يىڭى يىل كىرش بىلەن تەڭ ، يىڭى يىللىق يىڭىلىقلار بىلەن ئۇچىرىشىش مەقسىتىدە مۇنبەر ۋە بىلوگلارنى بىر قۇر ئارىلاشقا باشلىدىم . بەزى مۇنبەر ۋە بىلوگلاردىكى يىڭى يىللىق تىلەكلەردىن ھاياجانغا چۈمگەن بولسام ، بەزىلىرىدە ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قالدىم . گاڭگىراپ قىلىشىم بولسا ؛ يىڭى يىلنىڭ تەبرىكلەشكە تىگىشلىك بايرام ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى مۇلاھىزە بولدى .
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتسام ، يىڭى يىل توغرىسىدا ئانچە داۋراڭ سېلىپ تەبرىكلەپ كەتمەيمەن ، ئەمما ، كونىلارنىڭ «يىلنىڭ ئىشى باھاردىن ، كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن»دېگەن ھىكىمەتلىك سۆزى بويىچە ، يىڭى يىلدىكى بارلىق ئىشلىرىمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ئۈچۈن يىڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن باشلايمەن ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق يىڭى بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق ئىشلىرىمدا كۆزلىگەن مەقسىتىمگە يېتىشىم ئۈچۈن تىلەك تىلەيمەن .....
يىللارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ ۋاراق ئۆرۈشى نەتىجىتىسىدە ، گۈدەكلىكتىن تەدىرىجى ياشلىققا ۋە ئوتتۇرا ياشقا قەدەم بېسىپتىمەن ، بىلمەسلىكتىن بىلىشكە ، قىزىققانلىقتىن تەدىرىجى ئىغىر بېسىقلىققا قاراپ ئۆزگىرىپتىمەن . گەرچە ، مۇكەممەل ئىنسان بولمىسىمۇ ، ئاشۇ غايىۋى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يەنە تىپىرلاپ كېتىپ بارىمەندە ئاخىر .
يىڭى يىل ۋارىقى ئۆرۈلۈشى بىلەنلا ئۆلۈمىمىزگە بىر قەدەم يىقىنلاپ قالغانلىقىمىزنى يەنىمۇ ھېس قىلىمىز ، قالغان ئۆمرۈمىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشىمىز كىرەكلىكىنى ئويلايمىز .
بەلكىم ، يىڭى يىل تەبرىكلەشكە تىگىشلىك بايرام ئەمەستۇر ، ئەمما ، بىر يىل جەريانىدىكى بارلىق ئىشلىرىمىزدىن خۇلاسە چىقىرشتا بۇ كۈن بولمىسىمۇ بولمايدۇ ، ئاشۇ ئالدىراش ئۆتكەن كۈنلىرىمىزدە بىز ئىشلىرىمىزنىڭ باش-ئاخىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يەكۈنلەشكىمۇ ۋاقىت ئاجىرىتىپ بولالماسلىمىز مۇمكىن ، ئەمما ، يىڭى يىل ئۈچۈن ئاتالغان بۇ دەقىقىلەر بىز ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر ....
خۇلاسە شۇكى ؛ گەرچە گاڭگىراش ئىچىدە قالغان بولساممۇ ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇسۇلۇمدىن ۋاز كەچمىدىم ......ئەڭ مۇھىمى ، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاشنى بىلمىسىڭىزمۇ بولمايدۇ ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنى ، سۆيۈشنى ، ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىشنى بىلمىسىڭىزمۇ ھەم بولمايدۇ ، تاللاش يەنىلا سىزنىڭ قول ئىلىكىڭىزدە ......
يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، يىڭى بىر يىلدا بارلىق گاڭگىراش ، ئىسكەنسىرەشلەرنى چۈرۈپ تاشلاپ ، يىڭى قەدەم ۋە ئىشەنىچ بىلەن يىڭى يىلغا دادىل قەدەم بېسىڭ ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق ، تورمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم بولۇشنى تىلەيمەن !!!
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
يىڭى يىل كىرىپ بولدىما؟ مەن تېخى بۈگۈن ئايغا قانچە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ئالدىراشچىلىق…
يېڭى يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىپمۇ قويماپتىمەن دېسە…لېكىن ھازىر ئويلانساممۇ ،ھازىر يەكۈن چىقىارساممۇ ئۇلگىرىمەن ،دەپ قارايمەن….. بۇ يىل مانا 20 ياشتا تۇرۇپتىمەن، ئۆزۈمنىڭ يەنە قانچىلىك ئىشلارنى كۆرۈپ يېتىشىم كېرەكلىكى ماڭا قاراڭغۇ،لېكىن مەن دائىم بۇ توغرىلىق ئويلاپ ،تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرىمەن….سىزدەك تەجرىبىلىك پىشقەدەملەرنىڭ كېيىنكى يوللىرىمىشدا يىتەكلىگۈچى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، 2013-يىللىق ھال ئەھۋال سوراپ كەلدىم
رەھمەت دوستۇم ! تىلەكلەر بىرگە بولسۇن .
يېڭى يىلدا ھەممىمىزگە يېڭى ئۇتۇق،يېڭى پۇرسەتلەر بولسۇن.ياش چوڭىيىشتىن باشقىسى بولمىسا يېڭى يىلنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
يىڭى يىلدا يىڭىچە تۇيغۇ بىلەن قەدەم ئىلىشىڭىزنى تىلەيمەن …
يېڭى يىلدا ، سىز مەسئۇل بولغان سىنىپنىڭ نەتىجىسىنىڭ مەكتەپ بويىچە بىرىنجى بولىشىغا تىلەكداشمەن .
تولىمۇ ئەپسۇس ، خىزمەت تۈرىمنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن سىنىپ ئالاي ، دېسەممۇ ، سىنىپ بەرمەيدۇ ماڭا ، ئەمما ياخشى تىلىكىڭىزگە رەھمەت ……….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.
يېڭى يىلدا ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق، بەركەت، ئائىلەڭلەرگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن !
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . ئاللاغا شۇكرى ، بىرگە بولسۇن .
يېڭى يىلغا ئاتالغان بۇ يازمىڭىز قەلبىمگە يېڭى تۇيغۇلارنى بەخىش ئەتتى.راست دەيسىز يېڭى يىلنى ئالاھىدە تەبرىكلەپ كەتمىسەكمۇ بىر ياش چوڭىيىپ،ئاخىرەتكە بىر قەدەم يىقىنلاشقىنىمىزنى تەسەۋۋر قىلىشىمىز زۆرۈردۇر.يېڭى يىلدا ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن،مۇئەللىم!