مۇنبەردە كۆپلىگەن بىلوگگىر دوسىتلارنىڭ بىلوگىغا قويغۇچ ئورناتقۇسى بارلىقى توغرىسىدىكى باياناتلارنى ئوقۇپ قالدىم ، بەگمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر قالدۇرغاچ ، بىلوگىمغا ئورناتقان قويغۇچ ۋە باشقا كود ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدىغان قويغۇچلارنى تۆكتۈم .
قېنى دوسىتلىرىم ، سىلەر ئىھتىياجلىق قويغۇچلار بارمىكەن ؟ يارىدىمۇ ؟
سىلەرگە يارىغان ، نەپ يەتكەن بولسا ، شۇنىڭدىن خۇرسەنمەن ....
ئەمىسە دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى بايانلاردا بولسۇن :
كود ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدىغان قويغۇچلار:
كودىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: چۈشۈرۈڭ
ئارتۇقچىلىقى : ئىگىزلىك ۋە كەڭلىكىنى ئۆزىمىز خالغانچە بەلگىلەشكە بولىدۇ . قويغۇچ كودىنى سىز قويماقچى بولغان ئورۇنغا قىستۇرۇپلا قويسىڭىز ئىشنىڭ بىرىنچىسى پۈتتى ، دېگەن گەپ .
ئىشنىڭ ئىككىنچىسى بولسا ، بۇ قويغۇچقا ناخشا ئۇلاش . قانداق ئۇلايمىز ؟ ئارغامچا بىلەن ئەمەستە .
سىز ئالدى بىلەن خاتىرە دەپتەر پىرۇگىراممىسىنى قوزغۇتۇڭ . قايسى پىرۇگىراممىكىن دەپ قالماڭ ، سېستىمىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تۇغما ئىقتىدار ، ئاندىن خاتىرە دەپتەردە ناخشا ئادىرىسنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەڭ :
ئىشنىڭ ئۈچىنچىسى بولسا ، بۇ ھوججەتكە ناخشا ئادىرىسىنى خاتىرلەپ بولغاندىن كېيىن ، ھۆججەت كىڭەيتىلگەن نامىنى قويۇش ، ھۆججەت ئىسمىنى شاھىنشاھ ياكى ئەتىرگۈل دەپ قويساقمۇ بولىدۇ . ئەمما كىڭەيتىلگەن نام پەقەت بىر ياكى ئىككى . يەنى mp3ياكى m3uيەنى nahxa.mp3ياكى samat.m3u). مۇشۇنداق قويغاندىن كېيىن ، بۇ ھۆججەتنى بوشلۇق غول مۇندەرىجىسىگە چىقىرىمىز .
ئىشنىڭ تۆتىنجىسى بولسا ، قويغۇچقا ناخشا ئادىرىسىنى ئۇلاش بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا بىز ئۈچىنچى باسقۇچتىكى ھۆججەت ئادىرىسنى قويغۇچ كودى ئارسىدىكى :
1)mp3=http://www.warislar.com/mp3/plas/tmuhammat/korkiman.mp3
2)src=http://filer.blogbus.com/6138920/resource_6138920_1326699095g.m3u
يۇقارقى كود ئىچىدىكى http://دىن باشلانغان ئادرىسقا بايام بوشلۇققا يوللىغان ھۆججەت ئادرىسىنى ئالماشتۇرىۋىتىش .
يۇقارقى تۆت ئىشنى ئورۇنلىسىڭىزلا ، سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىمۇ كۆركەم قويغۇچلار ئۆز كۈيلىرىنى ياڭرىتىدۇ ......
ئۇلىنىش تورىدىكى قويغۇچقا ئىھتىياجلىق بولغانلار مۇنۇ قويغۇچلارنىڭ ھوزۇرىنى بىر سۈرۈپ بىقىپ ، ئاندىن يەنە بۇ يازمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۈتۈشكەيلا . ۋاقىت قىس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، مۇشۇ يازمىغىمۇ ئالتۇندەك ۋاقتىمدىن بىر ئاز ئاجراتتىم . ئەپۇ قىلىشالا ، پىخسىق دەپ تىللاشسىلىرىمۇ مەيلى ، داۋامىنى يەنە پات ئارىدا يوللايمەن ......
چىرايلىق قۇيغۇچلاركەن ….
ئىزدەۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان. ئۇلىنىش تورىغا ئوخشاش قويغۇچلارمۇ بارمىدى.
بار ، ئىشلىتەي دېگەنمۇ؟ لازىم بولسا كوت-كوتنى قوشۇڭ ياكى بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ…….
بۇ قويغۇچىلار بۇلدىكەن جۇمۇ! مەنمۇ دەل مۇشۇنداق قىستۇرمسىز قويغۇچىلارغا مۇھتاج ئىدىم.مەن ئاۋال بىر سىناپ باقاي.قارسام ھەممىسى ئېلان چىكىپتۇ،مەنمۇ چىكۋەتتىم.
رەھمەت ! قوللىغىنىڭىزغا ….پات-پات كېلىپ تۇرارسىز…..
قارىغاندا مەنلا قالدىممۇ دەيمە ئېلانغا ئالدانمىغان ، لېكىنزە ماۋۇ يازما پەچەتكەن، ئېلان بىلەن مۇناسىۋەتسىز … مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ يازمىسىغا ئالداندىم بولدى ، ۋاقىت چىقىرىپ قويغۇچقا ناخشا ئۇلاپ باقاي …
ما باللىنى ، ئېلانغا ئالدانماڭلا دەيمە …
بولىدىكىن …
ماڭا لازىملىق بىلىم ئىكەن، داۋامىنى ھېلى سىنايمەن، رەھمەت، ئېلانلار چىكىلدى…
ھەممىسى بەك چىرايلىق ئىكەن، ۋاقت چىقىرىپ بلوگىمنى مۇشۇ قويغۇچلار بىلەن بېزىۋالاي ئېلانىڭىزنى بىردىن چىكىپ چقتىم جۇمۇ