ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
نۆۋەتتە بىر قىسىم بىلوگگىر دوستلار WORDPRESS نىڭ يېڭى نەشرى بولغان 4.1 نى قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ياردەم ۋە مەسلىھەتلەرنى سوراشماقتا . WORDPRESS نىڭ يېڭى نەشرىگە تىل تاللاش رامكىسى قوشۇلغان بولۇپ ، بىز ئىنگىلىزچە نەشرىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، مۇشۇ يازمىدا دېيىلگەن باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات قىلساقلا ، ئارقا سۇپىنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشكە ئۆزگىرىش مەشغۇلاتىنى تاماملىيالايمىز .....
WORDPRESS نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈش
ھۆججەت سىغىمى :5.2MB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى:ئورگان تور بېكىتى | كۆچمە خەۋەرلىشىش
قاچىلاش باسقۇچلىرى
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆرۈنۈشلەر بويىچە قاچىلاش مەشغۇلاتىنى تاماملاڭ :
WordPress نىڭ 4.1 نەشرىنىڭ قاچىلاش مەشغۇلاتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئەمدى تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئارقا سۇپىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمىز :
ئارقا سۇپىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
1. ئارقا سۇپا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ ؛
ھۆججەت سىغىمى :416KB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى: تور دېسكىسى
2. بۇ تىل بولىقىنى wp-content مۇندەرىجىسى ئىچىگە چىقىرىڭ .
3. ئارقا سۇپىغا ئۆتۈڭ ۋە تەڭشەكلەرنىڭ ئادەتتىكى تەڭشەك قىسمىدىكى تىل تاللاش رامكىسىدىن ug_CN دېگەن تۈرنى تاللاڭ . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ؛
4. ئارقا بەتتىكى خەتلەرنىڭ نۇرمال كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ، دوغاپ بىلوگىدىن WP-beFont قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۋالغاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، قاچىلاڭ ۋە قوزغۇتۇڭ ؛
ئەسكەرتىش
WordPress نى قاچىلىغاندا ،ئىشلىتىدىغان ساندان نامىغا «test» ، ئىشلەتكۈچى نامى ۋە پارۇلغا «root» نى ئىشلىتىپ قاچىلاڭ ، يەنى قاچىلاش باسقۇچىدىكى رەسىمىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئوخشاش قىلىپ ....
قىستۇرمىنى قاچىلاپ قزغاتقاندىن كېيىن ، ئارقا بەتتىكى خەتلەرنىڭ نۇرماللاشقانلىقىنى ھېس قىلىسىز .
بۇ يازما مۇشۇ يەردە تامام بولدى ، چۈشەنمىگەن ياكى يولۇققان قېيىنچىلىقلار بولسا ، يازما ئاستىدىكى ئىنكاس رامكىسىنى ئىشلىتىشنى ئۇنتۇمىسىڭىزلا ، بىزمۇ سىزنى جاۋابسىز قويمايمىز ....
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئادېرىسى ئۈچۈپ كېتىپتۇ
@ئەلتۈرۈك باشقا تور دېسكىسىغا ھەمبەھىرلەپ قويدۇم ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ …
تاپالىدىم كوزدىگەن كامار نەرسە كورمىسە بىكار نەرسى دەپ بەك توغرا ېيتىپتىكەن كونىلا
4. ئارقا بەتتىكى خەتلەرنىڭ نۇرمال كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ، دوغاپ بىلوگىدىن WP-beFont قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۋالغاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، قاچىلاڭ ۋە قوزغۇتۇڭ ؛
مۇشۇنىڭ ئادىرسىنى ياكى چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز بولماسمۇ دوغاپ بىلوگىنى بىر كۈن ئاختۈرۇپ تاپالمىدىم
@مىھمان تۆۋەندىكى يازمىدا چۈشىدىكەنغۇ ؟؟؟
http://doghap.net/wp-bfont_1-5.html
@مۇئەللىم 1.5.8 نەشرى دېگەندىن چۈشۈرۈڭ ، كۆزىڭىزنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىڭ ، سىز ئىنكاس قىلغاندا ، مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈم چۈشۈرۈپ بېقىپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدىم ، بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ، يەنە بىر قىتىم چۈشۈرۈپ باقتىم . نورمال چۈشۈۋاتىدىغۇ ؟
كەچۈرسىز تېلىفۇندا ھېچ ئېملا توغۇرلىيالمىدىم
@ئىبراھىم مەن توغرىلاپ قويدۇم …
بىلوگ ئېچىش ئۈچۈن باشقىلار تەمىنلىگەن ئۇسلۇبنى بوشلۇققا تاشلىساقلا بۇلامدۇ ياكى باشقا قاچىلايدىغان ئىشلار بارمۇ
@ئىبراھىم ئاۋۋال ئۇسلۇبنى بوشلۇققا تاشلايسىز ، ئاندىن كېيىن باشقۇرۇش بېتىگە ئۆتۈپ ، تاشلىغان ئۇسلۇبنى تاللاپ قوزغىتىپ قويىسىز . شۇنىڭ بىلەن سىز تاللىغان ئۇسلۇبتا بىلوگىڭىز ئېچىلىدۇ …
تىل بولىقى يوللانغان بوشلۇق چاغانغا كىتىپتۇ
4.1نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىپتىغۇ ھازىر!
@ئەرخان شۇنداق ، بوش تۇرمايمىزغۇ زادى . قاچىلاپمۇ بولدۇق دەيمە !
ئۇسلۇب كۈرۈنمەسلىك نىڭ ئەسلى سەۋەبى ئۇسلۇب ھۆججىتى يوقكەن ””
@ئەپ بازا شۇنداق ، بوشلۇققا يوللاش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ، سىستېما ئىچىدىكى ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىنى چىقىرىپ تاشلىغان ئىدىم ، چۈنكى ھىچكىممۇ WordPress نىڭ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبلىرىنى ئىشلەتمەيدىكەن ئەمەسمۇ .
مانا ئەپ بازارنى مۇ ۋوردپىرىستا قۇرۋالدىم شۇ قاچىلىغادىن كىيىن نىمىشقا باش بەت ئاپئاق ھە راس سىز تەمىنلىگەن بىرلەشمىنىڭكىدىن چۈشۈرسەم ئىككىنچى باسقۇچتىكى باستۇرۇش دىگەننى قىلمىساممۇ بىكەتنىڭ تىلىنى ئۇيغۇچىغا ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن ئۇدۇللا 4.1 نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولۇپ ئۇدۇللا تەڭشەش رايونىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىپ ئۇيغۇرچە دوغاپجان قىستۇرمىسى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە قىلۋەتتىم بولسا پەيزى ھەقسىز ئۇسلۇبىڭىز بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن شۇ
ئاغا، قانداق ئەھۋالىڭىز… 4.1 نىڭ مەيلى قايسى تىلدىكىسىكى قاچىلىدۇق دەيلى، سىز تەمىنلىگەن تەرجىمە3.8.1 نىڭمۇ ياكى سىزنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى بۇرادەردىن ئالغان 4.1 گە ماس تەرجىمە ھۆججىتىمۇ ؟
@قاسىمجان 3.8.1 نىڭ تەرجىمە ھۆججىتى …
ھە مىنىڭ كونراپ قاپتۇدە مەنمۇ ئالماشتۇر ۋالسام بوغۇدەك…
رەھمەت شۇنداق قىلىپ نەشىرنى كۇتۇرۋالدىغان بولدۇقتە ، ھەراس قاچلاپ سىناپباققانلار بامۇ.
@ئابدۇبەگ مەن ئىشلىتىۋاتقىلى نەۋاخ ……
يىڭى يازمىلار
ئالاقىلىشىش كۆزنىكى
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 393پارچە
بەت :18 بەت
باھا :2479 پارچە
سەھىپە :35 دانە
خەتكۈش :497 دانە
ئۇلىنىشلار:117 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 1220 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 110 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 6-ئاينىڭ28-كۈنى
باش بەت
بۇ راستىلا قالتىس قىستۇرمىكەن. بىلوگۇمنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى يېرىم ھەسسە تېزلىتىپ بەردى. ئۇستازغا رەھمەت.
مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي بىزنىڭ بلوگ بەك ئىغىرلىپ كەتكەن ئىدى ...
سالام. ماۋۇ قىستۇرما بولىدىغاندەك قىلىدۇ، مەنمۇ سىناپ باقاي قېنى.
چۈشمەس بولۇپ قاپتۇ چۈشىدىغان قىلىپ قويماملا مۇئەللىمكا
ماڭىمۇ بىر نۇسخا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
@ئەقىليار مەن ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرەي دېسەم ، ھەممە ئادەم بىرلا ۋاقىتتا سورىمايدىكەن ،شۇڭا QQتوپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، لازىملىقلار ئەزا بولۇپ چۈشۈرۋىلىپ ، كېيىن ئىھتىياج تۈگىگەندە توپتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىمۇ بولىدىكەن . شۇڭا توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، ئەزا بولۇپ ئىشلەتكەنلەر بىرەر مەسىلىگە ئۇچرىسا ، جاۋابقا ئېرىشمىكىمۇ قولاي بولىدىكەن . توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، شۇ يەردىن چۈشۈرۋالسىڭىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، نۇرقۇت تورىدا سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلار كۆپتكەن بىراق مەن چۈشۈرەلمىدىم . مۇنكىن بولسا ماڭا مۇشۇ ئۇسلۇپنى تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ ؟
چۈشۈرۈش ئادىرسى قۇرۇقكەن مۇئەللىم ،بولمىسا سومكامنى ئىشىلتىڭ !Somkam.com
ئۇستاز مومكڭن بولسا بۇ ئۇسلۇپنى يوللاپ بەسىڭىز
@ئالپبەگ خالىغان چىراي ئىپادىسىنى smilies ھۆججەت قىسقۇچىغا ساقلاپ ، ئىشلەتسىڭىز بولىۋىردا .
چۈشۈرۈش ھۆججىتى كۆرۈنمەيدىغۇ؟
@ئۈمىدۋار ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بىلوگ ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ھەمدە 246910166 بو توپقا ئەزا بولۇپ ، بىلمىگەنلىرىڭىزنى سوراڭ ، ئەسلا جاۋابسىز قالمايسىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداش. مەن يېقىندا بىر بىلوگ قۇرۇپ ماڭدۇرماقچى بولۇپ، ئىئېلى ئۆگىنىپ قالغانىدىم. لېكىن ئاخىرىدا بىر ئىشنى ھەل قىلالمىدىم. بىلوگىمدا ماقالە يېزىپ خەتنىڭ چوڭلۇقىنى 18 ياكى 20 ئەتراپىدا قىلسام، خەتلەرنىڭ ئىگىزلىكى بىر-بىرگە يېقىن بولۇپ قالدى. ( ئاستىدىكى خەت بىلەن ئۈستىدىكى خەتلەر تاس قالىدۇ چاپلىشىپ قالغىلى) سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم، قايسى كود ئارقىلىق ياكى ئۆزىڭىز بىلىدىغان ھۆنەر ئارقىلىق خەت چوڭ بولسىمۇ بىر-بىرگە يېقىن كېلىۋالمايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. مىسرانىم تور بېكتىگە ئوخشاش بولسا بولاتتى، ئۇ تورنىڭ خەت چوڭ بولسىمۇ ئۆزى ئاپتۇماتىك ھالدا خەتنىڭ ئىگىز-پەسلىكىنى تەڭشەيدۇ. ئەزىز قېرىندىشىم ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
چۈشىنىشلىك سۆزلەپسىز،
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مۇئەللىم بلوگىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ مىنىمۇ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بلوگىمدا مەخسۇس تەكشىلىك لايىھە مەزمۇنىدا تېما يوللىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بىللە ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. :razz: www.parwaz.me
بولىدىكەن رەھمەت مۇئەللىم
بۇرۇنمۇ كۆرگەنتىم بۇ ئۇسلۇبنى، ھەقىقەتەن پەيزى، ئەمدىلەتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىنىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.