ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتتەۋسىيەلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش
2012-يىلى04-ئاينىڭ24-كۈنى / تەۋسىيەلەر / ئىنكاس سانى 6 / كۆرۈلۈشى : 187 قېتىم+

بۇ تېمىدا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىۋاستە USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش جەريانىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

ئارتۇقچىلىقلىرى
Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكەندە، بۇ بارماق دىسكىنى ھەر قانداق كومپيۇتېرغا سېلىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ. بارماق دىسكىنى ئېلىۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، كومپيۇتېردا ئەسلى بار بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ. بۇ تەرىپى بەكمۇ قولايلىق.

بۇ ئۇسۇلدا، Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى USB بارماق دىسكىسىغا بىۋاستە قاچىلىنىدۇ، باشقا ھىچقانداق قوشۇمچە يۇمشاق دېتال قاچىلاش ۋە ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بارماق دىسكىڭىزنىڭ سىغىمى چوڭراق بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىدە بار بولغان ھۆججەتلەر تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ بارماق دىسكا بىلەن Ubuntu نى قوزغىتىپ، بىرەر ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن، نەتىجە ھۆججەتلىرىڭىزنى يەنە بۇ بارماق دىسكىنىڭ ئۆزىگە ساقلاشقا بولىدۇ.

Ubuntu نى قاچىلاپ قوزغاتسىڭىزلا، ئۇنىڭدا Firefox تور كۆرگۈ، OpenOffice ئىشخانا دېتاللىرى بىرگە بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە فونت، كىرگۈزگۈچ ۋە ياكى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاسانلا ئورنىتىۋالغىلى بولىدۇ. ۋە يەنە توردىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋالسىڭىز، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچىغا ئايلىنىدۇ. (%100 ئەمەس، چۈنكى بۇ تەرجىمە تېخى %100 تاماملانمىدى.)
سۆزلەپ كەلسەك، ئارتۇقچىلىقلىرى بەك كۆپ....

--------------------------------------------------------------------------------

قاچىلاش ئالدىدىكى تەييارلىق

Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاشتا، تۆۋەندىكى شارائىت بولۇشى كېرەك.

1.Ubuntu نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان Windows كومپيۇتېرى. (باشقا Apple Mac ۋە ياكى Linux كومپيۇتېرلىرى بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ Windows نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەقەت Windows مۇھىتىدىكى قاچىلاشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.)
2.USB بارماق دىسكا (سىغىمى كامىدا 1GB تىن كام بولماسلىقى كېرەك. ئەڭ كامىدا 2GB تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراڭ.)
3.تورغا چىقىپ، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش شارائىتى بولۇشى كېرەك. (شۇ كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدە تورغا چىقىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. باشقا يەردە، باشقا كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ، توردىن زۆرۈر يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرىۋېلىش شارائىتى بولسىلا بولىدۇ.)

--------------------------------------------------------------------------------

Ubuntu نى چۈشۈرۈش باشقۇچى

شارائىت ھازىر بولغاندىن كېيىن ئاۋال توردىن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلاشقا بولىدىغان CD تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.
http://www.ubuntu.com
ئورگان تور بېتىگە بېرىپ، شۇ تور بېتىدىكى «ئۇبۇنتۇنى چۈشۈر» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ:
ياكى
http://www.ubuntu.com/download/ubuntu/download

بۇ بەتتىن،«چۈشۈرۈشنى باشلا» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چۈشۈرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ:

بۇ ۋاقىتتا ISO ناملىق بىر  ھۆججىتى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ سىغىمى 700MB ئەتراپىدا (بىر CD نىڭ سىغىمى) بولۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، چۈشۈرۈشكە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.


Universal-USB-Installer چۈشۈرۈش

http://www.pendrivelinux.com تور بېتىگە بېرىپ، Universal-USB-Installer ناملىق، سىغىمى 1MB تىن كىچىك بولغان، بىر كىچىك قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرىمىز. بۇنىڭ نەشرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىدۇ . بەتنىڭ ئۈستىدەرەك، ئوتتۇرا قىسمىدا، مۇنداق ئۇلانما بار:

يۇقۇردىكى ئۇلانمىنى چەكسەك، يېڭى بىر بەت ئېچىلىدۇ. بۇ بەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مۇنداق:

ئۇلانما بار. بۇ ئۇلانمىنى چەكسەك،بۇ ھۆججەتنى ساقلاش كۆزنىكىچىقىدۇ. ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاڭ.

Windows نىڭ ھۆججەت كۆرگۈچ بىلەن، چۈشۈپ بولغان ھۆججەتنى كۆرسەم،

 

مۇشۇنداق كۆرۈندى.
دىمەك بۇ باسقۇچلار بىلەن نورمال .باشقا تور كۆرگۈ ئىشلەتسەڭلارمۇ يۇقۇردىكى باسقۇچ بىلەن چۈشۈرسەڭلار، مېنىڭچە نورمال چۈشىدۇ. بۇ چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئۇبۇنتۇنىڭ ISO ھۆججىتى ۋە بۇ EXE ھۆججىتىنى كومپيۇتېرىڭىزدا ئايرىم بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ، شۇ يەرگە، بىرگە ساقلاڭ. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، كېيىنكى مەشغۇلاتنى تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرۇشتۇر. شۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈش ئاخىرلاشتى.


Ubuntu نى قاچىلاش

ئەمدى قاچىلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.بۇ ۋاقىتتا، بارماق دىسكىڭىزنى كومپيۇتېرغا ئۇلاڭ، ۋە ئۇ ئېرشكەن قوزغاتقۇچ ھەرىپى، مەسىلەن، D:, E:, F ھەرپلىرىنى ئېسىڭىزدا ساقلىۋېلىڭ ۋە ياكى بىر يەرگە يېزىۋېلىڭ. ئامال بار كومپيۇتېرىڭىزغا باشقا بارماق دىسكىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇلىماڭ. بىخەستلىك سەۋەبىدىن ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، قىممەتلىك ھۆججەتلىرىڭىزنى يۇيىۋېتىپ قالماڭ.
ئەمدى قاچىلاش باسقۇچىغا كېلەيلى. يۇقۇردا چۈشۈرگەن 2 ھۆججەتنى كومپيۇتېرىمنىڭ بىر ھۆججەت قىسقۇچىغا ساقلىۋالدىم

:

بۇنىڭدىكى EXE ھۆججىتىنى قوش چەكسەم، .بۇ كۆزنەك چىقتى.
بۇنىڭدىن، كاتەك ئىچىگە ئېلىپ قويغان «ئىجرا قىل» كۇنۇپكىسىنى باسسام،بۇ كېلىشىمنامە كۆزنىكى چىقتى.


بۇنىڭدىن «قوشۇلىمەن» كۇنۇپكىسىنى باسسام،بۇ كۆزنەك چىقتى.

 

 

بۇ كۆزنەكنىڭ بوياپ قويغان تىزىملىكىدىن، Ubuntu 11.10 Desktop نى تاللايمىز. مانا مۇنداق:

بۇ ۋاقىتتا ئورۇن (2) ئۆزلىكىدىن تولدۇرىلىدۇ. ئورۇن (3) دىن سىزنىڭ بارماق دىسكىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ ھەرىپىنى تاللايمىز. (بۇنى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق.) ئورۇن (4) بولسا بۇ بارماق دىسكىنى فورماتلاش تاللانمىسى بولۇپ، بۇنى ئۆز ئەھۋالىڭىز بويىچە تاللاڭ.(مېنىڭ تەۋسىيەرىم، بۇنى تاللىماڭ. ناۋادا بارماق دىسكىڭىزنى فورماتلىماقچى بولسىڭىز بۇ ئىشلار باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئايرىم فورماتلىۋېلىڭ). ئورۇن (5) مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش بوشلۇقىدۇر. ناۋادا بارماق دىسكىڭىز 1GB لىق بولسا، باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق. بۇ ۋاقىتتا «No Persistence» (شەخسىي ھۆججەتلەرنى ساقلىمايمەن) نى تاللايسىز. ناۋادا بارماق دىسكىڭىز چوڭ بولسا، ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ بۇ يەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە تاللىغان بوشلۇق بىلەن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش بوشلۇقى 1GB نىڭ يىغىندىسى چوقۇم بارماق دىسكىنىڭ سىغىمىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولۇشى كېرەك. ناۋادا 8GB لىق بارماق دىسكىڭىز بولسا، ئۇنىڭ 1GB قا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، يەنە 3GB قا ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلىسىڭىز، يەنە 4GB ئېشىپ قالىدۇ. بۇنى Windows مۇھىتىدا يەنە بەھوزۇر ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنى تاللاپ بولۇپ (6) نى (قۇرىمەن) چەكسىڭىز

قاچىلاش جاريانى باشلىنىدۇ. ئاۋال ئۇ ئۇبۇنتۇ ISO نى پىرىستىن يېشىدۇ.

 

 

بۇنىڭغا 3-2 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.ئاندىن قاچىلاش باشلىنىدۇ.
خۇلاسە :

بۇنىڭغا 10-5 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەنUbuntu  مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىۋاستە USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش
تامام بولدى .


تەييارلىغۇچى : 1يول تورى تېخنىك گۇرۇپىسىدىن ئەنقەر.ئابدۇرشىت بايانات : مەن تەييارلىغان بۇ ماتېرىياللارنى مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتكەن ھالدا ھەرقانداق تورغا كۈچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
پايدىلانغان مەنبەلەر : http://1yol.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=720 http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=589

 

 

 

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 4 پارچە، بىكەت باشلىقى 2 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. ئالىمجان : 2012-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنى15:31:20  1-قەۋەت جاۋاب

    يازمىغا ئىنكاس يېزىش ئېسىل خىسلەت ، قېنى سىزمۇ يېزىپ قويۇڭ…

  2. ئالىمجان : 2012-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنى15:30:21  2-قەۋەت جاۋاب

    ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز غۇ ؟

  3. ئالىمجان : 2012-يىلى04-ئاينىڭ25-كۈنى10:34:02  3-قەۋەت جاۋاب

    مەنغۇ win7نىڭ مەستانىسى بولۇپ قالاي دىدىم

    • ئىقبال : 2012-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنى15:28:25 جاۋاب

      ئۇنداق بولسا win8نى ئىشلىتىڭ ئەمىسە

  4. ئالىمجان : 2012-يىلى04-ئاينىڭ25-كۈنى10:28:25  4-قەۋەت جاۋاب

    بىر سىناپ باقسام بولغۇدەك ،قالتىس يازما :wink: :grin:

    • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ25-كۈنى10:31:50 جاۋاب

      مەنمۇ سىناپ باقتىم ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم . ئەمما بۇ سېستىما ماڭا يىڭى بولغاچقا ، مەن كۆنەلمدىممۇ ، ئىشقىلىپ تورنى ئۇلايدىغان يەرنى تاپالماي ، يەنىلا ۋىندۇۋىسقا قايتىپ كەلدىم . 26-چىسلا 12.04نىڭ ئۇيغۇرچىسى تارقىتىلسا ، شۇ چاغدا قايتا سىنارمەن ……….

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟