نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يازمىلىرىم | ئاساسىي مەزمۇن
«قىزىقىش»نىڭ نەتىجىسى(ئاخىرى)
2013-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى | يازمىلىرىم |جەمئى 3964خەت بار | 538 قېتىم كۆرۈلدى | ئىنكاس يوللانماپتۇ

مېنىڭ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە دىمەكچى بولغىنىم ، ئادەمنىڭ ئارزۇيى ھامان ئۆزگىرىدۇ ، سىز رىئاللىققا يۈزلىنىشىڭىز كىرەك، سىز رىئاللتقتىن ئۆزىڭىز قىزىققان بىر ئىشنى قىلىڭ ، ئەمما ، ئۇنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇڭ .
مەسىلەن : بىز بىلوگگىرلارغا تەكلىپىم
سىز بىلوگنى چوقۇم بىر مەقسەتتە ئاچتىڭىز ، يەنى ؛ ئەسەر يوللاش، دىتال يوللاش، ياكى باشقا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇش دېگەندەك، لېكىن سىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇنى بىر خىل مەنىسىزدەك ھىسقىلدىڭىز ، چۈنكى ، بۇنىڭ سىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى يوقتەك، لېكىن سىز شۇنى ئۇنۇتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، سىزگە قىممەت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، سىز دەسلەپتە تورغا ھەقىقەتەن ھەقسىز نەرسىلەرنى يوللىدىڭىز، لىكىن ، ئۇ مەلۇم ۋاقىتقىچە سىزدە قىزىقىش تۈپەيلىدىن ئۈزلىكسىز يىڭلىنىپ، كۆپىيىپ تۇردى، سىز ئۆزىڭىزگە قىممتى يوق ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ ئويلىغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ، سىزدىكى بىلوگ ئىچىشقا نىسبەتەن قىزىقىشىڭىز يوقاپ كەتتى . دىمەك ، سىزدە بۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا نىشان ۋە ئىرادە قالمىدى دىگەن گەپ ، تاشلاپ قويدىڭىز . سىز دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، يازمىلارىڭىز يىڭىلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا سىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىڭىزمۇ ئۆزلۈكسىز ئاشىدۇ، كۆپىيىپ بارىدۇ . سىز بىلوگنى تاشلاپ قويغاندىن كىيىن، بىلوگىڭىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئازلاپ كىتىدۇ ياكى سىز بىلوگنى تاقىۋىتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بۇ سىزدىكى ئىنتايىن سەل قارالغان چوڭ خاتالىق،
ئەمدى مەن گەپنىڭ يىلتىزنى قىلاي، ھەم بۇ مىنىڭ ئىككى يىل بىلوگلارنى ئارلاپ يۈرۈپ ئۆزۈم توپلىغان ماتېرياللىرىم ھەم ھىسقىلغىنىم.
ئادەم تۇغۇلۇپلا دۇنياغا تونۇلغان ئەمەس، ئىدىسون، نىيوتون، ئىنىشتىيىن، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، قاتارلىق ئالىملارنى مېسالغا كەلتۈرسەك، ئۇلارنىڭ توغۇلىشىدىنلا ئالىم، پەيلاسپ، ياكى ئىجاتكار، سىياسىيون دىگەن نام ئاتاقلىرى بىلەن تۇغۇلمىغان، بەلكى ئۇلار ئۆزلۈكسىز تىېرىشىپ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ دۇنياغا ئۆزىنىڭ يىڭىلىقلىرىنى، كەشپىيات ۋە يازمىلىرىنى ئىسىل ئبىارىلىرىنى قالدۇرغاچقا ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۇلار ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ تاھازېرغىچە ئالەمنىڭ ئالىملىرى دەپ تونۇيدۇ، سىز ئۇلارنىڭ تەرجىمھالىىرىنى ئوقۇغان، ياكى مەكتەپلەردە ھىكايىلىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا ھەرگىزمۇ ئۇلار تۇغۇلغاندا پۇستانى ئالىم ياكى ئىجاتكار دەپ تۇغۇلغان دىگەن گەپلەرنى كۆرمىگەنغۇ دەيمەن، ئالىم ئىدىسونغا كەلسەك، ئۇ قاراڭغۇنى يورىتىدىغان لامپۇچكىنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ئىجاتكار دەپ ئىتىراپ قىلغان بولسا ، مەھمۇد قەشقىرى ئالاقىنىڭ دىلنىڭ چىرىقىنى قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ئالىم سانالدى، دېمەك سىزمۇ شۇنداق قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى يىزىشىڭىز كىرەك، سىز توختاپ قالسىڭىز بولمايدۇ، سىز ئاۋال كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆزىڭىزنىڭ نامىڭىزنى تىكلىشىڭىز كىرەك، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە سىزنىڭ ئوبرازىڭىز بولغاندا سىزنىڭ نامىڭىز ئاندىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ساقلىندۇ، دېمەك سىزنىڭ بىلوگىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال باسىدىغان قەدىمىڭىز سىزدە ئاۋال داۋاملاشتۇردىغان ئېرادە بولسۇن،
ئىككىنجى قەدەمدە سىزدە بىر نىشان بولسۇن ، نىمە نىشان؟ دېمەكچى: نىشانىڭىز مۇنداق مەن كىيىنچە بىر سودا بىتى ئاچماقچى، دېسەم بۇنىڭغا مەن چوقۇم ئاۋال ئۆزۈم سىتۋىۋالغان بىرە تىلفۇن ياكى كومپىيۇتېر ياكى بىرە بۇيۇمنىڭ ئىقتىدارىنى كەمچىلىكلىرىنى دىگەندەك تۇرمۇشتا سىزگە لازىم بولغان نەرسىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى يوللاڭ ، مەن ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ ئوقۇرمىنىڭىز كۆپىيىيدۇ ، سىز كۈندە نەرسە سىتىۋالمىغىنىڭىز بىلەن ، كۈندە تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بۇيۇمنىڭ ئارتۇقچىلىق كەمچلىكىنى يوللاڭ، ئامما تېمڭىز كۆپىيىپ يىڭىلىنىپ تۇرسۇن ، دەسلەپتە باشلىغاندا تېملىرىڭىزنىڭ ئازلىقدىن ئاھ ئۇرماڭ، ۋاقتىڭىز چىققاندا يوللىڭسىزمۇ ، ئاي ئاخىرىغا بېرىپ قارىسىڭىز تېمىڭىزنىڭ كۆپىيىپ بارغانلىقىنى ھىس قىلىسىز . ئەمما ، تېمىڭىزنىڭ ھەقسىزلىقدىن ئاھ ئۇرماڭ، چۇنكى ھەممە نەرسە يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەم: ئىسىڭزىدە بولسۇن ، تور نامى ئەڭ مۇھىم . تور نامىنى چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت ئالماشتۇرماڭ، ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قالسۇن، ئەگەر www.buyum.com دەپ ئالغان بولسڭىز ، قەتئىي ئالماشتۇرماڭ . چۈنكى مۇشۇ تور ئادرىسى سىزنىڭ كىيىنكى تىللا تۆكىلىدىغان دەرىخىڭىز بوپ قالىدۇ.
تۆتىنچى قەدەم: سىزنىڭ بىلوگ ۋاقتىڭىز ئۇزىراپ ، ئوقۇرمەنلىرىڭىز ئاشقاندا، سىز ئېلان قويۇش، توردا سودا قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ھەم يىنىڭىزنى توملىسىڭىز بولىدۇ، ئەممە ئالدىراقسانلىق قىلماڭ . چوقۇم كۈنلۈك ئوقۇرمىنىڭىز 500 دىن كەم بولمىسۇن، ئۇنىڭدىن باشقا سىز ھەقسىز ئۇچۇرلارنى توختىتىپ قويسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ ، بۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ ئوقۇرمىنىنى ئازلىتىۋىتىدۇ.
توردا مال ساتقاندا ، چوقۇم نەرسىنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇق ئىكەنلىكى، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يىتىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ . بولمىسا ئەمدىلا بىخ سۈرۋاتقان نۆتىڭىزنىڭ قۇرۇپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولدىغان گۈلدۈرمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي ، كېيىنكى يازمامدا سىلەر گە مەن تۈزگەن توردا ئىگىلىك تىكلەش دىگەن يازمىنى يوللىماقچىدىم ، ئەمما بەك چارچىدىم .ھازېر ئەتىگەندىن بىرى ئىشلەپتىمەن ،مانا يىرىم كىچىگىچە يازما يىزىپتىمەن .
بىر ئىككى كۈنگىچە داۋاملىق كىرىپ تۇرۇڭ ، مەن سىزگە ئەڭ ھالقىلىق بولغان سودا پىلانىنى يوللاپ بىرىمەن .

ئاپتور : تەلەي 365

QR:  «قىزىقىش»نىڭ نەتىجىسى(ئاخىرى)

ئاپتور « تەلەي365» ھەققىدە

  • تەلەي365، مەن سىزنىڭ 365 كۈن تەلەيگە يولۇقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ تەلەي365 دىگەن نام بىلەن بۇ بىلوگدا سىزگە ئەسەر يوللاۋاتىمەن، مەن ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى ئۈگنىشكە بەك ئامراق، ئارام ئالماي توردىن دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىپ قويىمەن، مەن لاھىيە ساھەسىدە mx سىتۇدىيىسى نامىدا، سەنئەت ساھاسىدە بولسا، شەپەق نامىدا، ئەدەبىيات ساھەسىدە بولسا تەلەي 365 تەخەللۇسى بىلەن سىز بىلەن ئۇچرىشىمەن

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !