نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
كۆرۈنۈش تىزىملىكى-باشتېمىلار(ئۇسلۇب قاچىلاش )
2013-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 3526خەت بار | 622 قىتىم كۆرۈلدى+ | 3پارچە ئىنكاس بار

WordPress تە بىلوگ قۇرۇش ئۈچۈن :
1. WordPress سېستىمىسىنى بوشلۇققا (مەيلى ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن ) يوللاش .
2. WordPress سېستىمىسىنى قاچىلاش (http://blog name/wp-admin/install.php)
3. WordPress تا قۇرغان بىلوگىمىز ئۈچۈن ئۇسلۇب (چاپان) قاچىلاش تولىمۇ زۈرۈر .
WordPress نى دەسلەپ قاچىلىغاندا ، سېستىمىغا قېتىپ قويۇلغان ئۈچ دانە ئۇسلۇب بىللە قاچىلىنىدۇ . مۇشۇ ئۈچ ئۇسلۇبنىڭ بىرىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ، باشقا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب بەتلىرىدىن ھەقلىق ۋە ھەقسىز تەمىنلەنگەن ئۇسلۇبلارنى ئۆز ئىتىياجىڭىز ۋە قۇربىتىڭىزگە قاراپ ، تاللاپ چۈشۈرۈپ ، قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەگەر بىلوگ قۇرۇشتا باشقىچە ئالاھىدە تەلىپىڭىز بولمىسا ، ئەسلىدىكى سېستىما تەمىنلىگەن ئۈچ دانە ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ (خالىغان بىرى ) بىلوگ قۇرىۋىرىڭ .
WordPress سېستىمىسىنىڭ دۇنيا بويىچە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشگە ئىرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ، ئۇنىڭ ھەقسىز بولۇشىدىن باشقا ، ئۇسلۇبلىرىنىڭ ۋە ئۇسلۇب مەنبەسىنىڭ موللۇقى ، قېستورمىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ئاساسىي سەۋەب بولسا كېرەك .
شۇنداق بولغان ئىكەن ، ئەگەر بىلوگ كورۇنمە يۈزىمۇ ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان شەكىلدە بولسۇن ، دېسىڭىز ؛ WordPress نىڭ مىڭلىغان ئۇسلۇبلىرى ئىچىدىن بىرنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ تامامەن بولىدۇ .
تۆۋەندە WordPress تە قۇرغان بىلوگلار ئۈچۈن ئۇسلۇب قاچىلاش تەپسىلى چۈشەندۈرلىدۇ .
ئۇسلۇب قاچىلاشنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇلى بار . بۇنىڭ بىرى بىلوگ ئارقا سۇپىسىدىن قاچىلاش ، يەنە بىرى FTP قورالى ئارقىلىق قاچىلاش .
بىز ئالدى بىلەن بىلوگ ئارقا سۇپىسىدا ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى :
بىلوگ ئارقا سۇپىسىغا كىرگەندىن كېيىن ، ئوڭ تەرەپ تىزىملىكلەر قاتارىدا ، «كۆرۈنۈش»دېگەن تىزىملىكنى ئۇچرىتىمىز . يەنى رەسىمدىكىدەك :

01

بۇ تىزىملكتىن «باشتېمىلار»دېگەن تىزىملىككە كىرىمىز . كىرسەك ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ .

1
WordPress نى دەسلەپ قاچىلىغىنىمىزدا ، باشتېمىلار قاتارىدا ئۈچ دانە ئۇسلۇب بولىدۇ . مەن ئىشلىتىدىغان ئۇسلۇبنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغىنىم ئۈچۈن ، ئىشلىتىدىغان ئۇسلۇبنىلا ئېلىپ قىلىپ ، سېستىما تەمىنلىگەن باشقا ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرۋەتتىم . شۇڭلاشقا ، باشتېما باشقۇرۇش كۆزنىكىدە پەقەت بىر تاللا ئۇسلۇب كۆرۈنىدۇ .
بىز ئۇسلۇب قاچىلىماقچى بولغىنىمىز ئۈچۈن ، باشتېما باشقۇرۇش كۆزنىكىنىڭ يان تەرىپىدىكى «باش تېما قاچىلاش»كۆزنىكىگە كېرىمىز . يەنى رەسىمدىكىدەك :
2
بىزنىڭ مەقسىتىمىز ، كومپىيۇتىرىمىزدا بار بولغان ئۇسلۇبنى WordPress قاچىلانغان بوشلۇقنىڭ ئۇسلۇبلار مۇندەرىجىسىگە يۈكلەشتۇر .
شۇنداق بولغان ئىكەن ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىمىز :
3
داۋاملاشتۇرىمىز :
4
داۋاملاشتۇرىمىز ، رەسىمدىكى ئېستىرىلكا كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە توختاۋسىز داۋاملاشتۇرىمىز :
5
داۋاملاشتۇرىمىز :
6
بۇ باسقۇچتىن كېيىن ، ئىشلەتكىلى بولىدىغان باش تېمىلار قاتارىدا يىڭىدىن بىز قاچىلىغان ئۇسلۇب كۆرۈنىدۇ . يەنى رەسىمدىكىدەك :
7
ئاندىن يىڭدىن قاچىلىغان ئۇسلۇب ئاستى قىسمىدىكى قوزغىتىش تىزىملىكىنى چىكىش ئارقىلىق ، ئۇسلۇبنى قوزغىتىپ ، ئۇسلۇبقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارساق بولىدۇ .
يۇقارقىسى بولسا ، بىلوگ ئارقا سۇپىسىدىن ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى ، ئەمدىكىسى بولسا .....ئەمدى بىر ئاز ئېلان چىكەيلى ، ئېلاندىن كېيىن ، ئاساسلىق مەقسەت ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ ....
يەنە بىر ئۇسۇل بولسا FTP قورالى ئارقىلىق ئۇسلۇب قاچىلاشتۇر .
بىلوگ قۇرغانلارنىڭ FTP قورالىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغىنى يوق ، ئەگەر بىلمىسىڭىز ، «FlashFXP قورالى ئارقىلىق WordPressنى بوشلۇققا يۈكلەش» نامىلىق بۇ تېمىنى كۆرسىڭىز ، FTP قورالىنى ئىشلىتىشنى بېلىپ قالىسىز .
FTP قورالى ئارقىلىق ، ئۇسلۇبنى بوشلۇقتىكى ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىگە قاچىلاشتا ؛ wp-content/themes/ مۇندەرىجىسى ئىچىگە ئەسلى ئۇسلۇبنى پىرىستىن يېشىپ ، ھۆججەت خالتىسى ئارقىلىق قاچىلاپ قويسىڭىز بولىدۇ . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
8
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا : ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك ، ئۇسلۇبنى ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىگە ئۇسلۇبنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆججەت خالتىسى بىلەن بىللە قاچىلايمىز ، ھەم قاچىلاش جەريانىدا ،ھۆججەت خالتىسى سىرتىدىكى ئاۋۇ بىر تال «index.php» ھۆججىتىنى ئۆچۈرۋىتىشتىن ساقلىنىڭ . ئاشۇ بىر تال ھۆججەت بولمىسا ، ئۇسلۇبىڭىزنى قوزغىتالمايسىز .
شۇنىڭ بىلەن بۇ يازما مۇشۇ يەردە تامام . چۈشەنمىگەن نوقتىلار بولسا ، ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرساڭلا ، مەسلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن .
ئەڭ ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغان بىر ئىش ، بەزى ئۇسلۇبلار بىلوگ ئارقا سۇپىسىدىن قاچىلاشنى قوللىماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما كېرەك يوق ، بۇنداق جاھىل ئۇسلۇبلارنى FTP قورالى ئارقىلىق قاچىلاش ئۇسۇلىدا قاچىلاپ ئىشلەتسەك ، يەنە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز .

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 3 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. تەنھا يىگىت Sweden Mozilla Firefox Windows : 2013-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنى05:40:46  1-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىز ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تارقىتىپ بەك ياخشى قىلىۋاتىسىز، مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ مىننەتتارمەن.
      مەن بىر توربەت قۇرغان ئىدىم، بوشلۇق ئېلىش، سېستىما قاچىلاش، ئۇسلۇب ئورنىتىش دېەەندەك ئىشلارنى بىرەر قۇر قىلىپ بولدۇم. مېنىڭ قىلالمايۋاتقان ئىشىم بولسا ئۇسلۇبقا ئۇيغۇرچە فونت يەنى ( EOT ) قاچىلاش ئىشىدا بېشىم بەك قاتتى. ( EOT ) نى ياسىدىم ئەمما قايەرگە قويۇشنى بىلەلمىدىم. بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر دەرسلىك قىلىپ تارقاتقان بولسىڭىز. مۇنبەرلەردە ( EOT ) ياساش دەرسى يامان كۆپكەن، ئەمما ياسىغان ( EOT ) ھۆججىتىنى قايەرگە قويۇش ۋە كودىنى قايسى ھۆججەتكە چاپلاشقا كەلگەندە بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بولمىغانلىقتىن قىينىلىپ قېلىۋاتىمەن.
      بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.

    2. دوغاپ China Google Chrome Windows : 2013-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى16:32:54  2-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ھەقىقەتەنمۇ تەپسىلىي يازما بوپتۇ جۇمۇ! ساۋادلىقلا ئادەم بولسا قىلىۋەتكۈدەك…

      • مۇئەللىم China Google Chrome Windows : 2013-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى16:34:32  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        مۇشۇنداق تەپسىلى يازمىسا ، قاراپ تۇرۇپ ھورۇنلۇق قىلىپ سۇئال سورايدىغانلار يەنە چىقىدىكەن . شۇڭا ، مۇشۇنداق تەپسىلى يېزىشنى ئۆگەندىم .

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !