ئابدۇغېنى سېيىت
زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
يەپ- ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
مۇئەللىمگە « پۇل قىل» دەپ زورلاپ بەرگەن كىتاپنى،
سېتىلمىسا مائاشتىن ئۇدۇللىغان ھېساپنى،
پۇل يىغىلسا ساندۇقلاپ ئېلىپ پىۋا، شاراپنى،
تۈزۈپ سورۇن يېيىشىپ توخۇ، توشقان- كاۋاپنى،
يېگەكنى ياغ چايناتتى، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
ئەخمەت يىگەن مانتۇغا پۇل تولىتىپ روزىغا،
ئارتسا تۆگە يۈكىنى ئوغلاق بىلەن قوزىغا،
قالسا ئوخشاپ مۇئەللىم گۇيا سۇسىز كۆزىغا،
قىسىلسا ئۇ تۇرمۇشتا – ئۆينىڭ گۆش، ياغ، تۇزىغا،
ئەجەپ يەرگە قاراتتى، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
تۇتىدىغان پۇللارنىڭ ئېتى شۇنداق چىرايلىق،
كاتىكى جىق دەپتەرنىڭ رىتى شۇنداق چىرايلىق،
سەۋەبىگە « مۇدىر» نىڭ گېپى شۇنداق چىرايلىق،
تۇتقان پۇللار كىمنىڭدۇ، خەجلىشىگە قولايلىق،
لوق گۆش بولدى كىملەرگە، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
مۇئەللىمنى يونۇسا سېنىپ چۈشكەن بالىمۇ،
مۇئەللىمنى يونۇسا خەت ساۋاتى چالىمۇ،
ساقايمىسا گەدەندىن « قەرز» مەرەز يارىمۇ،
ئاھ، مۇئەللىم ھەر ياندىن ساغىدىغان كالىمۇ،
ئارام بەرمەي قاتراتتى، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
ئىمزا قويسا نەچچىسى قەرز- قىزىل رەقەمگە،
تىترەپ قولى نائىلاج يۈك ئارتقاندەك قەلەمگە،
يازسا ھۆججەت قەرزگە تويۇپ ئىزا- ئەلەمگە،
يۈرسە كىملەر بىغەملا دەسسەپ مەرغۇل، سەنەمگە،
تولۇقلىغاچ خەجىنى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
ماختاپ ئۇنى ئەتىگەن، تىللاپ بۇنى كەچلىكى،
كىم ياۋاش نەپ يوقىدۇ خىللاپ شۇنى كەچلىكى،
تاك-تاكچىنى سورۇنغا چىللاپ بىللە كەچلىكى،
نېمىشقا؟ ئاھ، مەنسەپنى ساقلاش غېمى، تەسلىكى،
مەي، زاكۇسكا جەرىمانە، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
ئۇچۇغدالسا مۇئەللىم تاۋۇز قىلىپ تېرىقنى،
شۇنداق ئۇلار لاي سۇدىن تۇتسا دائىم بېلىقنى،
تەكرار-تەكرار مەركەزدىن سالما دېسە سېلىقنى،
توختاتمىسا سېلىقنى- قارغىش تەگكۈر قىلىقنى،
قالغان نىمە بالاغا مۇئەللىمنىڭ مائاشى؟
مائاش دەريا- ئۇلغايغان تالاي ئېقىن- تارامدىن،
كان، زاۋۇتتىن، يېزىدىن گاھ ياۋاش، گاھ قارامدىن،
نەچچە دەشنەم، ھاقارەت، تالاي ئىللىق سالامدىن،
قانداق ئۆتتى گېلىدىن يەپ كۆنگەننىڭ ھارامدىن،
كىملەرنىدۇ سەمرىتتى، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
شۇنداق كەتسە كىم ئىگە تەقدىرىگە ئەۋلاتنىڭ،
گۈللەتكۈچى ۋەتەننى، ئىقبالىنى مىللەتنىڭ،
قارغىمامدۇ، ئۇرمامدۇ روھى بىزنى ئەجدادنىڭ،
توسالمىساق يولىنى جەرمانە شۇم سالداتنىڭ،
ئىگىسىنى تەلمۈرتتى، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
ئىلىم-ئېرپان ئەھلى بىز بۇلغانمايلى پۇلنى دەپ،
قايسى سېسىق ئارقانغا باغلانمايلى پۇلنى دەپ،
كېچىلىرى ئۇيقۇسىز تولغانمايلى پۇلنى دەپ،
ئۇخلىمايلا چۈش كۆرۈپ ئايلانمايلى پۇلنى دەپ،
گۈل- غۇنچىنى ئاينىتسۇن، مۇئەللىمنىڭ مائاشى
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ھەقىقەتەن ياخشى شىئىېركەن، ھەي بۇ مۇئاشلىق دىگەن بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدە دەرت ئەلەممۇ ئاز ئەمەستە، يەنە شۇ بىزلەر كەڭ قورساق كۆنۈپ كەتكەن، شۇڭا دەرت ئارمانلىرىمىزنى ئۈن تىسىنسىز ئاشۇ كىشىلەر ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان يەرلەرگىلە يازالايمىز ئەمەسمۇ،
مۇئەللىمكا ماۋۇنى ئۆچۇرۋەتمەي تۇرۇسىڭىز ، كۆچۇر ۋالغۇدەك بىرە نەرسە چىقمىغاچقا سىزنىڭ ئىنكساس رامكىڭىزنى ئىشلىتىپ تۇرۇشقا ھاجەتمەن بولۇپ قالدىم
بىر ئىشقا قەدەم ئالدىم بىسمىلا دىگەچ .
بىر تەرەپتىن تىل دەشنام ،ئازارلار يىگەچ ،
مەيلى قورىقماي ماڭىمەن ، يولدا تىكەن بولىسمۇ .
ئازار بەرمە سەن ماڭا ، كۆكتە رەببىم باردىگەچ ،
ياخشى چىقىپتۇ ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ
مۇئەللىمنىڭ ئەسلى پۇلنى نەگە خەجلەيدىغانلىقىنى بىلۋالدۇقتە
مۇئەللىمنىڭ مائاشىنى مۇئەللىملەر ئەمەس ، باشقىلار خەجلەۋاتىدۇ ، بۇ شېئىردا دېيىلگىنى دەل باشقىلار خەجلەپ كېتىۋاتقان مۇئەللىمنىڭ مائاشىدۇر …….
مۇئاشلىقلارنىڭ تەقدىرى ئاشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئېسىل شېئىركەن مۇئەللىمگە ھۆرمەت
شېئىرنى پىچەت يېزىۋېتىپسىز جۇمۇ!
ئاپتورى : ئابدۇغىنى سېيىت ، مەن ئەمەس ……..
ياخشىكەن… مۇئەللىملەر بىر ئوقۇپ قوتۇشقا تېگىشلىك ….
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت