نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تەۋسىيەلەر | ئاساسىي مەزمۇن
بىلوگگىر بولۇش قېيىن ، بىلوگگىرنى قوللاش تىخمۇ قېيىن …..
2012-يىلى08-ئاينىڭ14-كۈنى | تەۋسىيەلەر |جەمئى 3725خەت بار | 635 قىتىم كۆرۈلدى+ | 3پارچە ئىنكاس بار

يۈكسەل بىلوگى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئالدىنقى يىللىق 10چوڭ بىلوگنى تاللاش پائالىيىتى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلارنى يۈكسەل بىلوگى قاتارلىق بىر قانچە بىلوگ ۋە تور بەتتىن كۆرگەن ھەمدە مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇيغۇر بىلوگچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە يار يۆلەك بولغان يۈكسەل ئەپەندىم قاتارلىق ، مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن بايراقدارلىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولغان ئىدىم ......
مانا ، بۇ يىلمۇ بۇ كاتتا خەۋەرنى ئاڭلاپ يەنىلا ھاياجانلانماي تۇرالمىدىم ......
بۇ ھەقتە مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى ئۇن-تېنسىز سەرپ قىلىۋاتقان قىرىندىشىم ئۇيغۇر بەگ ئۆز تۇراسىدا بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ :«ئون چوڭ ئۇيغۇرچە بلوگ پائالىيىتى- ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان بىر پائالىيەت بولۇپ، بىر ھېسابدا ئۇيغۇر بلوگلىرىنى تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپدىن ئۇيغۇر بلوگداشلارغا بىرىلگەن مەدەت ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بېرىش مەيدانى، ئۆزىنى تونۇتۇش سەھنىسى ئىدى........ » ، دېمىسمۇ شۇنداق ، ئۇيغۇر بىلوگلىرى تەرەققىياتقا ، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى قوللاشقا مۇھتاج !
پائالىيەت ئالدىنقى يىللاردا يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ۋە تەشكىللىنىپ كەلگەن. بۇ يىلدىن باشلاپ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللەش ھوقۇقى دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق بېكەتلەردىن بىرى بولغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بېكىتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
پائالىيەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجىسى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش » ژۇرنىلى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: بىلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بىلوگگىرلار ياكى تورداشلار ئۆز بىلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بىلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ: دەسلەپكى 20 بىلوگنى تاللاش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئىتى نامزات بىلوگلار ئىچىدىن 20 بىلوگنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ: 10 نادىر بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا دەسلەپكى تاللاپ چىقىلغان 20 بىلوگقا تورداشلار بېلەت تاشلاپ، 10 نادىر بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ. بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئۇيغۇرلاردىكى 2012–يىللىق 10 نادىر بىلوگ» بىرلا ۋاقىتتا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى ۋە ئۇزبىلوگ ئۇلىنىش بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولسا ، مۇشۇ پائالىيەتنى قانداق قىلىپ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق ۋە كۆڭۈلدىكىدەك ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن پىكىر-تەكلىپ قوبۇل قىلىش باسقۇچى بولۇپ ، كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزلۈشىگە قارىتا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايماسلىقىنى ، قوللاپ-قۇۋەتلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن !!!
پىكىر-تەكلىپ بىرش جەھەتتە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«1. يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
2. 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق بولسا مۇۋاپىق؟
3. پائالىيەتنى ئىقتىسادىي، ماددىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللاپ بېرەلەمسىز؟ قوللىسىڭىز قايسى شەكىلدە، قانداق قوللايسىز؟
4. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باھالاش نەتىجىسى قانداق بولغاندا تېخىمۇ نوپۇزلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولىدۇ؟
5. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟
… … …
يۇقىرىقى سوئاللارغا ئائىت ۋە ياكى مەزكۇر پائالىيەتكە ئالاقىدار ھەرقانداق تەكلىپ–پىكىرىڭىز بولسا، دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىز ۋە قاتنىشىشىڭىز بولغاندىلا، بۇ پائالىيەت تېخىمۇ ئادىل، تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەنگۈسى!».......
شۇڭا ، كونىلار :«ئىش ئۆملۈكتە ، كۈچ بىرلىكتە» ، «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» ، «كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس» .....دېگەن . پەقەت سىز بۇ جەھەتتە قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپىڭىز ۋە كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئايىمىسىڭىزلا بۇ پائالىيەت ئۈچۈن تۆھپە قۇشقان بولسىز . ئەگەر قوللاش نېيىتىڭىز بولسا ، تۆۋەندىكى ئادرىسىتىن كىرىپ ، پىكىر-تەكلىپ بىرىش پائالىيتىگە قاتناشقايسىز .


مۇناسىۋەتلىك يازما ۋە مەنزىل:


1.شىركىتىمىز «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» تەشكىللەش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

مەنزىل: http://bbs.xjcfan.com/thread-2732-1-1.html

2.«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدەدەسلەپكى لايىھە (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)

مەنزىل: http://bbs.xjcfan.com/thread-2977-1-1.html

3. 10 چوڭ بىلوگ تەشۋىقات رەسىملىرى

مەنزىل:  http://bbs.xjcfan.com/thread-2981-1-1.html

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى باھايىڭىزنى تاللاپ باقمامسىز ؟

قالتىسكەن ياخشى ئادەتتىكىچە پايدىسىز چۈشەنمىدىم ئەخلەت

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 3 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :3 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. پاساھەت 2012-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم بلوگچىلارغا خالىس ياردەم بېرىپ ، ھەقسىز ئېسىل ئۇسلۇپلارنى تارقىتىپ كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىسىز سىزنىڭ ھەم بۇ پائالىيەتتە ماختىلىشقا تېگىشلىك نادىر بلوگگىرلاردىن بولۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

    2. ۋەھىمە 2012-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ھەق گەپ قىلدىڭىز ، كىچىچە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا تەلمۇرۇپ ئولتۇرۇپ قەيەردىن ياخشىراق يازما چىقاكىن ، قايسىنى چىقارسام بوللاركىن دەپ ئادەم قىنىلىپ كىتىدۇ ،
      يەنە بىر گەپ نى دىسەم ، ئىلمى يىزىلغان ئىنكاس ئادەمنى بولەكچىلا روھلاندۇرۇپ قويدىكەن

    3. ئەلگە نەپ 2012-يىلى08-ئاينىڭ14-كۈنى |  3-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      :sad:

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !