مۇھەببەت
ھەققىدە
ئىگىز-پەس
گەپلەر
مۇھەببەت نەزىرىيىسى
Aبولسا Bنى ياخشى كۆرىدۇ ، Bنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان.ئوخشاشلا Bنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرى ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى سوۋۇتىدۇ . ئەگەر Bدىكى بارلىق ئارتۇقچىلىقلار تېپىلىدىغان ، B دىكى كەمچىللىكلەر بولمىغان C پەيدا بولدى ۋە C نى A غا مەپتۇن بولدى دەپ قىياس قىلساق ، ئېنىقكى ، Aچوقۇم C نى تاللايدۇ . شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، مۇھەببەت ئىشەنچىلىك ئەمەس .
يىگىتلەر قىزلارغا ئېنتىلگەندە ، قىزلارغا گۈل سوۋغا قىلىشىدۇ ، قىزلارنى كىنۇغا ئاپىرىشىدۇ ، مىھمان قىلىدۇ ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئاپىرىپ كۆڭلىنى ئاچىدۇ . ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى رومانتىك تۈس ئالىدۇ . ھېيىت-بايرام ، تۇغۇلغان كۈنلىرىدە بىر- بىرىگە سوۋغا قىلىشىدۇ . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ ، مۇھەببەتلەشمىسە بۇ چىقىملاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ . شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، مۇھەببەتكە كۆپ پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ .
كىشلەر مۇھەببەتكە ئىرىشكەندە قاتتىق خۇشال بولىشىدۇ ، مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغاندا قاتتىق ھەسرەت چىكىدۇ . يىقىنچىلىق قىلغاندا قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ ، ئۇرۇشۇپ قالغاندا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ، يەنە دەردىنى ھاراقتىن چىقىرىدىغان ، ئاش-تاماقتىن قالىدىغان قارشىلىق كۆرسىسىتش ھەرىكەتلىرىدە بولىدۇ . دېمەك ، مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ خۇي-مىجەزى تۇراقسىز بولىدۇ . شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، مۇھەببەت سالامەتلىككە زىيانلىق .
مۇھەببەت روھنىڭ مەھسۇلاتى . روھ ماددى نەرسە ئەمەس ، شۇنداقلا ئۇ باشقا نەرسىلەر بىلەن بىرىكىپ ، يىڭى ماددى مەھسۇلات بولالمايدۇ . شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، مۇھەببەت ماددى مەھسۇلات يارىتالمايدۇ .
يۇقارقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ، مۇھەببەتنىڭ پايدىسىدىن زېيىنى كۆپ ، پايدا-زېيان نوقتىسىدىن قارىغاندا ، نۇرمال ئادەم مۇھەببەتنى تاللىمايدۇ ، شۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ئەنئەنىدىن ، ئۆرپ-ئادەتتىن خالىي جەمئىيەتتە مۇھەببەت بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ، ھەقىقىي مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەقلىدىن ئاداشقانلار .....
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا كەم بۇلىۋاتقان بىلىملەر ئارقىلىق بىلىم شەيدالىرىنىڭ چاڭقىغان دىللىرىغا «شىپاھى مەلىھەم» بولغۇسى يازمىلىرىڭىز بىلەن، خاسلىققا ئىگە بىر بلوگ قۇرىۋاپسىز؛
مۇبارەك بولسۇن!!!…
بۇنىڭدىن كېيىنكى بلوگچىلىق ھاياتىمىزدا، ئورتاق تىرىشىش ۋە ئىلگىرلەش ئۈچۈن بلوگىڭىزنى، بلوگىمغا قوشۇۋالدىم؛ خالىسىڭىز سىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بلوگ ئادرىسىم: http://ughuzhan.tk
تۇغ ئادرىسىم: http://i.imgur.com/CMqoi.png
رەھمەت سىزگە!
مۇئەللىم ، ئەقلىڭىزدىن ئېزىپسىز ، روھ ماددىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ دېگەن قانداق گەپ ئۇ ؟
پەيلاسۇپ ئەپەندىم ، تۈزىتىپ قويدۇم ، خاپا بولمىغايسىز……
دېمەك مەنمۇ ئەقلىمدىن ئادىشىپتىمەن
دېمەك ، بەگ ئەپەندىم ، سىز ھەقىقىي مۇھەببەتلەشكەندەك قىلىسىز ، بۇ يازما پەقەت مۇھەببەتلەشكەنلەرنى سىنايدىغان بىر يازما ئىدى….. سىز جۆيلۈپ سالدىڭىز ، ئاپىرىن ، مەڭگۈ بەختلىك بىر جۈپلەردىن بولۇڭلار……