ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
2013-يىلدا بىز WordPress نىڭ 3.5 ، 3.6 ۋە 3.7 نەشىرلىرىنى ئىشلىتىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق ، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنماقچى بولغان 3.8 نەشىرىنىمۇ ئۆمىرىمىز يار بەرسە ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن .
WordPress نىڭ يىڭى نەشىرلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقىشى WordPress تە قۇرۇلغان بىلوگلارنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي ، ئىقتىدارى ، قولايلىشىشى ۋە ئېچىلىش جەھەتتىكى تىزلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى .
WordPress نىڭ 3.5.1 گىچە مۇرشىدى ئۇستاز ۋە ئالىم ئەھەد مۇئەللىم قاتارلىق يولباشچىلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن . WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرىدىن كېيىن WordPress نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرى تاشلىنىپ قالدى ، ئارىلىقتا تەدبىركار ئۇستازنىڭ قول تىقىشى بىلەن ، WordPress ئارقا بېتىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قىستۇرمىسى تارقىتىلىش بىلەن ، 3.7نەشىرىگىچە ئارقا بەتنى نۇرمال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولسىمۇ ، ئەمما يىڭىدىن قېتىلغان بىر قاتار ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىىزاھاتى ئىشلەنمىگەن بولغاچ ، WordPress ئارقا بىتىدە ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىسچە ئارىلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت ، ئەمما بۇ قىسمەن مەسىلە .
WordPress نىڭ يىڭى نەشىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقىشى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يىڭى نەشىرىنى ئىشلىتىپ بىقىش ئېستىكىنى كۈچەيتىۋەتتى ، بۇنى بەزەن بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردىكى «WordPress نىڭ يىڭى نەشىرىنى ئۇيغۇرچە ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟ ئىشلەتكەنلەر بارمىدۇ ؟» دېگەن سادالاردىن بىلىۋىلىش مۇمكىن ......ئەمەلىيەتتە WordPress نىڭ نۆۋەتتە چىقىۋاتقان بارلىق يىڭى نەشىرلىرىنى تەدبىركار ئەپەندىمنىڭ «WP-beFont»قىستۇرمىسى ئارقىلىق تامامەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئۇسۇل ۋە باسقۇچلار تۆۋەندىكىچە :
نەشىرىنى يۇقىرلىتىپ ئىشلەتكۈچىلەر
WordPress نىڭ 3.4.1 نەشىرىدىن باشلاپ تەدىرىجى نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقانلار پەقەت «WP-beFont»قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ قوزغۇتۇپ قويسىلا ، WordPress نۆۋەتتىكى 3.7.1 نەشىرىنىمۇ بىمالال ئۇيغۇرچە ئىشلىتەلەيدۇ . سەۋەبى «WP-beFont»قىستۇرمىسى تارتىپ ئىشلىتىدىغان تىل بولىقى ۋە يېزىق ۋە ئىئوت ھۆججەتلىرى WordPress نىڭ 3.5نەشىرىدىن بۇرۇنقىلىرىدا بار ، شۇڭا نەشىرىنى يۇقىرلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەشىرىنى يىڭىلاپ ، «WP-beFont»قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ قوزغىتىپ قويسىلا كۇپايە . WordPress نىڭ نەشىرىنى ئۆستۈرۈش توغۇرلۇق كۆپ توختالمىدىم ، سەۋەبى بۇ توغۇرلۇق يازما خىلى كۆپ بىلوگلاردا بار ، نەشىرىنى يىڭىلاشقا كۆزى قورۇققان ياكى يىڭىياچىلار بولسا ، ئۆزۈم بىر قوللۇق قىلىپ بېرىمەن .....
يىڭى نەشىرىنى بىۋاستە قاچىلاپ ئىشلەتكۈچىلەر
WordPress نىڭ 3.7 نەشىرلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى ، بۇنى قاچىلاپ ، ھەمدە «WP-beFont»قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ قوزغۇتۇپ قويسىلا 3.7 نەشىرىنىڭ ئارقا سۇپىسى ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى ، قانداق قىلىمەن ؟
سەۋەبى «WP-beFont»قىستۇرمىسى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە يېزىق ھۆججەتلىرى WordPress نىڭ 3.7 نەشىرىنىڭ تىل بولاق ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدە بولمىغاچ ، قىستۇرما ئارقا بەتنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى تىل بولىقى ۋە يېزىق ھۆججەتلىرىنى تاپالمىدى ، شۇڭا ، ئارقا بەت ئۇيغۇرچىلاشمىدى . ئامالى :
ھۆججەت سىغىمى :
يېڭىلانغان ۋاقتى :2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى:1-چۈشۈرۈش ئادرىسى
2-چۈشۈرۈش ئادرىسى
1. تىل بولىقى ۋە يېزىق ھۆججەتلىرىنى يۇقىرقى ئادرستىن چۈشۈرۈپ ، بولاقتىن يېشىپ ، بوشلۇقىڭىزنىڭ wp-content مۇندەرىجىسى ئىچىگە تاشلاپ قويۇڭ .
2 . «WP-beFont»قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ ھەمدە قوزغۇتۇپ قويسىڭىزلا كۈپايە .....
ھۆججەت سىغىمى :
يېڭىلانغان ۋاقتى :2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى:1-چۈشۈرۈش ئادرىسى
2-چۈشۈرۈش ئادرىسى
شۇنىڭ بىلەن سىز WordPress نۆۋەتتىكى ھەرقانداق نەشىرىنى بىمالال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز .....
ئەگەر قىلالمىسىڭىز ياكى قېيىنچىلىققا ئۇچىرىسىڭىز ، مىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىم بىلوگنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا بار ، مەسىلەن : يان سىتۇندا ۋە بەت ئاستىدىكى «بىكەت ھەققىدە» قاتارلىق جايلاردا بار . ئالدىراش بولمىساملا ، سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولىمەن .....
ئىنكاس-پىنكاسلار ئەجەپ ئازلاپ كەتتى ، دېسە ، خەت ئوقۇيالايدىغان ئەمما يازالمايدىغان ساۋاتسىزلار كۆپىيىپ كېتىپ بارامدۇ ،نېمە ؟!
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى 3:27 چۈشتىن كېيىن 15-قەۋەت
ناۋاتتەك تىما بوپتۇ بۇ
2014-يىلى 05-ئاينىڭ 02-كۈنى 5:18 چۈشتىن بۇرۇن 16-قەۋەت
WordPress3.9 قا قوشۇلغان ئىختىدارلار مېنى بەكلا قىززىق تۇرۋالدى، بولسا ۋاقتىڭىز چىقسا،بۇ يېڭى نەشىرىنى تەرجىمە قىلساق بولاتتى مۇئەللىم. مەن ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم، ئانچە-مۇنچە ئاددىي ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىپ باققان بىلەن WordPress نىڭ تەرجىمە قىلىپ باقماپتىمەن، بولسا تەرجىمە قىلىدىغان ھۆججەت ۋە تەڭشەيدىغان ھۆججەتلەر ئۈستىدە يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز مۇئەللىم. !
2014-يىلى 05-ئاينىڭ 04-كۈنى 10:48 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@"DasTan" يېڭى نەشرىنى ئىشلىتىشتە تىل بولىقىنى توسالغۇ دەپ بىلىۋېلىش توغرا ئەمەس جۇمۇ! دەرھال نەشىر كۆتۈرۈپ ئىشلىتىۋېرىڭ.
2014-يىلى 05-ئاينىڭ 05-كۈنى 9:21 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@دوغاپ يېڭىلىۋالدىم. رەھمەت دوغاپجان
2014-يىلى 05-ئاينىڭ 05-كۈنى 9:23 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@دوغاپ تىل بولىقىغا ھىچقانداق تەسىرى يوقما؟
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى 7:55 چۈشتىن كېيىن 17-قەۋەت
خەنچە 3.8.1 نۇسقىسىنى پەقەت قاچىلىيالمىدىم . ئالدىنقى قىتىم سىز قاچىلاپ بەرگەن يەنە بىر باشقا بەتكە قاچىلاش توغرا كىلىپ قاچىلىيالمىدىم . مۇشۇ ھەقتە بىر دەرىسلىك چىقارسىڭىز ياكى مىنىڭ چ چ : 296337145 مۇشۇ بىر ئالاقىلاشساق بولتى . سىزقىپ بىردىغان ئىشلار بارئىدى ‹ (ھەقلىق ) سىزگە خەت يازسام پەقەتلا قايتۇرمىدىڭىز …
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى 8:34 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@تور سىزگە تولىمۇ ياردەم بەرگۈم بار ئىدى ، ئەپسۇس ، ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيىسى بويىچە ئاساسىي قاتلامغا چۈشتۈم ، تورغا چىقىش پۇرسىتىممۇ بەك ئاز ، سىمسىز تور قوبۇللىغۇچ ئارقىلىق كۈندە بىرەر سائەتچە ماتىرىيال ئىزدىگەچ تورغا چىقىمەن ، باشقا ۋاقىتلاردا ئامما بىلەن سىردىشىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە بولىمەن . شۇڭا ، سىزگە ياردەم قىلالمايدىغان بولدۇم ، باشقا پىشقەدەم بىلوگچىلار كۆرۈشۈپ ، ئىشىڭىزنى پۈتتۈرۋىلىشىڭىز ئۈچۈن ، بۇ جاۋابنى قايتۇردۇم ……