نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تەرمىلەر | ئاساسىي مەزمۇن
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ھەققىدە ….
2013-يىلى10-ئاينىڭ24-كۈنى | تەرمىلەر |جەمئى 3668خەت بار | 446 قىتىم كۆرۈلدى+ | 4پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

1.ئوقۇتقۇچىلىق ھەممە ئادەم باشقۇرغۇسى كېلىدىغان كەسىپ. كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا. ھەممە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئوقۇتقۇچىغا ئەمەس ھە، شۇ كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھۆكۈمەت ، مائارىپ ئىدارىسى ئەلۋەتتە باشقۇرىدۇ . يەنە مال باھا، كەسپى ئىستىل تۈزەش ئىشخانىسى، بىخەتەرلىك، پەيچۇسۇ، بىرلىك سەپ، ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش، كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش … دېگەندەك نۇرغۇن ئورۇنلار تەكشۇرۈپ كېلىدۇ . باشقۇرۇپ ئۇنى-بۇنى دەيدۇ، خىزمەتلەر ئاۋۇيدۇ، ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ يەنە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت بېسمى ئارتىدۇ. 20 يىل ئاۋال كەنت باشلىقى مەكتەپنى باشقۇرىمەن دەپ تۇرۇۋالغاچقا، ياقا سىقىشىپ، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىر ئىشخانىسىغا بېرىپ، ساۋاتسىز دادۈيجاڭنىڭ ساۋاتلىقلارنى باشقۇرۇشىنى توسقان ئىدىم. ھازىر بۇنداقلارنىڭ باشقۇرۇش ئاساسى بار. ئەڭ ھوقۇقسىز مۇئەللىمنى خالىغانچە باشقۇرۇدىغان بۇلۇپ، ۋەزىپە ئورۇنلايدۇ.
2.ئوقۇتقۇچىلىق مۇئاشتىن باشقا كىرىمى يوق كەسىپ. ھەممىمىز بىلگەن، كۆرگەن، ھېچ بولمىغاندا ئاڭلىغان بولغۇيتۇق، ھۆكۇمەت، شىركەتتىكى نۇغۇن كەسىپنىڭ مۇئاشتىن باشقا، ئاز تولا كۈلرەڭ كىرىمى بار! بانكا، دوختۇرخانا، بېلەت سېتىش كۆزنىكى، شودۇيجاڭ ھەممىسى شۇ كەسىپنى يەيدۇ، شۇڭا سېمىز ئۇلار، ئوقۇتقۇچىنى چۈپەي دەپ غەيۋەتكە چۈشۈپ كېتىدۇ،تېخى. ئوقۇتقۇچى پەقەت بور توزان يەيدۇ. بىر ھاجەتمەن ئىزدىمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق پاك-دىيانەتلىك بولغانمۇ يوق، دەپ ئوقۇتقۇچىغا يېپىشۋالىدۇ. مەنغۇ 4000 نەچچە يۈەننى ئوقۇغۇچىمنىڭ گەدىنىدە قەرىز قالغان دەپ، بىر كونا خاتىرىنى ساقلاپ يۈرۈيمەن، كىتاپ پۇلى ھەقسز بۇلۇپ، بىرىنچى خوش بۇلۇپ كەتكىنى ئوقۇتقۇچىلارغۇ دەيمەن؟ ھاكىم بۇلۇپ ئۆسكەن ئوقۇغۇچۇمغا سەندە 37 يۇەن 3 مو كىتاپ پۇلى قالغانتى، 18 يىلنىڭ ئالدىدا مېنىڭ ئىش ھەققىمدىن تۇتۇۋالغان، دەپ بارالايمەنمۇ؟ بارمايمەن، يەنە شۇ چۈپەي دېگەن ئاھانەتكە قالغۇم يوق!
3.ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ كىيىم تاللايدىغان، كىيىم چانىدىغان كەسىپ. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدە ئەرلەرگىغۇ ئانچە كىيىم تاللايدىغان، كىيىم چانىدىغان ئىشلار ئاز. شۇنداقتىمۇ ياش يىگىتلەر ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن، خاسلىقى بار مودا كىيىملەرنى كىيەلمەيدۇ. كىيىپ قويسا ئاتا-ئانىلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ. خاسلىقى بار مودا كىيىملەرنى ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس. ھازىركى سودا سارايلىرىدا سېتىلىۋاتقان مىليون خىل كىيىم ئارىسىدىن ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىشىگە ماس كېلىدىغى بەك ئاز. ھۆكۈمەت ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئسلامچە كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەيدۇ. ئۇندىن باشقا كىيىملەر بولسا، يا مەيدىسى ئوچۇق، قولتۇقى ئوچۇق، ياكى يوتىسى ئوچۇق چىقىۋاتقان. بۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا قانداق كەيگىلى بولسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن 20 نەچچە ياشلىق قىز ئوقۇتقۇچىلار ماۋۇ بولىدىكەن دەپ ئالغان كىيىمىنى خەنزۇلارنىڭ 40 ~ 50 ياشلىق ئاياللىرىنىڭ ئۇچىسىدا كۆرۈپ گاھى جىلە بۇلۇپ قالىدۇ. باشقا كەسىپتىكى ئاياللار ئىختىيارى كەيگەننى ئايال ئوقۇتقۇچىلار كىيەلمەيدۇ.
4.ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ بېكىنمە،بىر ھويلىدىن چىقماي ئۆمۈر ئۆتىدىغان كەسىپ. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بار، قېرىغاندا تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن ھېچنىمە قالماي، گۈدەك بالىدەك بۇلۇپ قالىدۇ. قىلغان گەپ سوزى، ئىش ھەركىتى رىئاللىققا ماس كەلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتىن چەتنەيدۇ. نېمىشقا شۇنداق؟ چۈنكى ئوقۇتقۇچى مۇقىم مۇئاشنىلا بىلىدۇ، ئاڭلايدىغىنى سەبىيلەرنىڭ سۆزى. بۇنىڭدا تۇرمۇشنىڭ نېمە ئاچچىق-چۈچۈكى بولسۇن؟ باشقا كەسىپتىكىلەردەك ئىش ئورنىدىن باشقا جايغا بارالايدىغان، ھەر كەسىپتىكى كىشلەرنى ئۇچرىتىدىغان، باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ باقىدىغان پۈرسەت يوق. تولا ئۆمۈر بىر مەكتەپ قورۇسىنىڭ ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا بەزىلەر مەكتەپنى «مەدەنىيەتلىك تۈرمە» دېگەن. ئەسلىمە تولاراق شۇ ئوقۇغۇچىسى. كۆڭۈل قۇپقۇرۇق!
5.ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ ئادەم چانىدىغان، ھەم ئەڭ ئادەم چانمايدىغان كەسىپ. قىزىقلا بىر زىدىيەتلىك گەپ بۇ. بىر باشلىق مەكتەپتە ناچار ئوقۇغان بالىسىنى گېپى ئۆتىدىغان ھەممە ئىدارىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىپتۇ. بالىسى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، سالپىيىپ قايتىپ كەپتۇ. باشلىق دادىسى ئۇنىڭغا-«سېنى ئەپەندىچىلىككە بېرىپ قالار دەپ ئويلىمىغان، باشقىلار ئىشلەتمىسە بوپتۇ، ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچتا ئىشلەپ تۇر، ئۇششاق باللا بىلەن توپ تېپىپ ئوينىساڭمۇ خىزمەت» دەپ، مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ قويۇپتۇ. بۇنداقلار مەكتەپتە ھىلىھەم بار، ئۇلار ھىچقاچان چېنىپ قالمىدى، گاھىلىرى تېخى باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەنلەرنى باشقۇرۇپ يۈرۈيدۇ. ئەمما مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىگە ئايان. بىلىمسىزلەر، ئىقتىدارسىزلار، پەزىلەتسىزلەر ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدە قاتتىق چېنىپ يۈرۈيدۇ. بىلىمسىزلەر، ئىقتىدارسىزلار، پەزىلەتسىزلەرگە مەكتەپتە ھۆرمەت قىلىنمايدۇ!

مەنبە : ئۇستازىم تور بىكىتى

كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن
بىلوگ يازمىلىرى ئىككىلىك كودى !

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 4 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :4 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. ئۇستاز 2013-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      بۇ بىلوگ قۇرۇلۇپ ياخشى بوپتۇ.

      Internet Explorer 8.0Windows 7
    2. ئىشقىيار 2013-يىلى11-ئاينىڭ09-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئاللا مۇئەللىمكا پات ئارىدا ئوقۇتقۇچى بولاي دەپ ئولتۇرسام قورقۇتۇپ قويدىلىيا مىنى ؟ئوقۇتقۇچى بولساممۇ بولىمەن بولمىساممۇ بولىمەن دەپ تاللىغان كەسىپتى بۇ :twisted: :twisted: :twisted:

      Firefox 25.0Windows 7
    3. مەدىكار 2013-يىلى10-ئاينىڭ26-كۈنى |  3-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مەن نېمە دەپ قاقشىسام بولا مۇئەللىم.ئىشقىلىپ گالدىن ئىلىنغان ئادەمنىڭ ئىتتىن ئانچە پەرقى بولمايدىكەن زادى،ھەق سۆزلىنىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەرسەنمۇ ؟

      Internet Explorer 8.0Windows XP
    4. bilikal 2013-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنى |  4-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      :lol: :lol: :lol: :lol: :lol: . ئوقۇتقۇچى بولماق تەس ،ئەسلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولسا بولاتتى .مەنمۇ شەھەر ئىچىدە پىراكتىكا قىل دىسە ئۇنىماي تاغلىق يىزىغا چىقىپ قارسىام 4-سىنىپ باللىرىمۇ تۇزۇك خەت يازالماي توپ تىپىپ ،مۇھەببەتلىشىپ يۇردىكەن . ئاچچىقىمدا 1 -ئاي ئىچىدە باللار بىلەن ئۇرۇشۇپ يۇرۇپ خىلى كۆپىنى ساۋاتلىق قىلۋىتىپ پىراكتىكىنى تۇگىتىپ ئوقۇتقۇچلىق كەسپىگە قايتا قەدەم باسمىدىم . :razz: :razz: :razz: .

      Google Chrome 30.0.1599.69Windows XP

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !