكشۈرۈش خانىسى ھىساپلىنىدۇ.

2. ئىشلىتىلگەن فونكىسيەلەر:

(1) . IF فونكىسيەسى . شەرتكە ئاساسەن نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. قاپلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

(2) . CONCATENATE فونكىسيەسى . بىر قانچە ھەرپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ.

(3) . MID فونكىسيەسى . تىكستلەر ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندىن بەلگىلەنگەن ئۇزۇنلۇقتىكى ھەرپلەرنى ئۈزۈۋالىدۇ.

(4) . TODAY فونكىسيەسى . كومپىيۇتېرنىڭ نۆۋەتتىكى چىسلاسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

(5) . MOD فونكىسيەسى. ئىككى ساننى بۆلگەندىكى قالدۇقنى تېپىش فونكىسىيەسى.

(6) . VALUE فونكىسيەسى . تىكست تىپىدىكى سانلارنى سانلىق مەلۇمات تىپىدىكى سانلارغا ئايلاندۇرىدۇ.

(7) . RIGHT فونكىسيەسى. بەلگىلەنگەن سان بويىچە ھەرپ-تىزمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپلەرنى ئۈزۈپ ئېلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ.

(8) . INT فونكىسيەسى .پۈتۈن ساننى چىقىرىپ بېرىدۇ.

(9) . LEN فونكىسيەسى . بىر ھەرپ تىزمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تېپىش فونكىسيەسى.

(10) . YEAR فونكىسيەسى. يىل سانىنى تېپىش فونكىسيەسى.

(11) . TRUNC فونكىسيەسى. بۇ فونكىسيە كەسىر چېكىتى كەينىدىكى سانلارنى تاشلىۋىتىدۇ.

(12). DATEDIF فونكىسيەسى . ئىككى چىسلا ئارىسىدىكى پەرقنى تېپىپ چىقىدۇ.

3. كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن جىنسىغا ھۆكۈم قىلىش.

جىنسىنى چىقىرىپ بىرىش فورمىلاسى. 18 خانلىق كىملىك ئۈچۈن:

=IF(MOD(MID(A14,17,1),2)=1,"ئەر","ئايال")

فورمىلا چۈشەندۈرۈلۈشى: فورمىلادىكى MID(A14,14,1) دىگىنىمىز بولسا،A14 كاتەككە يېزىلغان كىملىك ئىچىدىن 14-خانىدىن باشلاپ بىر خانە ساننى ئايرىۋىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. MOD(MID(A14,17,1),2)=1 بولسا MID فونكىسيەسى ئارقىلىق ئايرىپ چىققان ساننى ئىككىگە بۆلۈپ، ئېشىپ قالغان قالدۇق سان بىرگە تەڭمۇ-يوق شۇنى سېلىشتۇرىدۇ. ئەگەر

IF(MOD(MID(A14,17,1),2)=1,"ئەر","ئايال")

فونكىسيەسى بويىچە تەڭ بولسا ئەر، تەڭ بولمىسا ئايال دېگەن نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

ياكى تۆۋەندىكى فورمىلا ئارقىلىقمۇ جىنسىنى ئايرىغىلى بولىدۇ.15 خانىلىق كىملىك ئۈچۈن:

=IF(VALUE(RIGHT(E4,3))/2=INT(VALUE(RIGHT(E4,3))/2),"ئەر","ئايال")

فورمىلا چۈشەندۈرۈلۈشى: فورمىلادىكى RIGHT(E4,3) دېگىنىمىز بولسا، E4 كاتەككە يېزىلغان كىملىك ئىچىدىن ئاخىرقى ئۈچ خانىنى ئايرىپ ئېلىشنى ئىپادىلەيدۇ؛ VALUE(RIGHT(E4,3)بۇ فورمىلا يۇقارقى فورمىلا بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت تېكىست تىپىدىكى كىملىك نومۇرىنى سانلىق مەلۇمات تىپىدىكى سانغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 1 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. ئۇيغۇر بىلوگ تورى China Google Chrome Windows : 2013-يىلى01-ئاينىڭ19-كۈنى10:57:02  1-رەت @جاۋاب جاۋاب

      مەنغۇ كىملىك نۇمۇرىنىىڭ ئايىغىدىكى سانىنى تۇغۇلغان ۋاقىت سائىتى ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ئەمدى ئۇقۇۋالدىم :grin:

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !