ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتتەۋسىيەلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
ئۇيغۇرلارنىڭ چاچ گۈزەللىكى
2012-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنى / تەۋسىيەلەر / ئىنكاس سانى 1 / كۆرۈلۈشى : 71 قېتىم+

غالىب مۇھەممەد قارلۇق
گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتى. دۇنيادا گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان قەۋم، مىللەتلەر بولمىسا كېرەك. مول مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە خەلقىمىزمۇ تارىختىن بېرى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، جۈملىدىن چاچ گۈزەللىكىگىمۇ ھەم شۇنداق. چاچنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن باشنى ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلاش رولى بولغاچقا، يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىلا خەلقىمىز ئانىمىزملىق ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە چاچنى بىر خىل يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئۇلۇغلىغان. چاچنىڭ توختاۋسىز ئۆسۈپ بېرىشى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىشىپ كەتكەچكە، بۇ تەبىئىي يوسۇندا كىشىلەرنى چاچنى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش، ئاسراش، خاسىيەتلىك دەپ بېلىشكە ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئايال جىنىسنىڭ ئۇلۇغلىنىشى، ئاياللارغا خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچ بېرىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ چېچىمۇ خاسىيەت ۋە مۇقەددەس دەپ تونۇلغان. شۇنىڭ بىلەن چاچقا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەر ھەم پەرھىزلەر بارلىققا كەلگەن. مەسلەن، «چىن تۆمۈر باتۇر» چۆچىكىدىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى مەختۇمسۇلانىڭ دەريا بويىدا چاچ تاراپ بالا-قازاغا يولۇققانلىقى، بەزى چۆچەكلەردە ئاق چاچلىق مومايلار ۋە ھۆر- پەرىلەرنىڭ مۈشكۈلاتتا قالغان كىشىلەرگە چېچىدىن بېرىپ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشى قاتارلىقلار ھەمدە خەلق ئىچىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىشنىڭ ئېغىر ئېلىنىشى، چاچنى دەسسىسە ياكى قالايمىغان تاشلىۋەتسە يامان بولىدىغانلىقى، چاچ كۆيدۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىدەك ئادەتلەر ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئەلۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك، ئېتىقاد ئېڭىدا تېگىشلىك زېمىن ھازىرلىغان چاچ ھەم چاچ گۈزەللىكى ئېغىز ئەدەبىياتتىن ھالقىپ يازما ئەدەبىياتقا بۆسۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۆڭمەس ھەم ئۆلمەس مەجازىغا ئايلاندى. شۇنداق، باي ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئىدېئال يار ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك قىزغىن، گۈزەل شېئىرىي تەلقىنلەر كۆپلەپ ئۇچرايدۇ، جۈملىدىن ئەنە شۇ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ گۈزەللىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە، ئۇنىڭغا سېھرىي كۈچ، خاسىيەت ئاتا قىلىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان چاچقا مۇناسىۋەتلىك نەپس تەسۋىرلەرمۇ دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدۇ. بىز كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىكى چاچ ھەققىدىكى بايانلاردىن چاچنىڭ ئېتىقادى ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدا تۇتقان ئورنى، شۇنىڭدەك ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ يۈكسەك ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى چاچ تەسۋىرى بەلگىلىك بىر بەدىئىي سەۋىيە ياراتقان بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
1) چاچ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ سىماسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، كىلاسسىكىمىز ھەزرىتى نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائىي ئۆز تەلقىنلىرىدە شۇنداق دەپ يازىدۇ:
قوينىدا ئەفتى، نې مۇمكىن كۆزگە ئۇيقۇ كىرگەلى،
ئولكى ھەر كۈن ياد ئېتەر بىر زۇلفىنىڭ پىچۇخەمىن.
(مەنىسى: قوينىغا زەھەرلىك يىلان كىرىۋالسا كۆزگە ئۇيقۇ كىرەمدۇ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۇخلىماسلىقىمۇ بىر تولغىما چاچنىڭ خىيالىغا چىرمىشىپ قالغانلىقىدىن)
2) چاچ خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، نەۋائىينىڭ تۆۋەندىكى تەلقىنىگە قاراپ باقايلى:

 جىسمىم ئەندۇھ ئىچرە دەرى ئاستىدا قالمىش نى ئەجەب؟
ئەگمە قەد بىرلە ئەگەر زۇلغۇڭ غەمدىن «دال» مەن.
(مەنىسى: جىسمىم قايغۇ ئىچىدە، دەرد ئاستىدا قالدى، بۇنىڭغا ئەجەبلەنمە، چۈنكى زۇلفۇڭنى «چېچىڭنى» ئويلاۋېرىپ قەددىم ئېگىلىپ «دال» غا ئوخشاپ قالدى)
3) چاچ ئىشىق ئوتىنى تۇتاشتۇرغۇچى، مۇھەببەت رىشتىسىنى باغلىغۇچى قىلىنىپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، كىلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن زەلىلى شۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئول قۇياشقە زەررەدەك ئۇششاق ھەيراندۇر ھەمە،
زۇلف سەۋداسىدا مەجنۇندەك پەرىشاندۇر ھەمە.
4) چاچ، جۈملىدىن قارا چاچ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئوتوپىيىلىك تەسەۋۋۇرنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، بىز نەۋائىينىڭ تۆۋەندىكى ئىككى مىسراسىنى ئوقۇپ باقايلى:
ئەي ئارەزى نەسىرىن، ساچى سۇمبۇل، قەدى شەمشاد،
بۇلبۇل كەبى ھىجرىڭدە ئىشىم نالەۋۇ فەرياد.
(مەنىسى: ئەي يۈزى نەسىرىن گۈل، چېچى سۇمبۇل، بويى شەمشاد، مېنىڭ ئىشىم دەردىڭدە خۇددى بۇلبۇلدەك نالە قىلىش بولۇپ قالدى)
5) قارا چاچ بەختنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، نەۋائىي يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئەيلەپ سەلاسىل ئارزۇ، ئارتار جۇنۇنۇم مۇبەمۇ،
ناگاھ نەسمى مۇشكبۇ، يەتكۈرسە زۇلفۇڭ نەكھەتىن.
(مەنىسى: ئىپار پۇراقلىق شامال بىردىنلا زۇلفۇڭ ھىدىنى يەتكۈزسە، مەن ئۇنىڭ زەنجىرىگە باغلىنىش ئارزۇسىدا تېخىمۇ ساراڭ بولىمەن)
كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە تەسۋىرلىنىۋاتقان چاچ ئېتىقاد ئادەتلىرىمىز بىلەن، شۇنداقلا مىللىي خاسلىق، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ئىستېتىك قاراشلىرىمىز بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، شۇنداقلا ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئىزدىنىش ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسىدۇر. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا بولىدۇكى، چاچقا مۇناسىۋەتلىك بىز يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان شېئىرىي تەلقىنلەرنى قانداقتۇر نوقۇل مەنىدە ئىشق-مۇھەببەت مەكتۇپلىرى دەپ چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك.
دېمەك، چاچ خەلقىمىزنىڭ نەزەرىدە گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، شۇڭا چاچ ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن، چاچنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىر يەرلىك ئادەتلەر كېلىپ چىققان. قەدىمدە ئەرلەر ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئالماي ئۇزۇن بىر تال چاچ قويۇۋېلىپ يۈرەتتىكەن. ئۇ چاغدا كىيىنىشىمۇ رەتسىز، تازىلىق چۈشەنچىسىمۇ ئاز ئىكەنتۇق. كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا ۋە ئېتىقاد ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەرلەر چېچىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان ياكى قىسقا چاچ قويىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان. ئاياللار بولسا قەدىمدىن تارتىپلا ئۇزۇن چاچ قويۇشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئاياللىرىمىزغا نىسبەتەن چاچ گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈرىگە ئايلانغان. ئاياللار چېچىنىڭ توملۇقى، ئۇزۇنلۇقى ھەم قارىلىقى بىلەن پەخىرلەنگەن. تىلىمىزدىكى سۇمبۇل چاچ، بوستان چاچ دېگەنلەر بۇنىڭ روشەن دەلىلى. يەنە كېلىپ سۇمبۇل چاچ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەەللىك سىمۋولى ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سرتقى مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بۇ «سىمۋول» نىڭ سەلتەنەتى مىسلىسىز دەرىجىدە پەسكويلۇققا قاراپ يۈزلەندى ۋە يۈزلەنمەكتە. بىزنىڭ قىز-ئاياللىرىمىزدا ئۇزۇن چاچ قويۇشتا بىر يۈرۈش ئادەتلەرمۇ بار ئىدى. ئادەتتە ياتلىق بولمىغان قىزلارنىڭ چېچى 15، 17، 21، ھەتتا 41 قىلىپ ئۆرۈلىدۇ، ھەرگىز جۈپ ئۆرۈلمەيدۇ ھەمدە بۇنداق توي قىلمىغان قىزنىڭ پېشانىسىدە كوكۇل چېچى بولىدۇ. توينىڭ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن ياتلىق قىلىنغان بۇ قىزنىڭ كوكۇل چېچى ئىككى تەرىپىگە قايرىلىدۇ. ئۇزۇن، سۇمبۇل چېچى جۈپ ئۆرۈلىدۇ. ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار تۇللۇقنىڭ بەلگىسى ھېسابىدا چېچىنى بەش، يەتتە، توققۇز تال قىلىپ تاق ئۆرۈلىدۇ. نەۋرىلىك بولغان ئاياللار ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ئۇنى چاپتەڭگە بىلەن جۈپلىۋالىدۇ. چېچىنى بىر تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان ئاياللار باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئۆزىگە ئەر تەلەپ قىلىپ يۈرگەن ئايال دەپ قارىلىدۇ ۋە بۇنداق ئاياللار يامان كۆرۈلىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ تۈرىگە ۋە سۇمبۇل چېچىنىڭ جۈپ ياكى تاق ئۆرۈلگەنلىكىگە قاراپلا ئۇنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان، نەۋرىلىك بولغان ئايال، ياشانغان ئايال ۋە ئەخلاقسىز تۇل ئايال ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى. بىراق، بۇ خىل چاچ مەدەنىيىتى بۈگۈنكى كۈندە ئۆز مەۋجۇدلۇقى (مەنىسى) نى يوقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ دوقمۇشلىرىدا خانىم-قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىپ-قىرقىپ، ھەررەڭ-سەررەڭ شەكىللەردە پاسون چىقىرىپ تۈرلۈك بوياقلار بىلەن بويىۋالىدىغان تەتۈرلۈكلەر كېلىپ چىقتى. ھەتتا بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزدا چاچ كېسىش ئەسەبىيلەرچە ھالدا مودىغا ئايلاندى. چاچقا مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەرمۇ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ئادەمنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، يىللارنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ئاقارغان ئاق چاچلار خېلىلا كۆپنى كۆرگەن، ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مويسىپىتلىرىمىز نەزەرىدە زامانغا ماسلىشالمىغانلىق، ئاتالمىش قېرىلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ بوياقلار بىلەن چاڭلىشىدىغان ھالەتكە يەتتى. ئەمەلىيەتتە ئاشۇ ئاق چاچلاردا ئىجاد-مېھنەتنىڭ، ئۇزۇن ئەگرى-توقاي ھاياتنىڭ ئىزنالىرى بار ئىدى. تېخى تەبىئىي ئاقارغان چاچ ئادەمگە تېخىمۇ كاتتا سالاپەت بېغىشلايتتى ئەمەسمۇ؟ ياش بىر يەرگە يېتىپمۇ تەنتەكلىكتىن ئۇنى بوياشنىڭ زادى قانچىلىك زۆرۈرىيىتى باركىنە؟! ھازىر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ چېچىنى يېيىپ قويۇۋېتىپ يۈرۈشىمۇ بىر خىل جەزبىدارلىقنىڭ، گۈزەللىكنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تازىلىققا مۇخالىپ رەتسىزلىك، تەرتىپسىزلىك. يەنە كېلىپ چاچ بۇنداق ھالەتتە ئاسانلا قۇياش نۇرىنىڭ زەخمىلەندۈرۈشىگە ئۇچراپ، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاچ ساغلاملىقىغا ئاسان زىيان يەتكۈزۈپ قويىدۇ. تېخى چاچ ئاسراشقا ھېلىھەممۇ تازا ئەھمىيەت بېرىپ كېتەلمەيدىغان كىشىلىرىمىز نۇرغۇن. بەزى خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ قازان بېشىغا ئۆتكەندىمۇ بېشىغا ياغلىق ئارتماسلىقى جەمئىيىتىمىزدە ئېغىر ئېلىنماس بولۇپ قالدى، ۋەھاكازلار.
قىسقىسى، بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزدىكى چاچ گۈزەللىكى ئېڭى ئەنئەنىۋى تەركىبلەردىن كۆرە، زامانىۋى تەركىبلەرگە بولغان مايىللىقىنى كۆپرەك ئىپادىلەپ، ئەنە شۇنداق ئەبجەش ھالەتتە بېيىغان بولدى ۋە بېيىماقتا. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە خانىم-قىزلىرىمىزغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاچ ھەققىدىكى دۇردانە قاراشلىرى، گۈزەللىك ئادەتلىرىنى، چاچ ئاسراش رېتسىپلىرى ۋە پەرھىزلىرىنى ئاگاھ سۈپىتىدە سەمىگە سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا. بىز شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمىز: بىزگە چاچلىرىنى رەتلىك تاراپ، يارىشىملىق ئۆرۈۋالغان، سۇمبۇل چاچلىق خانىم-قىزلار كېرەك!

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 1 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 1 پارچە، بىكەت باشلىقى 0 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. ئەلپىدا : 2012-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنى17:30:52  1-قەۋەت جاۋاب

    بىز ئۆز مەھەللىمىزدىن ، تار كوچىلاردىن چىقىپ كېلىۋاتقان ياغلىقلىق قىزلارغا تەبەسسۇم قىلىمىز ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەشۇ ئاددىيغىنە ئۈستىبېشى بىلەن بىزگە غورورىمىزنى ، ۋەتىنىمىزنى ساقلاپ بېرىدۇ …

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟