قىزىم جەمىلە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ .
بىر كۈنى ، قىزىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مېنى مەكتەپكە چاقىرتىپ تېلېفۇن قىلدى. مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن كېرىم مۇئەللىم ماڭا ، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىمنىڭ مېيىپ بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىئانە ساندۇقىدىن تەڭگە پۇل ئالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.
مەن قىزىمدىن، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ پارچە پۇللىرىنى سېلىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ، ئىئانە ساندۇقىنىڭ مۇنبەرگە قويۇپ قويۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان . قىزىم جەمىلە ئىلگىرى مەندىن پارچە پۇلمۇ ئالغان ، ماڭا ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ تاپقان پۇلىنى ئىئانە ساندۇقىغا سالىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقاندى . يەنە تېخى مەكتەپ مۇدىرى رۇزى مۇسانىڭمۇ مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى سەۋەبىدىن چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغانلىقىنى، بەزى چاغلاردا قوش ھاسىغا تاينىپ ئاران ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقاندى . قىزىم جەمىلە ئۇلارغا ناھايتى ھېسىداشلىق قىلاتتى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئويلايتى .
شۇ سەۋەبتىن ، مەن ئالدى بىلەن قىزىم جەمىلەدىن سوراپ كۆرۈپ ئاندىن قارار چىقىرىشنى لايىق تاپتىم .
شۇ كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كېتىپ ، سىنىپتا پەقەت مەن ، مۇئەللىم ۋە جەمىلە ئۈچىمىزلا قالدۇق . مەن جەمىلەنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغاچقا ، ئۇنىڭ پۇتلىرىنى توختىماستىن ئۇرۇۋاتقانلىقىغا ھەمدە بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرغانلىقىغا دىققەت قىلدىم . مەن بوش ئاۋازدا ئۇنى چاقىردىم ، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزلىرىگە تىكىلدى ، مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدىم .
- باشقىلار كېرىم مۇئەللىمگە سىزنىڭ ئىئانە ساندۇقىغا قول سالغانلىقىڭىزنزى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ . سىزدىن پەقەت بىرلا سۇئال سورايمەن ، سىزمۇ بىرلا قېتىم جاۋاپ بېرىڭ ،- دېدىم مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ ، - ئىئانە ساندۇقىدىن پۇل ئالدىڭىزمۇ – يوق ؟
- ياق ، ئاپا ،- دېدى جەمىلە قىلچە دۇدۇقلىماستىن .
- مەن جەمىلەنىڭ سەبىي كۆزلىرىگە قاراپ ، ئۇنىڭ راست سكزلىگەنلىكىگە ئىشەندىم . مەن ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ كېرىم مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ مۇنداق دېدىم :
- جەمىلە پۇل ئېلىۋالماپتۇ . مۇئەللىم ، قىزىمغا ئىشىنىڭ ،- ئاندىن بۇرۇلۇپلا قىزىمغا قاراپ ، - يۈرۈڭ ، جەمىلە ، ئەمدى ماروژنى يەپ كېلىمىز ، - دېدىم .
- تۆت يىلدىن كېيىن جەمىلە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈردى مەن ئۇنىڭ كونا كىتاب-دەپتەرلىرىنى يىغىشتۇرۋېتىپ بىر كىچىك دەپتەرنى بايقاپ قالدىم . بۇ دەپتەردە جەمىلە يازغان بىر قانچە ماقالە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ماقالىگە دەل شۇ ئىش يېزىلغاندى . ماقالە مۇنداق يېزىلغانىدى :
- مەن ھەقىقەتەن ئىئانە ساندۇقىغا قول سالغان ، بىراق ئەينى چاغدا مەن پەقەت ئىئانە ساندۇقىدىكى پارچە پۇللارنى سانىغانىدىم ، ھەرگىزمۇ ساۋاقداشلىرىم ئېيتقاندەك ئىئانە ساندۇقىدىن تەڭگە پۇلنى ئېلىۋالمىغانىدىم . بىراق مەن ھەقىقى ئەھۋالنى كېرىم مۇئەللىمگە ئېيتقان بولساممۇ ، ئۇ يەنىلا ئاپامنى مەكتەپكە چاقىرتىپ ئەكەلدى ، ئەينى چاغدا ھېچكىم ماڭا ئىشەنمىگەن ئىدى . ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تولىمۇ ئەندىشە ئىچىدە قالدىم . تەلىيىمگە ئاپام ماڭا ئىشەندى . ئۇ مېنى قارىقويۇقلا ئەيىپلەپ كەتمەستىن ، بەلكى يەنە تېخى ماڭا مارۇژنى ئېلىپ بەردى . شۇ چاغدىن باشلاپ مەن ئاپامنىڭ مېنىڭ مەڭگۈلۈك قاياشىم ۋە تۆلەنچۈكۈم ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، ئۇ مېنى مەڭگۈ قولايدۇ، مەنچۇ ، مەن مەڭگۈ ئاپامنى ئالدىمايمەن ... مەڭگۈ .
كۆز ئالدىم خرەلىشىشكە باشلىدى ، قەغەز يۈزىگە ئاققان كۆز ياشلىرىم خەتلەرنى ھۆل قىلىۋەتتى .
تېمىدا : ئەلپىدا ( ئەلپىدا تور خاتىرىسىگە مەرھەمەت قىلىڭ )
بۇ يازمىنى بۇرۇن كۆرگەندەكلا………
سىز ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ ياكى تەرجىمە ئەسەرمۇ؟ خاتالاشقان بولسام ئۆزرە….
خاتالاشمىغانىسىز ، بەلكىم ئوقۇغان بولشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما بۇ ئەلپىدا تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان .
ھە… ئەمىسە شۇ يەردە ئوقۇپتىمەندە، ھى…ھى…ھى…
شۇنداق قىلىپ نەدە ئوقۇغان بولۇپسىز مەرۋايىت ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ ‹‹ شۇ يەر ›› دىكىنى ‹‹ بۇ يەر ›› گە بەرمىگەندىمەن مەن ؟
ۋاي-ۋۇي…بېشىم قېيىپلا كەتتىغۇ مېنىڭ….
بىر قېتىم ئوقۇغاندەكلا ئېسىمدە، ئەمما ئۇ چاغدا بىر باشقا مىللەتنىڭ نامىدا كۆرگەندەكلا، يا ئوخشاشراق ئەسەر بولغايمۇ ئىشقىلىپ….
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ مەرۋايىت ، توغرا كۆرگەندەك قىلىسىز …
ئىسل كەچمۈشكەن، يېنىشلاپ يېنىشلاپ سوراپ كەتكەن بولسا ئاۋۇ كىچىككىنە سەبىي قىز قانداق بولۇپ كىتەركىن ھە……………
مۇنۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ !