ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
يىقندىن بىرى دۆلەت ئىچىدە «يەر شارى خاراكتىرلىك بىر تۇتاش باش سۈرىتى ئىشلىتىش»تور بېكىتىنىڭ چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك ، بىلوگلاردا بىر تۇتاش باش سۈرىتى ئىشلەتكەنلەرنىڭ باش سۈرىتى كۆرۈنمەسلىك مەسلىسى كۆرۈلدى .
بۇنىڭ بىلەن بىلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپلا قالماي ، باش سۈرەت ئورنى ئاپئاق چىقىۋىلىپ ، بىلوگنىڭ بىر چىرايلىق كۆرۈنۈشىگە تېخىمۇ سەت ھۈسىن قوشتى . مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماتېرىيال ئاقتۇرۇپ ، كۆپلەپ سىناش ئارقىلىق ، بىلوگدا سىناپ ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن ، بىلوگگىر دوستلارغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم .
ئامالى تۆۋەندىكىچە
wordpress ئۇسلۇب ھۆججىتى قىسقۇچى ئىچىدىكى functions.php ھۆججىتىگە تۆۋەندىكى كودلارنى قوشقاندىن كېيىن ؛
- function get_ssl_avatar($avatar) {
- $avatar = preg_replace('/.*\/avatar\/(.*)\?s=([\d]+)&.*/','"https://secure.gravatar.com/avatar/$1?s=$2" class="avatar avatar-$2" height="$2" width="$2">',$avatar);
- return $avatar;
- }
- add_filter('get_avatar', 'get_ssl_avatar');
ئۆزگەرتكەندىن كېينىكى ھۆججەتنى ساقلاڭ ۋە ئەسلى ئورۇنغا چىقىرىڭ . بۇنىڭ بىلەن ئىش تامام ۋەسسالام . ئۈنۈمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مۇئەللىم بىلوگىنىڭ ئوڭ يان تەرىپىگە قاراڭ .....
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ما ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ باش سۈرەتنى ئوڭشىۋالدىم ، لېكىن ئاۋۇ باش سۈرەتنى يۇمىلاق قىلىدىغان ، چۆرگىلىتىدىغان كود ئىشلىمىدى ، قانداق ئىشتۇ؟
@ئۇيغۇرۇم باش سۈرەتنى كونتىرۇل قىلىدىغان كود قىسمىغا قوشىۋىتىڭ ……
@مۇئەللىم دىمەكچى بولغىنىڭىز باش سۈرەتنى پىقىرىتىدىغان كودنى ما يازمىدىكى كودنىڭ ئارىسىغا قىستۇرامدىم ياكى ماۋۇ كودنى باش سۈرەت پىقىرتىدىغان كودقا قوشىۋېتەمدىم ، كاللام بەك قالايمىقان بوپ كەتتى…
@ئۇيغۇرۇم ماۋۇ كود سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى كودقا ئوخشاشكەنغۇ ، سىز بىلوگىڭىزدىكى كودنى ئىشلىتىپ باقمىغانمۇ ؟ ياكى مېنى سىناۋاتامسىز ؟
@مۇئەللىم ياقەي، سىزنى سىناشقا ھەددىممۇ؟ شۇ باشتا?p=6385 بۇيازما بويىچە باش سۈرەتكە پىقىرايدىغان ئۈنۈم قوشىۋالغان ، كىيىن قارىسام تازا نورمال ئەمەس ،شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يازمىدىكى كودنى ئىشلەتسەم نورمال كۆرۈندى، لېكىن پىقىرايدىغان ئۈنۈم يوقاپ كەتتى ئىنكاس رايونىدا ، شۇنىڭغا ئىككىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى باردۇ؟ قانداق ھەل قىلىدىغاندۇ؟ دەپ سورىشىم
@ئۇيغۇرۇم مۇئەللىم بىلوگىدىكى سىناقتىن ئۆتكەن كودنى يوللاپ قويدۇم ، كاللىڭىز قالايمىقان بولۇشتىن ئىلگىرى ماۋۇ كودنى بولسىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ ، خالىغان جايغا قوشۇپ سىناڭ …..بەلكىم بۇ ئىشلەپ قالار …….
@مۇئەللىم بوپ كەتتى، رەھمەت ئۆزلىرىگە …مالال قىلىپ قويدۇم
ئەجەپ ياخشى،مانا مەنمۇ ئوڭشىۋالدىم،رەھمەت مۇئەللىمكا!
مەن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قىل؛سام يەنە ئوخشاش باش سۈرەت كۆرۈنمىدى
@كۆزنەك ئاپلا ، مۇئەللىم بىلوگى ، تىزيول بىلوگى ۋە باشقا بىلوگلاردا مەن مۇشۇ كود ئارقىلىق باش سۈرەت كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ، بۇ كود سىزنىڭ بىلوگىڭىزدا ئۈنۈمىنى يوقاتقان ئوخشايدۇ ……
بۇنى شۇ سىزدىگەن ئۇرۇننىڭ قايسى رىتىگە قۇيمىز؟
@ئالۋۇن بلوگى functions.php ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۈستىدىكى قۇرغا قىستۇرۇڭ ……..
بۇ ئۇسۇلدىمغۇ بولدىكەن ، ئەمما يەنىلا سۈرئەتكە تەسىرى چوڭكەن ، شۇڭا ياخشىسى يەرلىككە ساقلاش ئىقتىدارنى قوشۇپلا ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلمەن
@ئۇيغۇرجان ئەسلى شۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىناي دېگەنتىم بۇرادەر ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل دۆلەت ئىچى بوشلۇقىغا ئىشلىمەيدىكەن ئەمەسمۇ …..
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ۋاقىت تونىلى
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 384پارچە
بەت :21 بەت
باھا :2227 پارچە
سەھىپە :35 دانە
خەتكۈش :480 دانە
ئۇلىنىشلار:115 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 1072 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 91 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 2-ئاينىڭ4-كۈنى
باش بەت
@قاسىمجان 3.8.1 نىڭ تەرجىمە ھۆججىتى ...
ئاغا، قانداق ئەھۋالىڭىز... 4.1 نىڭ مەيلى قايسى تىلدىكىسىكى قاچىلىدۇق دەيلى، سىز تەمىنلىگەن تەرجىمە3.8.1 نىڭمۇ ياكى سىزنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى بۇرادەردىن ئالغان 4.1 گە ماس تەرجىمە ھۆججىتىمۇ ؟
ھاھاھا دىۋان...
ھە مىنىڭ كونراپ قاپتۇدە مەنمۇ ئالماشتۇر ۋالسام بوغۇدەك...
@مۇئەللىم WampServer2.1a-x32 دىن قۇلايلىقمۇ؟
@ئابدۇبەگ مەن ئىشلىتىۋاتقىلى نەۋاخ ......
@ئابدۇبەگ ئۆز كومپىيۇتىرىڭىزدا مۇلازىمىتېر قۇرۇپ ، بىلوگنى تورسىز مۇھىتتىمۇ ئۆز كومپىيۇتىرىڭىزدا تەتقىق قىلىسىز ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىسىز . ئادەتتە بىز ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغانلارمۇ يەرلىك مۇلازىمېتىردا قۇرۇلغان بىلوگدىن پايدىلىنىمىز شۇ ..... :grin:
رەھمەت شۇنداق قىلىپ نەشىرنى كۇتۇرۋالدىغان بولدۇقتە ، ھەراس قاچلاپ سىناپباققانلار بامۇ. :mad:
بۇسىستىمىنڭ نىم ئالاھىدىلىكى با؟
رەھمەت كۆپ رەھمەت....
@مۇئەللىم بوپ كەتتى، رەھمەت ئۆزلىرىگە ...مالال قىلىپ قويدۇم
@ئۇيغۇرۇم مۇئەللىم بىلوگىدىكى سىناقتىن ئۆتكەن كودنى يوللاپ قويدۇم ، كاللىڭىز قالايمىقان بولۇشتىن ئىلگىرى ماۋۇ كودنى بولسىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ ، خالىغان جايغا قوشۇپ سىناڭ .....بەلكىم بۇ ئىشلەپ قالار ....... :lol:
@مۇئەللىم ياقەي، سىزنى سىناشقا ھەددىممۇ؟ :lol: شۇ باشتا?p=6385 بۇيازما بويىچە باش سۈرەتكە پىقىرايدىغان ئۈنۈم قوشىۋالغان ، كىيىن قارىسام تازا نورمال ئەمەس ،شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يازمىدىكى كودنى ئىشلەتسەم نورمال كۆرۈندى، لېكىن پىقىرايدىغان ئۈنۈم يوقاپ كەتتى ئىنكاس رايونىدا ، شۇنىڭغا ئىككىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى باردۇ؟ قانداق ھەل قىلىدىغاندۇ؟ دەپ سورىشىم
@ئۇيغۇرۇم ماۋۇ كود سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى كودقا ئوخشاشكەنغۇ ، سىز بىلوگىڭىزدىكى كودنى ئىشلىتىپ باقمىغانمۇ ؟ ياكى مېنى سىناۋاتامسىز ؟ :mrgreen: :grin:
@مۇئەللىم دىمەكچى بولغىنىڭىز باش سۈرەتنى پىقىرىتىدىغان كودنى ما يازمىدىكى كودنىڭ ئارىسىغا قىستۇرامدىم ياكى ماۋۇ كودنى باش سۈرەت پىقىرتىدىغان كودقا قوشىۋېتەمدىم ، كاللام بەك قالايمىقان بوپ كەتتى... :lol: :lol: :lol:
@ئۇيغۇرۇم باش سۈرەتنى كونتىرۇل قىلىدىغان كود قىسمىغا قوشىۋىتىڭ ......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ما ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ باش سۈرەتنى ئوڭشىۋالدىم ، لېكىن ئاۋۇ باش سۈرەتنى يۇمىلاق قىلىدىغان ، چۆرگىلىتىدىغان كود ئىشلىمىدى ، قانداق ئىشتۇ؟