بۇرۇن بىر ئارال بولغان ئىكەن. ئۇ يەردە خۇشاللىق ، ئازاب ، پاراسەت ، مۇھەببەت ۋە ھەرخىل ھېسىيات ئىگلىرى بىرلىكتە تۇرىدىكەن . بىر كۈنى ئۇلار ئارالنىڭ چۆكۈپ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ ۋە كۆپچىلىك ھەممىسى كېمە تەييارلاپ بۇ يەردىن كەتمەكچى بوپتۇ . پەقەت مۇھەببەتلا بۇ يەردە قېلىپ ، ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىغىچە چىداشنى قارار قىپتۇ .
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىچىك ئارال راستىنلا چۆكۈشكە باشلاپتۇ . مۇھەببەت باشقىلاردىن ياردەم سوراپ بۇ يەردىن كەتمەكچى بوپتۇ . ئۇ چوڭ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ كېتىپ بارغان بايلىقنى كۆرۈپ :
__ بايلىق ، مېنى بىللە ئېلىپ كەتكەن بولسىڭىز ،_دەپتۇ .
بايلىق ئۇنىڭغا :
__ مېنىڭ كېمەمدە نۇرغۇن ئالتۇن- كۆمۈش بار . بۇ يەردىن ساڭغا ئورۇن چىقمايدۇ ، - دەپتۇ . مۇھەببەت ماختانچاقنىڭ بىر ھەيۋەتلىك كېمىدە كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ياردەم سوراپتۇ . ئەمما ماختانچاق ئۇنىڭغا :
__ مەن ياردەم بېرەلمەيمەن ، سېنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ . مېنىڭ چىرايلىق كېمەمنى ھۆل قىلىۋېتىسەن ،- دەپتۇ .مۇھەببەت ئازابنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىپتۇ :
__كەچۈرگىن مۇھەببەت ، مەن ھازىر ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن . مېنى يالغۇز قويغىن ، - دەپتۇ ئازاب . خۇشاللىق بەكلا خۇشال بولغاچقا ، مۇھەببەتنىڭ ئۇنى چاقىرغانلىقىنىمۇ ئاڭلىماپتۇ . تۇيۇقسىز يىراقتىن « بۇياققا كەلگىن ، مەن سىنى ئېلىپ كېتىمەن » دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ . مۇھەببەت بەك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئۇ مويسىپىتنىڭ ئسمىنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ. قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كىيىن ئۇ مويسىپىت يالغۇز كېتىپ قاپتۇ . مۇھەببەت قاتتىق تەسىرلىنىپ ، يەنە بىر مويسىپىت __ پاراسەتتىن :
__ماڭا ياردەم قىلغان ئۇ كىشى كىم بولىدۇ ؟ _ دەپ سوراپتۇ مۇھەببەت .
__ئۇ ۋاقىت ، -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ پاراسەت .
__ ۋاقىت ؟ ئۇ نېمىشقا مېنى قۇتۇلدۇرىدۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ مۇھەببەت.
پاراسەت كۈلۈپ تۇرۇپ :
__ چۈنكى ۋاقىتلا مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى چىن مەنىسىدىن چۈشنەلەيدۇ ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
مەنبە:دەۋرىم ئۇنۋىرسال تور بىكىتى
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئوقۇغۇچىدىن مۇئەللىمگە سالام ، ئوسال بىلوگىنى بۇزۇپ قويۇپ ۋەھىمە بىلوگىغا
كوچىۋالدىم ، راس logo ئادىرسىڭىزنى تاپالمايمەن غۇ ؟
ئەجرىم ياساپ بىرىمەن دەپ ، ۋاقتى يەتمىدى بولغاي…..كېيىن !
ناھايتى ياخشى يوللاپسىز_مۇئەللىم ناھايتى چوڭقۇر مەنىسى بار ئەسەر ئىكەن ۋاقتىڭىز بولسا بىز تەرەپكىمۇ ئۆتەرسىز
ماقۇل، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن ، سىزمۇ پات-پات يوقلاپ تۇرارسىز……
ئەپسۇس ،مۇھەببەتنىڭ شۇ قەدەر ئۇلۇقلىغىنى ۋاقىت ئىگەللىۋالغاچقا بىزلەرگە ئاشماپتىكەن دە !
ئاجايىپ ھىكمەتلىك ، مەنىسى چوڭقۇر ھىكايەتكەن.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنىۋى دۇنيارىمىزنى لەرزىگە سالىدىغان ئىسىل تىملىرىڭىزنى كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز.