ئۇيقۇغا ئېلىنىپ كۆزلىرى ئاستا ،
تېنچىدى ھاياتلىق ، تۈن كېچە بۇدەم .
يانىدۇ پەقەت بىر ئۆيدە جىنچىراق ،
يانىدۇ بىر يۈرەك ئىزتىراپتا ھەم .
تۆت تامنىڭ ئىچىدە يىگانە ئايال ،
كۈتكىلى ئىرىنى بولغاندۇ نىكەم .
قاپ – قارا ئەرۋاھنىڭ كۆزلىرىسىمان ،
دەرىزە كۆزنىكى تۇرار قارىيىپ .
جاراڭلاپ ئاچىدۇ كېچە بورىنى ،
ۋە كىزەر خانىنى پەردىلەر قايرىپ .
يۈرىكى "قارت"قىلىپ ياپراقتەك تىترەپ ،
مەزلۈمە چىرايى كېتەر ئاقىرىپ .
شىرەگە قويۇلغان ئىككى قاچا ئاش ،
قوش كىشىلىك كارۋات قالغاندۇ مۇزلاپ .
ساداقەت ، ۋاپانىڭ بابىدا پەقەت ،
ئۇن-تىنسىز پۇتمەكتە داستانلار قۇرلاپ .
ھەر دەقىق ئاڭلانسا ئاياق تىۋىشى ،
ئامانلىق ئېسەنلىك تىلەر پىچىرلاپ .....