ئەسسالام ئەلەيكۇم
تەتىل پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ PHP ئۆگىنىش ئىستىكىدە ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆگىنىش مېۋەم بولغان «قەيسەر بىلوگى»نى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغاسۇندۇم
بىلوگ نامى: قەيسەر بىلوگى
پىروگىرامما يېزىشقا كەتكەن ۋاقىت: تەخمىنەن 1 ئاي (بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن تۈزگەچكە جىق ۋاقىت كەتتى)
كۆرۈنۈشى:
بىلوگ پىروگىراممىسى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات: مەزكۇر بىلوگ سىستېمىسى ئېلىمىزدە خېلى تەسىرى بار PHP ئېچىش رامكىسى (php框架) دىن بىرى بولغان ThinkPHP دا تۈزۈلدى. ئالدى بەت پۈتۈپ بولدى، ئارقا بەتنىڭ تۈر باشقۇرۇش ۋە يازما باشقۇرۇش قىسىمى پۈتۈپ بولدى. قالغان قىسملىرى پات ئارىدا پۈتىدۇ. (تەھرىرلىگۈچكە Ueditor نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن، ئەمما ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم، Munglan قېرىندىشىمىز ياردەم قىلماقچى بولغان ئىدى، ۋاقتى چىقمىدىمۇ قانداق، شۇ تەھرىرلىگۈچ قېپ قالغان ئىدى)
كەڭ تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرى بولسا ئايىماي بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئاپتور : قەيسەر مۇتەللىپ
مەنبە : قەيسەر بىلوگى
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ