ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WP بىلوگگىرلىرى توپىدىكى بىلوگگىرلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋاب سۈپىتىدە تەييارلاندى ....
ئادەتتە WordPress تە قۇرۇلغان بىلوگلارغا يوۋكۇ فىلىم سۇپىسىدىكى فىلىملەرنى قىستۇرغاندا ، بەزىدە ئېلانمۇ بىللە قىستۇرلىۋىلىپ ، كۆرگەندە بىر خىل قولايسىزلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ . بۇ خىل ئېلاننى سۈزىۋىتىشنى بىلگەنلەر سۈزىۋىتەلىگەن بىلەن ، بىلمىگەنلەرنىڭ ئىچىنىڭ پۇشقىنى پۇشقان .
تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يوۋكۇ فىلىملىرىنى WordPress بىلوگلىرىغا قىستۇرغاندىن كېيىن ، ئېلاننى يوقىتىۋەتكىلى بولىدۇ .
كود ئويناپ قويامدۇق ؟
تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ (functions.php) ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :
- //wordpressبىلوگلىرىدىكى يوۋكۇ فىلىم ئېلانىنى يوقىتىش
- function youku_video($atts, $content=null){
- return '
"text-align: center;">
'; - }
- add_shortcode('youku','youku_video');
كېيىنكى قەدەمدە ....
ئاندىن يازما ئارىسىغا فىلىم قىستۇرغاندا ، تۆۋەندىكى كودنى ئىشلەتسىڭىزلا كۇپايە :
- //[*youku*]يوۋكۇ فىلىمIDسى[*/youku*]
ئەسكەرتىش : كود ئىچىدىكى «*»بەلگىلىرىنى ئېلىۋىتىشنى ئۇنتۇماڭ .....
يوۋكۇ فىلىم ID سىغا قانداق ئېرىشىمىز ؟
مەسىلەن : يوۋكۇدىكى بىر فىلىمنىڭ ئادرسى تۆۋەندىكىدەك بولسا :
- http://v.youku.com/v_show/id_XNTE5MzE1MDUy.html
، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ID سى تۆۋەندىكىدەك :
يەنى html كىڭەيتىلگەن نام ئالدىدىكى id_XNTE5MzE1MDUy بولسا دەل بۇ فىلىم ئادرسىنىڭ ID سى شۇدۇر .
شۇنىڭ بىلەن بۇ يازما تامام ....چۈشەنمىسەڭلار ۋە چۈشەنسەڭلار ئىنكاس قالدۇرۇشنى ئۇنتۇماڭلار !!!
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
بۇ ئۇسسۇلدا مەشغۇلات قىلغان ئىدىم خاتالىق كۆرۈلدى، خاتالىق ئۇچۇرىغا قارىغاندا functions ھۆججىتىنىڭ خاتالىقىدەك قىلىدۇ. بۇ خاتالىقنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
بۇ ئۇسۇلدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا ، مەن باشقا ئۇسۇلدا كۆرستىش كودىنى ھەمبەھىرلەپ قوياي ، يازما سۈپىتىدە يوللاپ قويسام ، كۆپچىللىك پايدىلىنار ……
يېڭىدىن wordperss قاچلىغانتىم لىكىن يوۇكۇدىكى فىلىملەرنى قانداق قىلىپ يوللاشنى بىلمەي قادىم مۇشۇ جەھەتىن ياردەم قىلغان بولسىڭىز
رەھمەت مەردان ئېنىم ، سىز قوللاپ تۇرسىڭىزلا مەن بەل قويىۋەتمەيمەن .
مۇئەللىم، مەن يوۇكۇنىڭ ID نومۇرىنى ئالىدىغان كودىنى يېزىپ چىققانتىم، شۇنى ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە يوللاپ بىرەي، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىۋالارسىز
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت