ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئۇزۇندىن بېرى WordPress ئۇسلۇبىنى ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا يازما يوللاش خىيالىدا يۈرگەن ئىدىم. ئەمما ۋاقتىم بۇنىڭغا دېگەندەك يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان. بۇ يازمىنى يوللاشتىكى مەقسىتىم، ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىت ۋە بىلىم دائىرىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشتۇر...
ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بىلىملەر:
1. خەنزۇ تىلى: مەيلى خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە ئۇسلۇب بولسۇن، خەنزۇ تىلىدىن زۆرۈر بولغان سەۋىيىگە ئېگە بولغاندىلا، ئۇسلۇب تەرجىمىسىنى توغرا ۋە مۇۋاپىق پۈتتۈرگىلى بولىدۇ.
2. HTML تىلى: بۇ تور بىكەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تىلى بولۇپ، بۇنىڭدىن ھېچ خەۋىرىڭىز بولمىسا، سىز ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىدار قېتىشتا زور قىيىنچىلىققا يولىقىسىز.
3. DIV+CSS قۇرۇلمىسى: ئۇسلۇب بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلارغا بۇ ئىككى ئىسىم ناتونۇش ئەمەس. ئەمما، سىز DIV ۋە CSSنى توغرا ۋە ئۆلچەملىك بىرىكتۈرمىسىڭىز، ئۇسلۇب تەڭشەش ئىشىڭىز بەسى مۈشكۈل ئىشقا ئايلىنىدۇ. بولۇپمۇ سىز css كودلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يېتىشىڭىز، ياكى توردىكى بىلىملەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز زۆرۈر.
4. PHP: ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى PHP ھالەتتە، ئەگەر سىز ئۇسلۇبتىكى كودلارنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرۈشنى ئويلىسىڭىز، سىز چوقۇم PHP نىڭ ئاساسىي بىلىم نۇقتىلىرىدىن خەۋەردار بولىشىڭىز ۋە DIV+CSS قۇرۇلمىسى بىلەن بىرىكتۈرۈشنى بىلىشىڭىز كېرەك.
ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش. بۇ نۇقتا شۇنداق مۇھىمكى، سىز ئۇچرىغان ھەر بىر قېيىن مەسىلە ئۈستىدە چەبدەسلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تېپىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توغرا تاپالمىسىڭىز ياكى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز، بۇ ئېنىقكى يۇقۇردا ئېيتىلغان بىلىملەرنىڭ كەمچىللىكىدىندۇر.
ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشتە زۆرۈر قوراللار:
1. يەرلىك php مۇھىتى: بارلىق ئۆزلەشتۈرۈش خىزمىتى يەرلىكتە ئىشلىنىدۇ. ئادەتتە easyphp, wamp serwer قاتارلىق دېتاللار ئارقىلىق ھازىرلىنىدۇ.
2. يەرلىكتىكى مۇھىتتا wordpress بلوگى قۇرۇش(ئىككى بلوگ قۇرۇلسا بولىدۇ، سېلىشتۇرما قىلىشقا ئىشلىتىمىز): بۇ ھەققىدە مۇئەللىم بلوگىدا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى تاپالايسىز.
3. تەھرىرلىگۈچ: تەۋسىيە قىلىدىغانلىرىم: DreamWeaver CS6(ئەڭ يېڭى نەشرى)، NotePad++... خاتىرە دەپتەر(记事本) ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. چۈنكى بۇنىڭدا سىز بىك ئاسانلا خاتالىق سادىر قىلىسىز. DreamWeaver CS6 نىڭ php خاتالىقى ۋە javascript خاتالىقىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار. كونا- يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ شۇ دېتالنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئومۇمىي چۈشەنچە:
بۇ يازمىدىن شۇنىسى ئايان بولۇپ تۇرۇپتىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى يەنىلا بىر قەدەر يۇقرى. ئەمما بۇ بىزنىڭ بىز قېتىم سىناپ بېقىش ئىستىكىمىزنى كۆمۈۋېتىدىغان، تىرىشىش روھىمىزنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان باھانىمىزگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش جەريانى سىزنىڭ بىلىمىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور مەنبەلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا مۇقەررەر سەۋىيە ۋە ئەخلەت مەنبەلەرنى پەرق ئېتىشىڭىزغا زور ياردەمدە بولىدۇ. ئەگەر بۇ يازمىنى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزگە يەنىلا ئىشەنچ نەزىرىدە قارىغان بولسىڭىز، يازمىمىزنىڭ كېيىنكى سانىغا دېققەت ئېتىبارىڭىزنى بەرگەيسىز....
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 7:19 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستازلار مەن بىر ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرگەن ئىدىم،ئەسلىدىكى ئۇسلۇبنىڭ خەنچىسىنى تاپالمىغاچقا ،ئىنگىلىچىدىن بىۋاستىلا تەرجىمە قىلغان،لىكىن ئەسلى ئۇسلۇبتا fontدەيدىغان بىر ھۆججەت خالتىسى بارئىكەنتۇق،ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇسلۇبنىڭ font,eot.htmmlتۈردىكى ھۆججەتلەر باركەن،ئەمدىكى مەسلە بۇ ئۇسلۇبقا ئۆزۈم ئۇيغۇرچە فونىت ئالماشتۇراي دىگەن،لىكىن بۇ جەھەتتىكى بىلىمىم كەمچىل بولغاچقا شۇ يىرىدە توختاپ قالدىم،ئۇستازلار ياردەم قىلساڭلا،ئۇسلۇبنىڭ ھازىرقى كۆرۈش ئادىرسى bbs.arzuyim.com
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:29 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@قۇتبەگ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىز دېگەن فونت ھۆججەت خالتىسىدىكى ھۆججەتلەر بولسا icon فونت دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، بۇرۇنقى ئۇسلۇبلاردا بۇنىڭغا كىچىك رەسمىلەر ئىشلىتىلسە ، ھازىر تور بېكەتنىڭ ئېچلىشى تىزلىكىنى ئويلىشىپ icon فونت ئىشلىتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ، ئەگەر بۇ ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتسىڭىز ، تور بېكەت ئىشلتىدىغان كىچىك سېنبەلگىلەرنى كۆرۈنمەس قىلىپ قويىسىز خالاس ، باشقا ئىش يوق ……
2013-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنى 12:38 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ياخشى تېما بوپتۇ. ئالدىنقى قېتىم ئوڭ-سولنى بىراقلا ئالماشتۇرىدىغان بىر تېما كۆرگەنتىم(نۇرقۇتتا). كېيىن ئىزدەپ تاپالمىدىم. مۇشۇنداق يازمىلار كۆپ يوللىنىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇنداق بولغاندا «ئالتۇن تاۋلاش »نى ئۆگنىدىغان گەپ. بىر ئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۇسلۇبنىڭ قايسى ھۆججەتلىرىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ چىقىمىز دېگەندەك ئۇسلۇپ سويۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەجىربىلىرىڭنى ئايىماي تۆكىۋەت. كېيىن ئايرىم رەھمەت ئېيتىمەن. يازمىنڭ ئاخرىنى ساقلايمەن. بىراق بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتمە…
2013-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنى 1:47 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ھاجى بولىدۇ، بۇرادەر. كېيىنكى يازمىلىرىمنى پات يېقىندا پۈتتىرىمەن.