نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تەرمىلەر | ئاساسىي مەزمۇن
مۇھەببەت سىناقلىرى
2014-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنى | تەرمىلەر |جەمئى 3580خەت بار | 197 قىتىم كۆرۈلدى+ | ئىنكاس يوللانماپتۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
توي مۇھەببەتنىڭ سىناقلىرى ئاياقلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، يېڭى قۇرۇلغان ئائىلە مۇھەببەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر، قاتمۇ- قات سىناقلىرىغا دۇچ كېلىدۇ. مۇھەببەتنىڭ بۇنداق سىناقلىرى ئەر-خوتۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، تۇرمۇش ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئالىي مەكتەپ، بۇ ئىنسانلارغا جۈملىدىن بىر ئائىلىدە ياشاۋاتقان ئەر-خوتۇنلارغا ھەر كۈنى، ھەر سائەت دېگۈدەك يېڭى سۇئاللارنى قويۇپ تۇرىدۇ. بىز بۇ سۇئاللارنىڭ بەزىلىرىگە توغرا جاۋاپ بېرەلىسەكمۇ، بەزىلىرىگە توغرا جاۋاپ بېرەلمەيمىز. نىكاھ ھاياتىمىز ئاچچىق تەربىيە-ساۋاقلارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، تۇرمۇشتىكى زىددىيەتلەرنى تىنىمسىز ھەل قىلىش، مۇھەببەتنىڭ يېڭى سۇئاللىرىغا توغرا جاۋاپ ئىزدەش جەريانىدىن ئىبارەت. بەزىلەر مۇھەببەتنى بەكمۇ سىرلىقلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىنىسان ھېسسىياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، زىددىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. دۇنيادا قاتمۇ-قات سىناققا دۇچ كەلمەيدىغان مۇھەببەت، تۇرمۇشنىڭ تاغ-داۋانلىرىدا مۈدۈرمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. بۇ ئىنسانىڭ ھىسسىياتى تۇترۇقسىز، شۇڭا مۇھەببەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. قىز- يىگىت ياكى ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببەتلىشىشى، نىكاھلىنىشى ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە مەڭگۈ سادىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قەسەميات بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن مۇقەددەستۇر. ۋاپادارلىق-مۇھەببەتنىڭ يىمىرىلمەس تۈۋرۈكى.
ئۇ بەختلىك، ئظىللىق ئظائىلىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببىتىنى باشتىن-ئاخىر قىممەتكە ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ. تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ۋاپادارلارنىڭ ئىرادىسىنى، چىن مۇھەببەتنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بىر-بىرىگە سادىق ئەر-خوتۇننىڭ ئالدىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا، چىققىلى بولمايدىغان داۋان بولمايدۇ. ۋاپادارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىش مۇھەببەت ئەھلىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش تۇرمۇشنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. جاپا-مۇشەققەتلىك يىللارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن ۋاپادارلىق ناخشىسى، سۆيگۈ كۈيى تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرايدۇ. ئىنسان قېرىيدۇ، لېكىن مۇھەببەت قېرىمايدۇ. يۈز-كۆزىنى قورۇق باسقان موماي، مۆكچەيگەن بوۋاينىڭ كۆزلىرىگە گۈل بولۇپ كۆرۈنىشى مۇمكىن. چۈنكى، يىللار، قېرىلىق بورانلىرى ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت گۈلخانلىرىنى ئۆچۈرەلمىگەن. مانا بۇ چىن مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقى، ۋاپادارلىقنىڭ كۈچ-قۇدرىتى. ئىنسانىيەت دۇنياسىنى شۇنداق ئۇلۇغ سۆيگۈ ۋە ۋاپادارلىق گۈلخانلىرى مەڭگۈ ئىللىتىپ، يورۇتۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ھاياتنىڭ قىزىقى، تۇرمۇشنىڭ لەززىتى. ئەجدادلىرىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان جېنىدىنمۇ ئەزىزلەپ كېلىۋاتقان بۇنداق روھىي بايلىقنىڭ قىممىتى تەڭداشسىزدۇر. ئۇنى پەرزەنتلىرىگە، نەۋرىلىرىگە ئېسىل بايلىق سۈپىتىدە مىراس قالدۇرالىغان ئاتا- ئانىلار ئەڭ بەختلىكتۇر. لېكىن بازار ئىگىلىكىنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەت مۇھىتىمىزدا ياشاۋاتقان بەزى قېرىنداشلىرىمىز بۇنداق بەختنى ئېچىنىشلىق نابۇت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر مەزگىل لاۋۇلداپ تۇرغان مۇھەببەت گۈلخانلىرى سەتەڭلەرنىڭ قىزىقتۇرىشى، ماددىي بايلىق قاتارلىقنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن ئوڭايلا ئۆچۈپ قالدى. ئۇلار سۆيگۈنىڭ رەھىمسىز سىناقلىرى ئالدىدا ساپاسىزلىقىنى، ئاجىزلىقىنى، يارامسىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. قولدىن كەتكەن ئېسىل روھىي بايلىقنى كېيىنكىلەرگە قانداقمۇ مىراس قالدۇرغىلى بولسۇن؟ پەرزەنتلىرىنىڭ، نەۋرىلىرىنىڭ قەلبىگە چىن سۆيگۈنىڭ ئۇرۇقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ۋاپاسىزلىقنىڭ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ قويىدىغان ئاتا- ئانىلارنىڭ تارتىدىغان زىيىنى بەكمۇ ئېغىر ھەم قورقۇنچلۇق بولىدۇ. مۇھەببەتنىڭ بىر-بىرىدىن يېڭى، بىر-بىرىدىن قېيىن سۇئاللىرىغا دۇدۇقلىماي، توغرا جاۋاپ بېرىش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. ئۆز يارىغا سادىق ئادەملەرمۇ بۇ سۇئاللارنىڭ بەزىلىرىگە توغرا جاۋاپ بېرەلمەي قالىدۇ. لېكىن ئاشۇ ئادەملەرنىڭ قولىدىن ئوڭۇشسىزلىقنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرۇشمۇ كېلىدۇ. سۆيگۈنىڭ قويۇق ئورمانلىرىدا ئېزىپ قالغانلارمۇ، ئۆزىنىڭ توغرا نىشانىنى تاپالايدۇ. سۆيگۈنىڭ تىك ھەم خەتەرلىك داۋانلىرىدا ھالسىرىغان ياكى يېقىلىپ قالغان كىشىلەر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئىگىز چوققىلارغا مەردانە يامىشالايدۇ. شۇڭا، مۇھەببەتنىڭ بەزى سۇئاللىرى ئالدىدا دۇدۇقلاپ قېلىش ئىنساننىڭ گۇناھى ھېساپلانمايدۇ. دۇدۇقلىمايدىغانلار ئاسماندىن چۈشمىگەن، شۇ كىشىلەر ئارىسىدىن چىققان.
قىسقىسى، مۇھەببەت- بىزدىن ئۈزلۈكسىز ئىمتىھان ئېلىپ، تۇرىدىغان قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستاز. ئۇنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش بىزنىڭ بۇرچىمىز

كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن
بىلوگ يازمىلىرى ئىككىلىك كودى !

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !