ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ،
سالامدىن بىنىشان كېتەرمىز ئۆتۈپ .
ۋە ياكى قارارمىز ئارقىغا يېنىش ،
قەدەملەر قەدەمدىن توختاشنى كۈتۈپ .
ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ،
يېنىڭدا قولتۇقلاپ كېلەر بىر سايە .
ئۆتۈشۈپ كېتەرمىز ، مەن ئاچچىق كۈلۈپ ،
سەن بوينى باغلانغان بولۇپ بىچارە .
ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ،
تاشلانساڭ باغرىمغا ئاچارمەن قۇچاق .
ياتسىرار لىۋىڭدىن قورۇنۇپ لىۋىم .
سوۋۇغان تېنىڭنى باسساممەن چىڭراق .
ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ،
ياق ! ئەمەس بۇ دۇنيا ، باشقا ئالەمدە .
سۆيەرمەن شۇ چاغدا سېنى يۈرەكلىك ،
بەخىتنى تېتىپ مەن باشقا بىر تەمدە.....!
2000-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى(قەشقەر)
ئەجەپ ياخشى يىزىلىپتۇ دىسە ، ماڭا شىئىر يىزىپ بەرسىڭىز بولامدۇ نىمە،چاخچاق
يېزىپ بەرسەم يېزىپ بىرەي ، نېمە توغۇرلۇق يېزىپ بەرسەم بولاركىن ؟ قورسىقىڭىزدىكىنى قانداق تاپىمەن ……..
رەھمەت ، پىكىرلىشىپ تۇرغايمىز …….
ياخشى يىزىلغان شىئىركەن بۇ قاپىيەلىرىمۇ ياخشى چۇشۇپتۇ بىراق مۇشۇ شىئىر يىزىش قولومدىن كەلمەيدۇ شۇڭا ئەركىن ئازادە ھىكايە يىزىپ كىلىۋاتىمەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغايمىز
رەھمەت…..
ياش ، ھەئە ، شاش ۋاقىتلىرىڭىزدىكىلىرى ئىكەندە – بۇ …
ئەتە ۋاقتىمنى تېپىپ مەن 2000 – يىللىرى يازغانلىرىمنى بۇ يەرگە چاپلاپ قوياي . سېلىشتۇرۇپ كۆرمەيمىزمۇ – ھە …