WordPress نىڭ 3.0.5 نەشىرىدىن كېيىن، يازما يېزىش كۆزنىكىدىكى Flash قىستۇرۇش كۇنۇپكىسى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن نەشىرىنى كۆتۈرۈپ سالغان بىر قىسىم بلوگگېرلار بۇ كۇنۇپكىنى يوقىتىپ قويۇپ، يازما يېزىشتا خېلى كۆپ قولايسىزلىقلارنىڭ چىققانلىقىنى، Youku قاتارلىق تور بېكەتلەردىن سىن قىستۇرغاندا داۋاملىق HTML كودى شەكلىدە قىستۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۈگۈن قىسقىغىنە ۋاقىت چىقىرىپ تەھرىرلىگۈچتىكى بۇ سۆيۈملۈك Flash كۇنۇپكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىپ قوياي.
ئەمەلىيەتتە، يېڭى نەشىردىن باشلاپ بۇ كۇنۇپكا چىقىرىۋېتىلمىگەن، پەقەت سۈكۈت قىممەتتە يوشۇرىۋېتىلگەن بولۇپ، بىز پەقەت ئاددى بىر دانە فۇنكىسىيە ئارقىلىقلا بۇ كۇنۇپكىنى يەنە ئەسلىگە ئەكىلىۋالالايمىز. يەنى تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب ئىچىدىكى Function.php نىڭ ئىچىگە قىستۇرۇپ قويساقلا بولىدۇ:
- function add_more_buttons($buttons) {
- $buttons[] = 'media';
- return $buttons;
- }
- add_filter("mce_buttons_3", "add_more_buttons");
ئاسانمىكەن؟ يەنى WordPress نىڭ ھېچقانداق ئەسلى كودىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا مەقسەتكە يەتتۇق دېگەن گەپ. لېكىن دىققەت قىلسىڭىز، بۇ Flash قىستۇرۇش كۇنۇپكىسى 3-قۇرغا يالغۇزلا تىزىلىپ قالغان بولۇپ، بىر خىل غەلىتە تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. يەنە دىققەت قىلغان بولسىڭىز، يۇقارقى كودتىكى mct_buttons_3 تىكى 3 بولسا تەھرىرلىگۈچتىكى كۇنۇپكىلارنىڭ قۇر نومۇرى بولۇپ، بۇ كۇنۇپكا 3-قۇرغا تىزىلسۇن دېگەن گەپ، ناۋادا بۇنى 2 گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، Flash قىستۇرۇش كۇنۇپكىسى چىرايلىق بېرىپ ئىككىنچى قۇرنىڭ كەينىگە تىزىلىدۇ. مەن پەقەت روشەن پەرق چىقسۇن دەپ 3-قۇرغا تىزىپ قويدۇم. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن سىرت يەنە نۇرغۇن كۇنۇپكىلارنى قوشۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:
تۆۋەندىكى كودنى ئۈستىدىكى كودنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرسىڭىز، سىزمۇ يۇقارقى تەھرىرلىگۈچكە ئېرىشەلەيسىز!
- function add_more_buttons($buttons) {
- $buttons[] = 'fontsizeselect';
- $buttons[] = 'styleselect';
- $buttons[] = 'fontselect';
- $buttons[] = 'hr';
- $buttons[] = 'sub';
- $buttons[] = 'sup';
- $buttons[] = 'cleanup';
- $buttons[] = 'image';
- $buttons[] = 'code';
- $buttons[] = 'media';
- $buttons[] = 'backcolor';
- $buttons[] = 'visualaid';
- return $buttons;
- }
- add_filter("mce_buttons_3", "add_more_buttons");
دىققەت: بۇ كودلار نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبنىڭ Function.php ئىچىدىكى بۆلىكى ئىچىگە يېزىلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۇسلۇب نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبنىڭ function.php ئىچىگە يېزىلغاچقا، ئۇسلۇب ئالماشتۇرسىڭىز، بۇ كۇنۇپكىلار يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق ھېچقىسى يوق، سىز يېڭى ئۇسلۇب ئىچىدىكى function.php غا بۇ كودلارنى قوشۇپ قويسىڭىزلا ئوخشاش مەقسەدكە يېتەلەيسىز!
ئاستىدىكى ئىقتىدار قوشۇش كونۇپكىسى شۇنداق نورمال چىقتى ،رەخمەت سىزگە، لىكىن ئۈستىدىكى كودنى قوشسام خاتالىق چىقىۋالدى.مەن يانا بىر سىناپ باقاي ،ھار مىغايسىز.
ۋاقىت تونىلى
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 382پارچە
بەت :18 بەت
باھا :2266 پارچە
سەھىپە :35 دانە
خەتكۈش :483 دانە
ئۇلىنىشلار:115 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 1085 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 92 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 2-ئاينىڭ17-كۈنى
باش بەت